ئۇيغۇرلاردىكى قول يۇيۇش مەدەنىيىتى

ۋاقتى:2011-05-22 12:40مەنبە: تەھىرىر:رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
   ئۇيغۇرلار-- كۆپ مەنبەلىك، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىمە مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ھەتتا دۇنيا مەدەنىيىتىگە بەلگىلىك تەسىر  كۆرسەتكەن قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى. قول يۇيۇش مەدەنىيتى ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدا ئۇزاق زامانلاردىن بېرى داۋاملىشىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ كېلىۋاتقان بىر خىل ئېسىل مەدەنىيەت ۋەئەنئەنە ھېساپلىنىدۇ.                                                                  
ئىز تورى www.iz.la

   قول يۇيۇش- ئۇزاق تارىخقا ئىگە بىر خىل ئېسىل ئەنئەنە بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تازىلىققا- پاكىزلىققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ روشەن گەۋدىلىنىشى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كونكىرېت ئىپادىلىنىشىدۇر.
   ئۇيغۇرلار تازىلىق- ساغلاملىقنىڭ ئانىسى، بارلىق گۈزەللىكنىڭ ئاساسى، ئىنسان تەبىئىتى ۋەئەخلاقنىڭ زىننىتى دەپ قارايدۇ.شۇنداقلا كېسەللىكنىڭ قول ئارقىلىق ئېغىزدىن كىرىدىغانلىقىنى، قول پاكىز بولسا، پۈتۈن بەدەن ساغلام، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، تازىلىققا رىئايە قىلىشنى شەرەپ، رىئايە قىلماسلىقنى نومۇس دەپ بىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن،تازىلىقنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بارلىق ئىش ھەركەتنىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئومۇمىي بەدەن تازىلىقى، يېمەك-ئىچمەك تازىلىقى،كېيىم- كېچەك  ۋە مۇھىت تازىلىقى  قاتارلىقلارغا تۈجۈپىلەپ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە شۇنداقلا قول يۇيۇشنى ئائىلە  مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمونى قاتارىدا مەركەزلىك ئورۇنغا قويۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار ھەر قېتىم ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرغاندا،ئالدى بىلەن قولىنى ئاندىن باشقا  ئەزالىرىنى يۇيىدۇ. ئاش- تاماق ئېتىش، كۆكتات ئادالاش،يېمەك- ئېچمەك تەييارلاش، ھەر خىل   باشقا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ئاۋۋال ۋە كېيىن قولىنى پاكىز يۇيىدۇ. بولۇپمۇ توي- تۆكۈن،نەزىر- چىراغ، مېھماندارچىلىق قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا قول يۇيۇش ئالاھىدە چوڭ ئىش قاتارىدا ھۆرمەت- ئېكرام بىلەن قائىدە- يوسۇنلۇق ھالدا تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىدۇ. مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ ئېلىشتا نەپس ئىشلەنگەن ئاپتۇۋا- چىلاپچىلارھازىرلىنىدۇ. ساھىبخان تەرەپتىن قولغا سۇ قويۇشقا  مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ،قولغا سۇ قويغۇچىلار مېھمانلارغا بولغان ھۆرمەت ھېسياتى بىلەن - سۇنىڭ ئىسسىق سوغۇقلىقىنى ئوبدان تەڭشەپ، ئوڭ قولىدا ئاپتوۋانىڭ بېغىنى تۇتۇپ، سول قولىنىڭ ئالقىنىنى ئاپتوۋانىڭ قورسىقىغا يەڭگىل تەككۈزۈپ، ياشتا ۋە  ھۆرمەتتە چوڭ بولغانلاردىن باشلاپ،مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئېگىلىپ تۇرۇپ، نۆۋەت بىلەن ئالدىرىماي ئۈزۈپ- ئۈزۈپ قولىغا سۇ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلە ئەزالىرى ئارا قول يۇيدۇرىدىغان ئىشلارمۇ دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. قولغا سۇ بېرىشنىڭمۇ مۇناسىپ قائىدىسى بولۇپ بار بولۇپ، ئادەتتە 3 قېتىمدىن 5 قېتىمغىچە سۇ قويۇش بويىچە داۋاملىشىدۇيەنى بېرىنچى قېتىمدا ئازراق، ئىككىنچى قېتىمدا ئوتتۇرھال، ئۈچىنچى قېتىمدا يەڭگىل،ئۈزۈلدۈرمەي سۇ قويۇش كېرەك. مەيلى قانداق جايدا بولسۇن كىچىكلەر چوڭلارنىڭ، پەرزەنتلەرئاتا-ئانىلارنىڭ قولىغا سۇ قويىدۇ ۋە بۇمۇ ئوخشاشلا يۇقىرقى قائىدە- تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەر قېتىملىق قول يۇيۇشلاردىن كېيىن، پاكىز لۆڭگە بىلەن قول سۈرتىلىدۇچۈنكى، ئۇيغۇرلار قويۇق تاماق ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى پاكىزە قول بىلەن يېيىشنى كىچىكىدىن باشلاپ ئادەت قىلغان بولۇپ، بۇنداق يېيىلگەن تاماقنىڭ تەمى قوشۇق ۋە چوكا بىلەن يېيىلگەن تاماققا قارىغاندا تاتلىق ۋە يېيىشلىك بولۇپ، كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قول يۇيۇش مەدەنىيىتى ئەنئەنىۋىلىككە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇرلار ئادەتتە ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە ئوڭايلىقچە گىرىپتار بولمايدۇھەمدە بۇنىڭ خاسىيىتى تەن قۇرۇلۇشى،چىراي گۈزەللىكى،روھىي كەيپىياتى جەھەتلەردىنمۇ گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىمىز ھەتتا دۇنيا بويىچىمۇ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈدىغان مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىمۇ قول يۇيۇش ئاساس قىلىنغان تازىلىق مەدەنىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، دەپ قاراشقا بولىدۇ.   
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

