بىر كومپىيۇتېرنىڭ سېستىمىسىنى ئوڭشىغان ئىدىم، سېستىما ئېغىر دەرىجىدە ۋىرۇسلانغان ئىكەن، قايتا قاچىلاشقا بولمايدىكەن، چۈنكى ئىچىدە مۇھىم بىر سېستىما قورالى بار بولۇپ، قاچىلاش پروگراممىسىنى يوقىتىپ قويغان ئىكەن. بىر قاتار ۋىرۇس تازىلاش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن سېستىما قايتا قوزغالدى، ئەمما قارشى ئېلىش كۆزنىكى چىقىپلا رويخەت تىزىملىتىش رامكىسىغا قايتىپ كەتتى يەنى (注销). ۋىرۇس تازىلاش باسقۇچىدا userinit.exe ناملىق بىر ھۆججەتنى ئۆچۈرگەن ئىدى، بولماي مەۋھۇم سېستىما قورالى ئارقىلىق كومپىيۇتېر سېستىمىسىغا كىردىم، ئۆزەمدىكى سېستىما بىلەن سېلېشتۇرسام دىگەندەك C:\WINDOWS\system32 مۇندەرىجىدە userinit.exe ناملىق ھۆججەت كام ئىكەن. مەن دەھال بارماق دېسكا ئارقىلىق بۇ ھۆججەتنى كۆچۈرۈپ قاپلىۋەتتىم، قايتا قوزغاتسام نورمال قوزغالدى. ئەگەر بېشىڭىزغا كېلىپ قالسا پايدىلىنىڭ.
ئىز تورى www.iz.la
يەنە بىر ئىش: بۇ كومپىيۇتېرنىڭ Windows Media Player قويغۇچىسىنى قوزغاتقان ھامان ئىچكى پروگرامما خاتالىق ئۇچۇرى (内部应用程序错误) ئەسكەرتىلىپ، نورمال ئىشلىمىدى.ئىزدەش تورلىرىدىن ئىزدەش ئارقىلىق ئىجرادا regsvr32 jscript.dll نى بىر قېتىم ئىجرا قىلىۋەتكەندىن كىيىن بۇ مەسىلىمۇ ھەل بولدى