ئۇيغۇر تائاملىرى

ۋاقتى:2011-01-17 16:34مەنبە: يوللىغۇچى: رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  

تائاملارغا خاندۇر ئۇيغۇر تائاملىرى،
بىزگە شەرەپ-شاندۇر ئۇيغۇر تائاملىرى.
خاسىيەت ھەم شىپاسى بار ھەربىرنىڭ،
بىزگە ھۆسىن-خالدۇر ئۇيغۇر تائاملىرى. ئىز تورى www.iz.la

لەغمەن،مانتا خۇمار بولدى بىر يېگەنلەر،
چىقىتى خېكى (پولو پىرى بىر!) دېگەنلەر.
(ئاشمانتا)غا قالدى ئاشىق-مەشۇق بۇلۇپ ،
تائاملاردىن كۆڭلى لەززەت ئىز دىگەنلەر.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

گۆشنان دېگەن تائاملارنىڭ بەگ-تۆرىسى،
تولغان ئايدەك چىرايلىقىتۇر چەت-چۆرىسى.
ئەمدى ئېغىز تېگىپ تۇرسا ئاڭا مېھىمان-
كىرىپ كېلەر( مەنمۇ بار!) دەم چۆچۈرىسى.

www.iz.la

ئۇيغۇردا بار ئالەمدە يوق گۆشگىردىمۇ،
بازار تاپتى شاڭخەي، بېيىجىڭ-ئىچىكىردىمۇ.
ئۇزاقلاردىن قېرنىدىشى سامسا ئۇنىڭ .
سورىمايدۇ؛ ياز كەتتىمۇ ،قىش كىردىمۇ؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئەتكەنچايغا جۆر كېلىدۇ ئاق نېنىمۇ،
بىللە كېلۇر ماي چەيلىگە قاتلىمىمۇ.
ئۆرگىلىمە قايماق سالغان يۇتازىدىن ،
بولماس ئۇنى ھەممە يەردىن تاپقىلىمۇ.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

چەينەك شورپا، سامبۇسىنىڭ زوقى باشقا،
نېمە يەتكەي ئاچچىق-چۈچۈك ئۈگرە ئاشقا!؟
(ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەنلەرىنىڭ چىن دوستى) دەپ ،
داڭقى كەتتى مەنپەرنىڭىمۇ تاغۇ-تاشقا.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئاڭلىغاندەك ئالەم بىزدىن راۋابنىمۇ،
كۆردى پۈتۈن قويدى تۇنۇر كاۋاپنىمۇ؛
زىخ كاۋابىنى (كىمىنىڭ؟)دېسە يېگەن كىشى،
(ئۇيغۇرنىڭ!)دەپ بەردۇق دادىل جاۋابنىمۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

بېھى بىلەن كىشمىش بېسىپ پولۇ ئەتمەك،
قىز مەڭزىدەك گىردىلەرگە كۈنجۈت سەپمەك؛
سياداننى سېلىپ ياققان ئاق توقاچلار،
ھۈنەر بىزگە ئاق نانغىمۇ گۈللەر چەكمەك.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ھېيىت-ئايەمدە ساڭزا بىلەن ئۆپكە-ھېسىپ...
شۇ ھۈنەرمۇ بوپتۇ يەنە بىزگە نېسىپ؛
تۇخۇم پوشكال، شويلىلارمۇ بىزنىڭ ئىجاد.
شۇنچە يازسام قويماق، بۆرە... قاپتۇ ئېسىپ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

بىزىنىڭ قولدا مۇراد تاپتى نارىن چۆپمۇ،
جىق تائامىغا بولىدى خۇرۇم قايماق، سۈتمۇ.
باھار كەلسە باغدىن قىزلار تېرىپ كېلىپ،
چۆچۈرىگە قارار تاپتى بېدە  كۆكمۇ.

copyright by www.iz.la

قەلىمىمىدە مىڭ تەرىپى ھەر تائامىنڭ،
چېكىتىنى قويغۇم كەلمەس( سۆز تامام!)نىڭ.
ھەر تائامىنىڭ خىلى تولا-تۈرى تولا،
تەگسە ئېغىز. بايرىمىدۇر ئەھلى جاننىڭ .

