ئەنئەنىلەردىن ياتلاشماڭ

ۋاقتى:2011-05-09 18:10مەنبە: تەھىرىر:گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم
  

ئەنئەنە دېگەن سەن ئۆزۈڭ شۇ،سېنىڭ بارلىقىڭ شۇ ئەنئەنە بىلەن يۇغۇرۇلغان،شۇ ئەنئەنە مۇھىتىدا ئۆزۈڭىنى ئادىمىيلىككەۋە ئۆزۈڭگە ئايلاندۇردۇڭ.ئۇنداق ئىكەن ،ئەگەر سەن ئۆزۈڭنى سۆيسەڭ.ئەنئەنىنى سۆيۇشۇڭ كېرەك.ئەنئەنىدىن مەھرۇم بولساڭ،ئۆزۈڭدىن مەھرۇم بولىسەن؛ئەنئەنىدىن ئايرىلىساڭ،قىپىيالڭاچ قۇرۇق گەۋدىگە ئايلانغان تىرىك جەسىسەتكە ئوخشايسەن.سېنىڭ ئۇچاڭدىكى كىيىم-كېچەكمۇ،روھىڭىمۇ ئالدىڭدىكى غىزالارمۇ،ئۆي-ماكانىڭ ۋە باغ بارانلىرىڭىمۇ مانا شۇ ئەنئەنىدىن  كەلگەنغۇ،ھەرگىزمۇ دەۋىرنىڭ ئۆزگىرىشى،زاماننىڭ يۈكسېلىشى سېنىڭ  ئىلىغار قىممەتلىك ئەنئەنىدىن ئاينىش زۆرۈرىيىتىنى تۇغدۇرمايدۇ.ئاينىشىنىڭ ئۆزىنى ھېچ كىم تەرەقىيات دېمەيدۇ.بەلكى ئۇ  ئۆزىنى ئۆزى يوقىتىش دەيدۇ.پەقەت روھىي جەھەتتىن زەيئىپلەشكەندىلا ،سېنىڭ روھىڭ سېنىڭ توغرا ياشاش يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەندىلا ،ئاشۇنداق ئاينىش،ئۆزۈڭنى كۈتۈش،قارىغۇلارچە باشقىلارغا چوقۇنۇش يولىغا كىرىسەن.ئەگەر سەندە ئۆزۈڭگە بولغان ئىشەنچ،مىللىتىڭىگە بولغان يۈكسەك ھۆرمەت،ئۆزۈڭگە بوغلان چوڭقۇر مۇھەببەت پارلىغاندا،ياتلارغا سايىدەك ئەگەشمەي،زامانغا يارىشا روھىڭىنى يۈكسەلدۈرسەن،ئۆزۈڭنى تېخىمۇ چوڭقۇر قازىسەن ،ئۆزۈڭىنى دەۋرگە يارىشا تەرەقىقىي قىلىدۇرىسەن.نادان كىشىلەرلا ئاينىشىنى،ياتلىشىشىنى مەدەنىيەت ،تەرەقىيات دەپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ،مەنىۋىي جەھەتتىكى چۈشكۈنلىشىشىنى ئەركىنلىشىش دەپ داراڭ سالىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

