بۇلتۇر 11 – ئايدا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىگە بارغىنىمدا ئۇ يەردىكىلەر ماڭا: ھاراپ يېزىسىدا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ قازانلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. مەن دەرھال:
— قازاننىڭ دىئامېتىرى ئىككى مېتىر كېلەمدۇ؟ دەپ سورىغىنىمدا، ئۇلار: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— ئىككى مېتىردىن ئاشىدىغانلىرىمۇ بار، دېدى. كاللامدىن شۇھامان ‹‹دۇنيادا شۇنداقمۇ چوڭ قازان بولامدىغاندۇ؟ ئۇنداقتا بۇ قازاندا قانداق تاماق ئېتىلىدۇ؟ بۇنداق چوڭ قازاننى قانداق ياسايدىغاندۇ؟›› دېگەن خىياللار كەچتى.
شۇ خىياللارنىڭ تۈرتكىسىدە مەن ئەڭ چوڭ قازاننى كۆرۈش، شۇنداقلا ئۇنىڭ سىرىنى بىلىش ئۈچۈن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇدابەردى بىلەن يولغا چىقتىم. ھاراپ يېزىسىغا بارغاندىن كېيىن يېزىدىكىلەر: يېزىنىڭ ئاياغجىلغا كەنتىنىڭ جەنۇبىدىكى يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى ‹‹ئوردا مازار››دېگەن يەردە بىر نەچچە چوڭ قازان بارلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى، ھەتتا جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قازان ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى دېيىشتى.
ئۇلار ماڭا ‹‹ئوردا مازار›› قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بولۇپ، ئارىلىقنىڭ 24 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقىنى، يولنىڭ ناچارلىقىنى، ئەتراپىنىڭ قۇملۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇلار بىخەتەرلىكنى كۆزلەپ، بىزگە ئاياغجىلغا كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياسىن ھەسەن بىلەن يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ كادىرى ئابلىكىم سۇلايماننى ھەمراھ قىلدى. بۇلار 30 ياشلار ئەتراپىدىكى ئەزىمەتلەر ئىدى، ئۇلار يول باشلىغاچ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ ماڭدى.
يېزا مەركىزىدىن ئانچە ئۇزىمايلا بىپايان قۇملۇققا كىرىپ كەتتۇق، خەرىتىدىن قارىغاندا بۇ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەرب چېتى ئىدى. شوپۇر يۈرەكلىك ھەم تېخنىكىغىمۇ پىششىق بولغانلىقتىن قۇم بارخانلىرىدىن ئۆتۈپ بىر سائەتتىن ئارتۇق ماڭغاندىن كېيىن، قۇم بىلەن قورشالغان ‹‹ئوردا مازار››غا كەلدۇق. مازارغا پۈتۈلگەن خەتلەردىن قارىغاندا، بۇ نامدار بىر زاتنىڭ مازىرى ئىكەن. قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى 1998 – يىلى 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى بۇ ئورۇننى ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىپتۇ. بۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان كىم؟ ئۇنىڭ چوڭ قازان بىلەن نېمە باغلىنىشى بار؟ ئىز تورى www.iz.la
بىز غىزالىنىۋالغاندىن كېيىن، ياسىن ھەسەن بىلەن ئابلىكىم سۇلايماننىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ 7 – خاقانى ئۇرۇش داۋامىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغاندا كىشىلەر ئۇنى مۇشۇ جايغا دەپنە قىلغانلىقتىن، بۇ يەر شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ دىياردىكىلەرنىڭ تاۋاپگاھىغا ئايلانغانىكەن. تاۋاپچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ھاجىتىدىن چىقىش ئۈچۈن چوڭ قازان قۇيۇلغان ئىكەن. 