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ماھارەتلىك مانتپەزلەر سايراپ تۇرار،
سامساپەزنىڭ ئىككى قولى ئويناپ تۇرار.
ئۇيغۇرلارنىڭ تائاملىرى بەرگەن لەززەت-
ئاغزىڭىزدىن كەتمەي يىللاپ . ئايلاپ تۇرار. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(5)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • سۆيگۈمگە مىھرىڭدىن بەرگىنەمەدەت

    سۆيگۈمگە مىھرىڭدىن بەرگىنەمەدەت سىھىرلەپ ئالدىڭمۇ ئەركىمنى مىنىڭ، باغلاندى تىلىممۇ باقىمەن ئۈنسىز. كۆندۈم مەن نەئىلاج بىمارىڭ سىنىڭ، سېنىڭدۇر بارلىقىم ،شىپا يوق سەنسىز. تىكىلىپ قارالماس چېھرىڭگە ھېچكىم، ئەمما مەن سەۋدادەك باقتىم دەممۇدەم. پۇكۇلدى ھۆسنۇڭدى...

  • كۈتمىگەندىم بۇنداق بۇلۇشنى (فاتىمە)

    كۈتمىگەنتىم بۇنداق بۇلۇشنى كۈتتۈم نەچچە رەت قاراپ ئىكرانغا، سەندىن كەلمىدى تەبرىك سۆزى. باستىم نۇمرۇڭنى تىترەپ تۇرۇپ، قالمىدى ئۇرۇشقا تەننىڭ مادارى. يىڭى يىلنى تەبرىكلەپ دوسلاردىن، كەلدى قۇتلۇق مۇبارەك كارتىسى. بىراق شۇنچە كۈتسەم سەندىن، كەلمىدى ماڭا مۇبا...

  • <<ئالدانغان سىڭلىمغا>>غا جاۋاب

    ساددا ئوڭلۇق قىزچاقتىڭ ،ئۆزلۈكۈڭدە يىگانە ، پاكىزلىقتا چاقنايتتىڭ ،يۇلتۇز كەبى نۇرانە ، ئەخلاقىڭدىن ئايلىنىپ ،چۆرگىلەيتتى يەر ئالەم ، سەندىن تۇلا سۈيۈنۈپ ،پەخىرلەنگەن زامانە . نۇزۇك ئىدىڭ ،قەلبىڭدە يالقۇنجايتتى ساداقەت، چىن مۇھەببەت سېغىنىپ كۈيۈر قەلبىڭ ھ...

  • بىلگەن چاغدا

    بىلگەن چاغدا ئاپتورى: ئەنەيتۇللا قۇربان ئانىلارنىڭ قۇچاقلىرىدىن چوڭ بولغاندا قاچىدىكەنمىز . بالىلىق بوپ بالا كەينىدىن بىزمۇ شۇنداق چاپىدىكەنمىز . بالىلارغا ئاتا ئانىنىڭ باغرى قانماي ئۆتەركەن شۇنداق . بالام، قوزام، باغرىم، دەپ يۈرەك كۆيۈپ توزۇپ كېتەركەن شۇ...

  • [مۇخەممەس] ئۇيغۇر كاۋاپلىرى

    «كاۋاپچى»دەپ ئاتالغان بىز، كېلىڭ مېھمان، كاۋاپ يەيسىز، ھۈنەر پەمىگە ئۇيغۇرنىڭ بولۇپ ھەيران، كاۋاپ يەيسىز، تېپىپ تەنگە يېڭى قان ھەم قۇۋۋەت- دەرمان، كاۋاپ يەيسىز، ھوزۇرىنى سۈرۈپ گوياكى شاھ - سۇلتان، كاۋاپ يەيسىز، ئېغىز تەگمەكنى مەڭگۈلۈك قىلىپ ئارمان، كاۋاپ...

  • نېمىشقا ؟!

