ئۇيغۇرلاردا: «بالاڭنى بىلىم ئۆگەنسۇن دېسەڭ مەكتەپكە بەر، ئادەم بولۇشنى ئۆگەنسۇن دېسەڭ مەشرەپكە بەر»، دەيدىغان ماقال بار.
بۇ يىل 11-ئايدا، ب د ت پەن، مەدەنىيەت، مائارىپ تەشكىلاتى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش بويىچە ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېت»ىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىدا، «مەشرەپ» 2010-يىلى «جىددىي قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى.
بوستانلىقتىكى «خۇشاللىق مەدھىيەسى»
سېنتەبىر كۈنلىرى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ مۇقام مەيدانىغا ئەر-ئايال، قېرى-ياش بولۇپ نەچچە يۈز كىشى يىغىلغانىدى، ھەممىسىنىڭ چىرايىدىن خۇشاللىق چىقىپ تۇراتتى، ئۇلار بۇ يەردە مەشرەپكە قاتنىشىۋاتاتتى. www.iz.la
2010-يىلى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ شىنجاڭدا چوڭ ئىش، ياخشى ئىشلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، كىشىلەر ئۆز ئۇسۇلى بويىچە خۇشاللىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقى توپلانغان جايلاردا خۇشاللىق ئىشلارغا يولۇققاندا ھەر خىل شەكىلدە مەشرەپ ئۆتكۈزىدىغان ئەنئەنە بار.
مەشرەپكە قاتناشقان كىشىلەر چەمبەر شەكلىدە سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرۇشىدۇ، مۇزىكانتلار مۇقام ئورۇنلايدۇ، مۇزىكا رېتىمى ئۇسسۇللۇق مۇزىكىغا ئۆزگەرگەندە، سورۇندىكى كىشىلەر ئۆزلۈكىدىن مەيدانغا چۈشۈپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ، مۇزىكىنىڭ تاكىت، رېتىمى ۋە سۈرئىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۇسۇلمۇ سالماق ئوينىلىشتىن قىزغىن، شوخ ئويناشقا ئۆزگىرىدۇ، كىشىلەر ئازراق چارچىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا، ناخشا - ئۇسسۇلمۇ ئاخىرلىشىدۇ. لېكىن بىر ئاز دەم ئېلىشتىن كېيىن يەنە يېڭى پەدىدىكى ناخشا - ئۇسسۇل باشلىنىدۇ، بۇنداق تەكرارلىنىش كىشىلەرنىڭ خۇشاللىقى ئەۋجىگە چىققانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.
مەشرەپتە ئىشلىتىلىدىغان سازلارمۇ سورۇننىڭ كۆلىمىگە قاراپ ئازراق پەرقلىنىدۇ، ئادەتتە داپ، ساتار، راۋاپ، غىجەك قاتارلىقلار بولىدۇ. مەشرەپتىكى ئويۇنلارمۇ ئالاھىدە مەنىگە ئىگە بولۇپ، چاي تۇتۇش، قوشاق قېتىش، مۇشائىرە، پوتا باغلاش قاتارلىقلار بار. بىر مەيدان مەشرەپتە نۇرغۇن كۈچ سەرپ بولىدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئادەم چەكسىز خۇشاللىققا چۆمۈپ، ئازادىلىك ھېس قىلىدۇ، شۇڭا خەلق مەشرەپنى بوستانلىقتىكى «خۇشاللىق مەدھىيەسى» ۋە «شادلىق بايرىمى»، دەپ تەرىپلىشىدۇ. كىشىلەر خاتا چۈشىنىپ قالغان مەشرەپ
شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى جىليەن مۇنداق دېدى: نۇرغۇن ئامىل مەشرەپنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ۋە داۋاملىشىشىغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، مەسىلەن، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە سانائەتلەشتۈرۈش ئېلىپ كەلگەن ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش، سىرتتىن كىرگەن مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى ھەم ياش بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت ئىزدەپ شەھەرلەرگە كىرىشى دېگەندەك ئامىللار تۈپەيلىدىن مەشرەپ ئۆتكۈزۈش قېتىم سانى ۋە قاتنىشىدىغان ئادەم سانى كۈنسېرى ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئەنئەنىۋى قائىدىسى ۋە مول مەزمۇنىنى پىششىق بىلىدىغان، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىمۇ نەچچە يۈزدىن نەچچە ئون كىشىگە چۈشۈپ قالدى. ھازىر مەشرەپنىڭ مەدەنىيەت مەزمۇنى ۋە تەشكىللەش تەرتىپىنى بىلىدىغان ۋارىسلار ئىنتايىن كەمچىل بولۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ شەھەرلەردە مەيدان قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ش−ەھەرلىك ئەزەلدىن بىرەر قېتىملىق مۇكەممەل مەشرەپ پائالىيىتىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، مەشرەپ ئاستا - ئاستا بىر خىل نوقۇل ئاددىيلا ناخشا - ئۇسسۇل شەكلى، دەپ خاتا چۈشىنىلىپ قېلىنىۋاتىدۇ، بۇ يەنە قىسمەن كىشىلەردە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭ مەدەنىيەت مەزمۇنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاپ كېتىۋاتىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