(ئۇيغۇر ئۆرىپ-ئادەتلىرى دېگەن كىتاپتىن تەييارلاندى
خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(7)
87.5%
ئالقىشلايمەن
(1)
12.5%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئۇيغۇر بىناكارلىق نەققاشلىقى

    ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش سەنئىتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ-دەريالار، دەل-دەرەخلەر، گۈل-گىياھلار، مېۋە-چېۋىلەر ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەندەك باشقا، تۇرمۇش بۇيۇملىرىغىمۇ تېگىشلىك ئورۇن بېرىلگەن. ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ نەق...

  • ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچىمەك مەدەنىيتى(كاۋاپ)

    غالىب غوجىئابدۇللا مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ تۇرمۇش شەكلى، تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادىتى، كىيىم-كېچىكى ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ روشەن خاسلىقنى ساقلاپ...

  • كۇچا پىچاقلىرى

    گۆھەر زېمىن كۇچا ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپ تۈرلۈك مەدەنىيەت، ھۈنەر-سەنئەتنىڭ بۇلىقى، ناخشا-ئۇسسۇل، كۈي يۇرتى دەپ ئاتىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ قايچا-پىچاقلىرى بىلەنمۇ داڭلىق. خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە كۇچانىڭ قايچا، پىچاق، خەنجەر، قىلىچلىرىنى يىپەك ي...

  • ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرىنىڭ بىرى(مەشىرەپ)

    مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، كۆڭۈل ئىچىش خاراكتىرىدىكى ، قۇيۇق سەنئەت تۈسىگە ئىگە ئۇنۋىرسال ئاممىۋى پائالىيەت . مەشرەپنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە باشقۇرۇلىشى بىر قەدەر كۆنۈككەن ئادەت ۋە ئىجىتمائىي ئەخ...

  • چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر

    ئۆز دىيارىمنىڭ خاسلىقى ۋە خەلىقلىرىنىڭ مىھماندوست،ئاددى-ساددا...

  • دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئون مومىيا

    1. فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى: فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مومىيا . ئۇنىڭ بايقىلىشى خۇددى ۋاشىڭتون،لىنكولىن، ئالىكساندىر ياكى كېلىئوپاترالارنىڭ مومىياسىنى بايقىغانغا ئوخشاش دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى13-ئەسى...

  • قەشقەر دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمقى مەدەنىيەت توپلاشقان جاي

    ...

  • قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل

    قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل بۇرۇن تارتىلىغان رەسىمى رەسىم 1...

  • شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

    ئابدۇكېرىم ياقۇپ شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئالدى دەرۋازىسى      شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ تارىخىنى ئەڭ بۇرۇن بولغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈي يىللىرى ( 1879 – يىلى) غىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەينى چاغدا قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسى بېيجىڭدا...

  • باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى

    ئۆركەش جاپپار      2008 – يىلى ئۆكتەبىردە باي ناھىيىسىگە مۇخبىرلىققا بېرىپ، باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە مۇۋەپپەق بولدۇم. شۇ كۈنلەردە ناھىيىدە ‹‹غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى›› ئېچىلغان...

  • يارغول قەدىمىي شەھىرىدىكى سىرلار

             ·يارغول قەدىمىي شەھىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ 10 كىلومېتىر غەربىدىكى ئىككى دەريا قىنى ئوتتۇرسىغا جايلاشقان كىچىك ئارال . ئۇنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 1760 مېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، 300 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئارالنىڭ ئەترا...