ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يىغلىما يۈرىكىم ، سېنى بەزلىگىلى نەچچە ئەسىردەك بولدى ،ئەمما ھېچ گەپ ئاڭلىمىدىڭ ، بەدەنلىرىم سۇسىزلىنىپ ، لەۋلىرىم يېرىلىپ كەتتى . ئەمدى سېنى بەزلىگۈدەك مەندە نە مادار بولسۇن ! پەقەتلا ھالسىرىغان جىسمىمنى ، مۇزلىغان يۈرىكىمنى ئانا زىمىنىم باغرىغا چىڭ يېقىپ تۇرۇپ ، ئۈمۈتسىزلىكتىن ئۆچەيلا دەپ قالغان جىن چىراقتەك پىلدىرلاۋاتقان كۆزلىرىمنى كىملەرگىدۇر تىكىپ ، كىملەردىندۇر مېھىر -مۇھەببەت تىلەپ ساڭا داۋا ئىزلەۋاتىمەن . شۇڭا قوتۇرماچتەك قېتىپ قالغان قەلبخانەمگە شەبنەمچىلىك سۇ بېرەي دىسەڭ سەۋرى قىلغىن !
سەن سورايسەن ، خەلقىم ئۈچۈن مەيدە كېرىپ جەڭگە كىرگەن ئوغلانلار قېنى دەپ ؟!
سەن سورايسەن ،خەلقىم ئۈچۈن قولىغا ساتارىنى ئالغان ئاماننىسا كەبى قىزلار قېنى دەپ ؟!
ئاڭلا يۈرىكىم ، ئۇلار بار . لېكىن شاۋقۇن -سۆرەنلىك بۇ رەڭگە-رەڭ دۇنيا ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ چۈشكەچكە سەن ئۇلارنىڭ توۋلىغان مۇقاملىرىنى ، ئۇلارنىڭ مەرت -مەردانە چەبدەس قەدەم تېۋىشلىرىنى ئاڭلىيالمىغان بۇلىشىڭ مۇمكىن . ئەمما ئۇلار ھامان ھايات !
گەرچە ئوغلانلىرىمىز قانداقتۇر تەتۈر شاماللارنىڭ تەسىرىدە يىلتىزلىرى بوشۇشۇپ ،‹مەسئۇليەت› تىن ئىبارەت بۇ ئاتالغۇ ئۇلارغا سەل ناتۇنۇشتەك بىلىنسىمۇ ئەمما ۋەتەن ئۈچۈن ،خەلقىم ئۈچۈن شۇنداقلا ئائىلە ئۈچۈن ئۆز مەسئۇليىتىنى ئۈن -تىنسىز ئادا قىلىۋاتقان ئوغلانلار يەنىلا مەۋجۇت . ئاز ساندىكى بېلى بوشلار ئەجداتلىرىمىزنىڭ ماڭغان يولىدىن چەتنەپ كېتىپ ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ روھىنى قورۇندۇرماقتا . جەمىيەتنىڭ دەشقىلىغا ئايلىنىپ ئۆز پۇتىغا ئۆزلىرى پالتا چاپماقتا ! بۇنىڭلىق بىلەن ئانىلار يىغلىماقتا ، پەرزەنتلەر دادا مېھرىگە قانماي تۇرۇپلا بىر قانىتىدىن ئايرىلغان بىچارە قۇشتەك ، پەرۋاز قىلىپ ئۇچالماي ئۈمۈتسىزلەنمەكتە !!! شۇڭا ئۇلارغا مۇنۇ سۆزلىرىمنى دەپ ئۆتۈشۈمگە رۇخسەت قىلغىن :
ئاكىلار ،دادا ، ئۇكا ۋە يىگىتلەر !!! سىلەرسىز بىزگە تەرەققىيات ، سىلەر ئاچمىغان بوز يەرسىز گۈلىستان نەدە تۇرۇپتۇ ؟ سىلەرسىز تاتلىق ۋە گۈللەنگەن دۇنيا ، ئەقىللىق پەرزەنت نىمە قىلىدۇ ؟ سىلەرسىز ئانىلىق بۈيۈكلۈك ۋە ئالىجانابلىق ، مەۋجۇدىيەت ، باش كۆتۈرۈش ، قۇدرەت تېپىشلار نىمە قىلىدۇ ؟شۇڭا بېلىڭلارنى تېخىمۇ چىڭ باغلاڭلار ، سىلەرنىڭ ئەجىر توھپەڭلەر تارىخ بېتىدىن تېخىمۇ كوپرەك قۇرۇق ۋاراقلارغا رەڭ بېرىپ ئورۇن ئالغۇسى ! شۇندىلا مۇنۇ يىغلاڭغۇ يۈرۈكلەرمۇ يىغىغا خاتىمە بېرىپ كۈلۈپ ياشارغۇسى !!!