رايون ۋە رولىنىڭ ئوخشىماسلىقى شەكلى ھەر خىل، مەزمۇنى مول بولغان مەشرەپنى مەيدانغا چىقارغان، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادىتىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىپادىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقام، خەلق ناخشىلىرى، ئۇسسۇل، مۇزىكا، دىراما، سېرىك، ئېتۇت، ئېغىز ئەدەبىياتى قاتارلىق مۇھىم مەدەنىيەت بوشلۇقىنىڭ ئىپادىلىنىشى، خەلق ئېتىكىسى، ئەخلاقى، فولكلورى، مەدەنىيەت-سەنئىتى قاتارلىقلارغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە جارى قىلدۇرىدىغان ئاساسلىق سورۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ۋە ئۆرپ-ئادەت پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.
ھەر بىر مەشرەپ ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئىقتىدارىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ، مەشرەپ دىگەن بۇ سۆز دەل مۇشۇ خىل ئىقتىدارنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. مەسىلەن: توي مەشرىپى، كۆك مەشرىپى قاتارلىقلار.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مەشرەپ ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ
جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، پىروفېسسور ئىمىن ئەھمىدى مۇنداق دېدى: مەشرەپنىڭ داۋاملىشىشى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتا ئۆرپ - ئادەت ۋە مەدەنىيەت مەزمۇنىنى پىششىق بىلىدىغان يىگىتبېشى ۋە سەنئەتكە پىشقان ئورۇندىغۇچى بولۇشى كېرەك، ئەمەلىي تۇرمۇشقا قاتناشقان خەلقنىڭ بولۇشىمۇ مۇھىم. لېكىن ھازىرغا قەدەر مەشرەپنىڭ مەدەنىيەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەل بىلىدىغان يىگىتبېشى ناھايىتى ئاز دېيەرلىك. يىگىتبېشى مەشرەپنىڭ ئومۇمىي تەرتىپىنى پىششىق بىلىپلا قالماي، مەشرەپنىڭ مەدەنىيەت مەزمۇنىنىمۇ پىششىق بىلىشى كېرەك، ئۇ مەشرەپتىكى يادرولۇق رولچى ھېسابلىنىدۇ.
ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئاۋام ئارىسىدا ئىستىخىيەلىك تەشكىللىنىدىغان مەشرەپ پائالىيىتى تەدرىجىي ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ. يولۋاس ئىمىن، قاسىم ئېزىز قاتارلىق ئاۋام ئارىسىدا بەلگىلىك نوپۇزغا ئىگە مەشرەپ يىگىتبېشى ۋە خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئالەمدىن ئۆتۈشى بىلەن ئەنئەنىۋى قائىدە بويىچە مەشرەپكە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان كىشىلەر ساناقلىقلا قالدى، شەھەرلەردىكى مەشرەپ ئەمدى مۇقام، سېرىك، ئېتۇت قاتارلىق مول مەزمۇنلارغا ئىگە بولماي، پەقەت ئۇسسۇل شەكلىنىلا ساقلاپ قالدى. ياشلار مودا قوغلىشىشقا بېرىلىپ كېتىپ، ئەنئەنىدىن تەدرىجىي يىراقلىشىپ كەتتى، بۇمۇ مەشرەپنى ۋارىسلىق قىلىدىغان كىشىلەردە ئۈزۈكچىلىك پەيدا بولۇش خەتىرىگە دۇچ كەلتۈرۈۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى زورايتىش كېرەك
ياش ئەۋلادلار مەشرەپكە قىزىقىشقا باشلىدى، شىنجاڭدىكى قىسمەن ئالىي مەكتەپلەردە مەشرەپنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىدىغان مەخسۇس كەسىپلەر تەسىس قىلىندى، «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» كەسپىنى ئۆگىنىشكە تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەدرىجىي كۆپىيىشى بۇنىڭ دەلىلىدۇر.