سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا بىن ئابدۇل ئەزىز 10 مىليارد دوللارلىق مۈلكى بىلەن نەچچە قېتىم ‹‹فوربېس›› بايلار تېزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن . باي دۆلەت پادىشاھىنىڭ تۇرمۇشتىكى ھەشەمەتچىلىكىنى ھەممە ئادەم ئويلاپ يېتەلىسىمۇ، لېكىن دۇنيادىكى ئەڭ باي پادىشاھنىڭ ئامېرىكىدىكى ھەشەمەتلىك داۋالىنىش سەپىرى نۇرغۇن ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى . ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۇ يىل 86 ياشقا كىرگەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللانىڭ ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسىلى ھەم بويۇن ئومۇرتقىسى ئەتراپىدا قان قېتىشمىسى بارلىقى بايقالغان. كېيىن، ئۇ دوختۇرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ ، ئامېرىكىدا داۋالىنىشنى قارار قىلغان . ئىگىلىنىشىچە ، ئابدۇللا نيۇ يوركتىكى پرېسبىتېرىئانلار دوختۇرخانىسىدا ئومۇرتقىسىنى ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان . خەۋەردە دېيىلىشىچە ، ئابدۇللا دوختۇرخانىدىكى ئەڭ ياخشى داۋالاش مەنبەلىرىنىڭ ھەممىسىنى ‹‹ ئىگىلىۋالغان ››. پرېسبىتېرىئانلار دوختۇرخانىسىدا داۋالانغان، ھازىر باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكىۋېتىلگەن بىر ئاغرىقنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، ئابدۇللا بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئەڭ ياخشى داۋالىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىگىلىۋالغاندىن سىرت، يەنە بارلىق ئەزىز مېھمانلار سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈملىرىنى زاكاز قىلىپ قويغان ھەم ئەزىز مېھمانلارنى فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۈمىدىكى بارلىق ئاغرىقنى باشقا ياققا يۆتكىتىۋەتكەن. ئىز تورى بەك ياخشى
نۇرغۇن داۋالىنىش ئەسلىھەسىنى ئىگىلىۋېلىشتىن باشقا، ئابدۇللانىڭ ھەشەمەتلىك ئەترىتىمۇ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. بۇ سەپەردە، ئابدۇللا ھەشەمەتلىك ئايروپىلاندىن ئۈچنى ھۆددىگە ئالغان ، يەنە كۆلىمى چوڭ ئامانلىق ساقلاش ئەترىتى بىلەن كەسپىي كىنوغا ئېلىش گۇرۇپپىسىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن . ئابدۇللا نيۇ يوركقا كەلگەندىن كېيىن ، 40 ئاپتوموبىلدىن تەشكىللەنگەن ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ھىمايىسىدە پرېسبىتېرىئانلار دوختۇرخانىسىغا بارغان ، بۇنىڭ ئىچىدە ، ئابدۇللانىڭ يۈك–تاقىسىنى توشىغان ئاپتوموبىللا 20 دىن ئاشقان . www.iz.la
سەئۇدى ئەرەبىستان دۇنيا بويىچە نېفىت زاپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ ، خان جەمەتىمۇ بايلىقى بىلەن داڭق چىقارغان. 2002–يىلى ، شۇ چاغدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى فاھىد ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كىچىك بۇشقا قىممىتى 1 مىليون دوللارلىق بىر پارچە ماي بوياق رەسىم سوۋغا قىلغان . بۇ زۇڭتۇڭ بۇش قوبۇل قىلغان سوۋغىلار ئىچىدىكى ئەڭ قىممەت سوۋغا ئىدى. ۋەلىئەھدى ئابدۇللا 2003–يىلى ئامېرىكىنىڭ 1–خانىمى لاۋراغا قىممىتى 955 مىڭ دوللارلىق زىننەت بۇيۇمى سوۋغا قىلغان. پادىشاھ ئابدۇللا 2007–يىلى ئەنگلىيەدە ئۈچ ھەپتىلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان . شۇ سەپەردە، ئابدۇللا بىلەن بىللە كەلگەنلەر ئىچىدە 23 شەخسىي مەسلىھەتچى ، 30 يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ، بىر قانچە 1–خانىم ، مەخسۇس ساغلاملىقىغا مەسئۇل ‹‹ ساياھەت ئامبۇلاتورىيەسى ›› ھەم 100 دىن كۆپرەك خىزمەتكار بار ئىدى.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
پادىشاھنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئادىتىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر كۆپ بولسىمۇ ، سەئۇدى ئەرەبىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى پادىشاھ ئابدۇللانى باشقا خان جەمەتى ئەزالىرىغا قارىغاندا كۆپ ئاددىي ياشايدۇ ، دەپ قارايدۇ . شەخسىي مۈلكى 10 مىليارد دوللارغا يېتىدىغان پادىشاھ ئابدۇللانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئىناۋىتى يۇقىرى . ئابدۇللا 2005–يىلى تەختكە چىققاندىن كېيىن بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان : ئەڭ يۇقىرى ئىقتىسادىي كومىتېت تەسىس قىلىپ ، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئىشلارنى بىر تۇتاش باشقۇرۇپ ، سىياسەت بەلگىلەپ ، چەت ئەللەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا مەدەت بەرگەن . ئابدۇللا پادىشاھ بولغان بەش يىلدىن بۇيان ئىقتىساد ، مائارىپ ، پەن–تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئاياللارنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى . ئۇ يەنە خەير–ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، سەئۇدى ئەرەبىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن ‹‹ ئىنسانىيەتكە نۇر ئاتا قىلغۇچى›› پادىشاھ، دەپ ئاتالغان. 2010–يىلى ، پادىشاھ ئابدۇللا ئەرەب دۇنياسىدا تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك سىياسىيون ، دەپ باھالانغان . سەئۇدى ئەرەبىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى پادىشاھ بىلەن پۇقرالارنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن ، ‹‹ ئۇ تىرىشچانلىقى، خەلقپەرۋەرلىكى، ئەنئەنىۋىلىكى، ئاددىي–ساددىلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان›› ، دەپ قارايدۇ . پادىشاھ ئابدۇللانىڭ سۆزمەن ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان، مەسئۇلىيەتچان ئوبرازىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە؛تەڭرىتاغ تورى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن ئىز تورى www.iz.la