    يۇرۇپ كەتتىڭ تەنھا نىمىشقا، ھەمشىرەڭدىن چاندىڭمۇ ياكى. ئاھسىراپلا يۇردۇڭ نىمىشقا، ئۆز-ئۆزۇڭدىن تاندىڭمۇ ياكى. ئاچچىق كۇلۇپ كەتتىڭ نىمىشقا، ناشتىلىققا لازا يىگەنمۇ؟ ياكى سىنى ئاچچىق كۇلدۇرگەن، پۇتلىرىڭغا كىرگەن تىكەنمۇ؟ پۇتلىرىڭغا كىرگەن تىكەنگە، سەۋەپ بول...

  • سۆيگۈ خاتىىرسى

    مۇھەببەت شەرىت-شارائىت ئارقىلىق ئۆز ۋىسالىنى تاپىدۇ...

  • ئىز تورىغا (مەلىكە0996 )

    ھايات دىگەن شۇنداق ئىكەن، مۇھتاجلىقتا ئوتەركەن. قوللىغاچقا ئىز تورى، ئەجىرىمىزدىن گۈل ئۇنەركەن. گۈل ئېچىلسۇن ئىز توردىن، يازغان ھەربىر خەتلەرگە. پۇرسەت كەلسە ئايىماڭ، يېزىپ تۇرۇڭ ئىز تورغا. كەچۇرۇڭلار ياخشى چىقماي قالدى....

  • ئەجپ سېغىندىم ئەشۇ گۈزەل بالىلىق دەۋرىمنى

    ئەجپ سېغىندىم ئەشۇ گۈزەل بالىلىق دەۋرىمنى...

  • باتۇرلارچە ياشايلى !

    باتۇرلارچە ياشايلى زۆھرە ئابلىمىت(ئەما قىز) قارا تۇمان توسۇۋالغاچ كۆزۈمنى، ئىزدەپ - ئىزدەپ كۆرەلمىدىم جىسمىڭنى. يا كەلمىدىڭ ئۆزۈڭ ئىزدەپ يېنىمغا، كۈچەپ - كۈچەپ توۋلىساممۇ ئىسمىڭنى. يۈرىكىمىز پىچىرلاشقان شۇ چاغدا دېدىڭ:ماڭا دەسسەش نېسىپ ئەمەسكەن. كەچۈر،بېر...

  • نۇرۇز ھىكىمىتى

    نۇرۇز ھىكىمىتى ۋارىسىجان تۇردى(سەۋدا) مۇقەددىمە كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشسە نۇرۇز بۈگۈن قالامىدىكىن كۆڭۈللەردە ئارمان تۈگۈن؟ 1 قانداق سېھىرى ھىكىمەت بار؟ نۇرۇز بوۋامدا، ئەسىرلەرنى ئەسىرلەرگەئۇلاپ كەلگەندەك. ياشرار ھەريىلى، يىشىل باھاردا. كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكە...

  • مۇھەببەت يىغلايدۇ

    مۇھەببەت يىغلايدۇ ئابلەت مۇھەممەت سادائىي قۇرىدى كۆزياشلار پۈتمىدى پىغان، كۆزياشلار مەۋجىدە ياسالدى قىيان، ئاشىقنىڭ مەشۇقنىڭ چىرايى سامان، ئەجەبكى بىركۆرۈم بولدى بەك يامان، مۇھەببەت يىغلايدۇ ،يىغلايدۇ جاھان. كۆيمەكلىك كۆڭۈلنىڭ رايىكەن ھامان، سۆيگەنگە يۈرە...

  • ئىكەن

    بۇ شىئىرنى مەن بەك ياقتۇرۇپ قالغان، شۇڭا تورداشلىرىمغا ئەۋەتتىم....

  • خىيال ظذنچىلىرى

    مۇھەببەت ۋە ئادەم بولۇش ھەققىدە...

  • <شۇ قىز> دىن <ھېلىقىدەك ئايال> غىچە ...

    بىر يىگىتنىڭ مۇھەببەت تارىخى مۇنداق باشلىنىپتۇ...........