سەن ئۆزۈڭنى ئىنتايىن ئىلىغار،ئىنىسانىيەت تارىجىدا تەڭداشىسىز پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان خەلقىنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالما.قەدىمىكى بوۋىلىرىمىز شۇ ئۇزاق تارىخي مۇساپىدە تۇرمۇشىنى بېيىتىپ،ھايات پائالىيىتىنى مەنىلەر بىلەن بېزەپ،ئۆزلىرىگە خاس مىللى خاسلىقىنى نامايەن قىلىپ،ئۆزىگە خاس مىللىي ئەنئەنىنى بارىلىققا كەلتۈرۈپ،ئۇنى ھەرقايسى دەۋىرلەرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن تېخىمۇ بېيىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ،ئۇنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسىرىغاندەك ئاسىراپ،تارىخىنىڭ دەھشەتلىك بوران-چاپقۇنلىرىدىن ئامان-ئېسەن ساقلاپ،سېنڭ دەۋرىڭىگە ئۇۋلاپ بەردى.ئۇنىڭىغا خەلقىمىزنىڭ گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرى،غايىۋى تىلەكلىرى ۋە مىللى روھى مۇجەسىسەملىشىپ،جەلىپكار قىياپەتتە دۇنيا خەلقىنىڭ كۆزىنى چاقناتقانىدى.سىلەر كەلگەندە بەزىڭىلارغا بۇ ئۇلۇغۋار ئەنئەنىنىڭ نەرى پۇتلاشتى؟قايسى تەرىپى سېنىڭ تەرەققىيات يولۇڭغا پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتىدۇ،سەن ئوبدان سەپسېلىپ قاراپ باققىن،ئاياللارنىڭ كىيىنىشلىرىدىن ياسىداق تۇزنىڭ قىياپىتىنى كۆرىسەن،چاچلىرىدىن مەجنۇنتالىنىڭ ئەندازىنى ئالىسەن.ئەتلەسىلەردىن زېمىنىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ،يامغۇردىن كىيىنىكى ھەسەن-ھۆسۈنىنىڭ جىلىۋىسىنى كۆرىسەن.قىز-چوكانلىرىمىزنىڭ تويدا يۈزىگە ياپقان گىجىملىرىدىن ئىپپەت ۋە ھايانى،تۇرمۇشىنىڭ ھايا پەردىسى ئۈستىگە قۇيۇلىسا تېخىمۇ جەلىپ قىلىش كۈچى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىشارەتلىك ئىپادىنى كۆرسەن،خەلقىمىزىنىڭ ھەر بىر مىللىي ئادەتلىرى مىللەتنىڭ روھى بىلەن ئاشۇنداق يۇغۇرۇلىغان،ئۇلارنىڭ گۈزەللىك ئېڭى ئۆي-تورۇسىلىرى،تارماق-غىزالىرىغىچە سىڭىپ كەتكەن،بۇنداق ئۇلۇغۋارلىقىنى باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىدىن تاپالمايسەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بىز خەلقىمىزدىن تامامەن پەخىرلىنىشىكە ھەقىلىقىمىز،سەن ئۇنىڭ ئەجدادى بولغانلىقىڭ ئۈچۈن تامامەن ئىپتىخالىنىشىقا ھەقىلىقسەن.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بىراق،ئەجدادلىرىڭىنىڭ تارىخىتا ياراتقان مەدەنىيەت  جەھەتتىكى مۇۋاپىقىيەتلىرى پەقەتلا شۇلارغا مەنسۈپ،ئۇ ھەرگىزمۇ سېنىڭ نەتىجەڭ بولالمايدۇ.سەن دېدىڭ ھازىرقى دۇنيادا بىز تولىمۇ كەينىدە قالدۇق،دەپ بۇنداق چىكىنىشىنى كۆرۈۋاتقان،تارتىۋاتقان مەھرۇملۇقلىرىڭىزنى ئەجدادلارغا ئارتىپ قويما،بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزۈڭدىن  ئاختۇرۇپ باققىن.سەن نېمىلەرنى بىلىدىڭ؟نېمىلەرنى ئۆگەندىڭ؟نېمىلەردىن مەھرۇم بولدۇڭ؟ئويلاپ باققىن، خەلق ئارىسىدا ياخشىلارمۇ بولىدۇ،يامانلارمۇ بولىدۇ،ئىلىغارلامۇ بولىدۇ،قالاق-قاشىشاقلىرىمۇ بولىدۇ.خەلقنىڭ ئىچىدىكى قاتلىمىدا يۇرتپەرەسلىك،مەنمەنچىلىك،تەپرىقچىلىك،،مەنپەئەرەسلىك،تەمەخولۇق قاتارلىق نۇرغۇن ئىللەتلەر ساقلىنىپ تۇرۇپتۇ،بۇ ئىشىلارنى خەلققە ئارتىپ قويساڭ  ئورۇنلۇق بولمايدۇ.بۇ ئەمەلىيەت ئۇلارنىڭ گۇناھى ئەمەس،بەلكى ئۇلار مۇنتىزىم تەربىيلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغان،شۇڭا،يامانلارنىڭ گۇناھى ياخشىلارنىڭىمۇ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ.سەن ئەگەر ياخشى بولساڭ نېمە ئۈچۈن يامانلارغا يول قويسەن؟يامانلارنى توسۇپ ياخشىلىق تەرەپكە تارتىمايسەن؟سىلەر ئورتاق مەنىپىئەتنى نەزەردە تۇتۇپ،ھەرگىز بىر-برىڭىلارنى چەتكە قاقماڭلار.بۇنداق قىلىساڭ ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ كاچاتلىغان بولمامدۇ؟قايسى تۇرتلۇق بولسا ئۇ سېنىڭ قېرنداشلىرىڭغۇ ؟.كەمبەغەللەر بولسۇن،بايلار بولسۇن،ئالىمىلار بولسۇن ،نادانلىرى بولسۇن،ياخشىلىرى بولسۇن،ھەممىسى سېنىڭ ئاكا-ئۇكا،ئاچا- سىڭىلىرىڭىغۇ؟شەرەپلىك ئىشىلارنى قىلغان ئادەم خەلققە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ،يامان.ۋىجىدانغا خىلاپ ئىشىلارنى قىلغان ئادەم خەلققە ھاقارەت ئېلىپ كېلىدۇ.شۇڭا،مىللىتىڭىگە مەسئۇل بۇلۇشىنى بىل. ياخشىلارنى قوللا،يامانلارغا ياردەم بىرىپ ،ياخشى يولغا تىكلەشكە تىرىشقىن .يەنىلا ياخشى ئادەملەر بىلەن ئادەملەردىن كۆپقۇ؟