يىغلاڭغۇ يۈرىكىم قاراپ باقسام يەنىلا يىغلاۋاتىسەن ، مەقسىدىڭنى چۈشەنگەندەك بولدۇم ، ئاياللارغا قاراپ يىغلاۋاتىسەن شۇنداقمۇ ؟
يىغلىما ! سەن ئارزۇ قىلغاندەك خانىم -قىزلىرىمىزمۇ خىزمەت ، ئائىلە ۋە جەمىيەتتە ئۆز مەسئۇليىتىنى ئادا قىلماقتا ! گەرچە بەزى بىر ئايرىم خانىم -قىزلىرىمىز مىللىتىم شەنىگە داغ كەلتۈرۋاتقاندەك قىلسىمۇ ،لېكىن ئۇلارنى قۇتقۇزدىغان ئوغلانلىرىمىز مەۋجۇت ! چۈنكى ئاياللارنىڭ ياقۇت، گۆھەر ،قاشتېشى ئالماسنىڭ ئورنىدا تەرىپلىنىشى ۋە ياكى تاش بۇلۇپ چوللەرگە تاشلىنىشىنىڭ ھەممىسى ئەرلەرگە باغلىق دەپ قارايمەن .
ئايال دېمەك ،سەنئەت دېمەك . ئاياللار بولغانلىقى ئۈچۈن سەنئەت بولغان ، ئېستېتىكا بولغان ، پىكاسو بولغان، ئاياللارسىز مۇزىكا ، ئەرلەرنىڭ كۈلكىسى نىمە قىلسۇن ؟! بارلىق تىل -يېزىق ، ئەدەبىيات ، پۇل -پۈچەك دىگەنلەرنىڭ ھەننىۋاسى ئاشۇ بىز ئاياللارنىڭ تۈرتكىسىدە ، ئۇنىڭغا بولغان تەرجىمىسىز ئىنتىلىش ، چېگرىسىز سۆيگۈدىن كەلگەن . بىز تۇغما پاكلىق ، يېتىلىشتىكى مۇكەممەللىك بىلەن پەرىشتە بۇلالىساق ، ئوسال ، پۇتالغان ئەپتىمىز بىلەن شەيتاننىڭ ، پاھىشىنىڭ ، مۇناپىقنىڭ سۈرىتىگە كىرەلەيمىز . بۇنىڭغا ئەڭ چوڭ تەسىر قىلىدىغان نەرسە نىمە ؟ ئەركەك .نىمىشقا شۇنداق بۇلىدۇ ؟ دەپ سوراۋاتىسەن يۈرىكىم ، بۇ سۇئالغا <ئىنسانسەن> دىگەندىن باشقا قايىل قىلارلىق جاۋاپ يوق يۈرىكىم !
ئىرا ئالماشقان تەغدىردىمۇ ،ماكان ئالماشقان تەغدىردىمۇ ئىككى خىل ئادەم قالىدۇ . گۈزەللىكنىڭمۇ ، رەزىللىكنىڭمۇ سەۋەپچىسى يەنىلا بىز ئاياللار بۇلۇپ قېلىۋېرىمىز . ھېچكىمنىڭمۇ قىيامەتنى كۆرگۈسى ، ئۇياتسىز ھالەتلەردە يۈرگۈسى يوق ئەركەكلىرىم ! شۇڭا راھەت كۆرگۈڭلار بولسا ، ئاياللارنى تەربىلەڭلار ! مۇھەببەتكە چىلىشىپ ياشىغۇڭلار بولسا ، ئاياللارنى تەربىلەڭلار . سىلەرنىڭ مېھرى -مۇھەببەتلىك كەڭ قوللىقىڭلاردا يېرىم يالىڭاچ بەدەنلەر پۈتۈن كىيىم بىلەن شەرمى ھايانى تېپىۋالسۇن ! سىلەرنىڭ ئاتىلارچە ئاچقان مېھرىبان كەڭ قۇچىقىڭلاردا ئۇلارمۇ تەشۋىشسىز ، غەم -قايغۇسىز قېنىپ بىر ئۇخلۇۋالسۇن ! مۇنۇ يىغلاۋاتقان يۈرەكلەر تېخىمۇ تاتلىق بىر كۈلىۋالسۇن !
شۇڭا بارلىق خانىم قىزلارغا دەيدىغىنىم : بىز ئىنسانىيەتنىڭ كۆزى ! بىز چاقنىغاندىلا زىمىندا نۇر ، ئاسماندا يۇلتۇز ،بۆشۈكتە بوۋاق بۇلىدۇ .قەدىر -قىممەت ، قۇربان بېرىش ، سۆيۈش ۋە ئارام تېپىش سەپىرى بۇلىدۇ . روھ بۇلىدۇ ، غورور بۇلىدۇ . شۇڭا قەدىر -قىممىتىمىزنى ساقلاپ ئەرلىرىمىزنىڭ ئابرويىنى كۈتۈرەيلى !
ئۇف يۈرۈكىم ، ئەمدىغۇ بولغاندۇ ؟ سېنىڭ دىمەكچى بولغانلىرىڭنى مەن تەرجىمە قىلىپ بەردىم . ئەمدىغۇ يىغىدىن توختارسەن ؟ !
لېكىن ئۇ يەنىلا يىغلىماقتا ...
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
مەنبە ئەلچۇن تورى