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

بىر ئادەمىنىڭ ياخشى تەرەپلىرى بىلەن بىرگە يامان تەرەپلىرىمۇ بولغانغا ئوخشاش،مىللەتنىڭىمۇ ياخشى،ئىلىغار تەرەپلىرىمۇ بولغانغا ئوخشاش،مىللەتنىڭ ياخشى ئىلغار تەرپىمۇ ۋە يامان تەرەپلىرىمۇ،قالاق تەرەپلىرىمۇ،ئېسىل ئەنئەنىگە كۈشەندە بولىدىغان ناچار ئەنئەنسىمۇ بولىدۇ.ناچار ئەنئەنە سېنىڭ تەرەققىيات يولۇڭدىكى بىر ئېزىتقۇ،تەرەققىياتىڭىغا،ئىسىتقبالىڭىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان بىر قىسىم ناچار ئەنئەنىلەردىن ئىككىلەنمەي ۋاز كەچكىن،ئۇ ساڭا ھەر قاچان زىيان سېلىشى مۇمكىن،گۈزەل قىممەتلىك ئەنئەنىدىن ۋاز كەچمە،ئېسىل ئەنئەنىدىن ۋاز كەچسەڭ،چۇقۇم يامان تەقدرىنىڭ قولىغا تۇتۇلىسەن،ئېسىل ئەنئەنە سېنىڭ كيىنىكى تەرەقىياتىڭ ئۈچۈن ئۇل بۇلۇپ بېرىدۇ .ئېسىل ئەنئەنىدىن چەكلەشكەندە،ناچار ئەنئەنىدىن چەتلەشكەندە،ناچار ئەنئەنىدىن ۋاز كەچكۈلۈك ئەمەس.ئەگەر ئۇنداق بولسا،ۋەتەندىن كونا دەپ ۋاز كېچىش كېرەكمۇ؟ئاتا-بوۋىلىرىڭىمۇ قېرىپ كونىرىدى دەپ ئۇلاردىن چەك-چېگىرىنى ئاجىرىتىش لازىمىمۇ؟سېنىڭ روھىڭىدىمۇ خەلقىمىزنىڭ قەدىمىكى روھى،تېنىڭىدىمۇ قەدىمىكىلەرنىڭ قېنى مەۋج  ئۇرۇپ تۇرۇپتىغۇ،سەن ئۇنىڭىدىنمۇ كونا دەپ ۋاز كېچەلەمسەن ؟بۇ ھەقىقەتنى چۈشەنگەن بولساڭ،ئۆزۈڭگە تەئەللۇق نەرسىلىرىڭىنى  قوغداش ئۈچۈن جان پىدا قىل.خەلق ئۇلۇغ،ئۇلار ئېسىل،قىممەتلىك نەرسىلەرنى تاللۋېلىپ  قەلب سارىيىدا ساقلايدۇ ۋە ئەۋلادلىرىغا مىراس قىلىپ قالدۇرىدۇ.ئەجدادلار ئامانەت قىلىپ قالدۇرغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈش ئاسىيلىق بولىدۇ،بىلىگىنىكى،بىغۇبار نەرسىلەر ھەر قانداق ئەلدە ئەزىزلىنىدۇ. copyright by www.iz.la

مەنبە؛ئۆزۈزىڭىزنى تونۇڭ ئىز تورى بەك ياخشى

خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(1)
50%
ئالقىشلايمەن
(1)
50%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئۇيغۇر بىناكارلىق نەققاشلىقى

    ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش سەنئىتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ-دەريالار، دەل-دەرەخلەر، گۈل-گىياھلار، مېۋە-چېۋىلەر ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەندەك باشقا، تۇرمۇش بۇيۇملىرىغىمۇ تېگىشلىك ئورۇن بېرىلگەن. ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ نەق...

  • ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچىمەك مەدەنىيتى(كاۋاپ)

    غالىب غوجىئابدۇللا مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ تۇرمۇش شەكلى، تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادىتى، كىيىم-كېچىكى ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ روشەن خاسلىقنى ساقلاپ...

  • كۇچا پىچاقلىرى

    گۆھەر زېمىن كۇچا ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپ تۈرلۈك مەدەنىيەت، ھۈنەر-سەنئەتنىڭ بۇلىقى، ناخشا-ئۇسسۇل، كۈي يۇرتى دەپ ئاتىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ قايچا-پىچاقلىرى بىلەنمۇ داڭلىق. خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە كۇچانىڭ قايچا، پىچاق، خەنجەر، قىلىچلىرىنى يىپەك ي...

  • ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرىنىڭ بىرى(مەشىرەپ)

    مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، كۆڭۈل ئىچىش خاراكتىرىدىكى ، قۇيۇق سەنئەت تۈسىگە ئىگە ئۇنۋىرسال ئاممىۋى پائالىيەت . مەشرەپنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە باشقۇرۇلىشى بىر قەدەر كۆنۈككەن ئادەت ۋە ئىجىتمائىي ئەخ...

  • چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر

    ئۆز دىيارىمنىڭ خاسلىقى ۋە خەلىقلىرىنىڭ مىھماندوست،ئاددى-ساددا...

  • دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئون مومىيا

    1. فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى: فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مومىيا . ئۇنىڭ بايقىلىشى خۇددى ۋاشىڭتون،لىنكولىن، ئالىكساندىر ياكى كېلىئوپاترالارنىڭ مومىياسىنى بايقىغانغا ئوخشاش دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى13-ئەسى...

  • قەشقەر دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمقى مەدەنىيەت توپلاشقان جاي

    ...

  • قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل

    قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل بۇرۇن تارتىلىغان رەسىمى رەسىم 1...

  • شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

    ئابدۇكېرىم ياقۇپ شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئالدى دەرۋازىسى      شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ تارىخىنى ئەڭ بۇرۇن بولغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈي يىللىرى ( 1879 – يىلى) غىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەينى چاغدا قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسى بېيجىڭدا...

  • باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى

    ئۆركەش جاپپار      2008 – يىلى ئۆكتەبىردە باي ناھىيىسىگە مۇخبىرلىققا بېرىپ، باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە مۇۋەپپەق بولدۇم. شۇ كۈنلەردە ناھىيىدە ‹‹غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى›› ئېچىلغان...

  • يارغول قەدىمىي شەھىرىدىكى سىرلار

             ·يارغول قەدىمىي شەھىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ 10 كىلومېتىر غەربىدىكى ئىككى دەريا قىنى ئوتتۇرسىغا جايلاشقان كىچىك ئارال . ئۇنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 1760 مېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، 300 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئارالنىڭ ئەترا...