1911 – يىلى دىئامېتىرى ئىككى مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 80 سانتىمېتىر، ئايلانمىسى 6.28 مېتىر كېلىدىغان مىس قازان قۇيۇلۇپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ قازاندا بىر قېتىمدا تۆت كالىنىڭ گۆشىنى پۇشۇرۇشقا بولاتتىكەن. كىشىلەر ئۇنى ‹‹ئالتۇن داش›› دەپ ئاتايدىكەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىز پاراڭلاشقاچ ئەتراپىنى قۇم بېسىپ كەتكەن بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدۇق. مەن ئۇلاردىن: ‹‹ھېلىقى قازان قەيەردە؟›› دەپ سورىدىم. ئۇلار ‹‹مۇشۇ يەردە›› دېدى. بىز قازاننى تەپسىلىي كۆرۈش ئۈچۈن شەرق ۋە جەنۇب تەرەپتىن قۇم دەسسەپ ئۆگزىگە چىقتۇق. ئۇلار ئۆگزىدە تۇرۇپ: بۇ ئۆي ‹‹تاۋاپخانا›› دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئۆي ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا پۇقرالاردىن ئىئانە يىغىپ سېلىنغان، قازانمۇ مۇشۇ يەردە، ئۇزاق ۋاقىت تاشلىنىپ قالغاچقا، ئۇنى شۇ پېتى ساقلانغان، دەپ ئېيتالمايمىز، دېيىشتى. تاۋاپخانىنىڭ ئىشىكىنى قۇم بېسىپ كەتكەچكە، كەڭلىكى50 سانتىمېتىركەلگۈدەك تۈڭلۈكتىن ئۆي ئىچىگە كىرىشكە بولىدىكەن. بىز شۇ تۈڭلۈكتىن ئۆيگە كىردۇق. تاۋاپخانىنىڭ ئىچىنىمۇ قۇم بېسىپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ غەرب، شىمال تەرىپىدە ئازراق بوشلۇق بار ئىكەن، غەرب تەرىپىدە تەخمىنەن 10 مېتىردەك كەڭلىكتىكى يەرگە چوڭ ئۈچ قازان قويۇلۇپتۇ. شىمال تەرىپىگە چوڭ ئىككى قازان جايلاشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىغا قازانغا چىقىدىغان پەلەمپەيلەر ياسالغانىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ قازانلاردا قوي، تۆگە گۆشلىرى پىشۇرۇلىدىكەن. بۇ قازانلار سولدىن ئوڭغا قاراپ چوڭ كىچىكلىك تەرتىپى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. 1911 – يىلى قۇيۇلغان چوڭ مىس قازانمۇ مۇشۇ يەردە ئىكەن. ئۆينىڭ شەرق تەرىپىگە ھېلىقى ئالاھىدە چوڭ قازان قويۇلۇپتۇ. بۇ قازاننىڭ دىئامېتىرى ئۈچ مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 1.50 مېتىر، ئايلانمىسى 9.45 مېتىر بولۇپ، بۇنىڭغا پەلەمپەي بىلەن چىقىلىدىكەن، بىر قېتىمدا ئالتە تۆگىنىڭ گۆشىنى پىشۇرغىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ يېنىغا قويۇپ قويۇلغان چۆمۈچنىڭ سېپى پولاتتىن ياسالغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىردىن ئاشىدىكەن. ھەمراھلارنىڭ ئېيتىشىچە: بۇ قازان 1987 – يىلى 8 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئاياغجىلغا كەنتىدە ياسالغانىكەن، ئۇنى ياساشقا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ خانئېرىق بازىرى، قەشقەر، مەكىت، يوپۇرغا، قاغىلىق، ئاقتۇ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 38 ئۇيغۇر ئۇستا قاتناشقانىكەن، ئۇنىڭغا 4.5 توننا چويۇن سەرپ قىلىنىپتۇ، قازاننىڭ ئەتراپىغا ئۇنى ياساشقا قاتناشقان ئاساسلىق ئۇستىلارنىڭ ئىسمى ئويۇپ قويۇلۇپتۇ.
كۆز ئالدىمدا نامايان بولۇپ تۇرغان نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بەش چوڭ قازان بۈگۈنگىچە يەتكەن، ئەڭ ئاخىرقى ئەڭ چوڭ قازاننىڭ ياسالغىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان. كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى بۇ قازانلارنىڭ تېخىچە مۇكەممەل ساقلىنىپ كەلگەنلىكى بولۇپ، گەرچە ئۇلارنىڭ ئۈستىنى توپا – چاڭ بېسىپ كەتكەن، بەزى يەرلىرى ئۇچۇپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنى يەنىلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق ئېتىش مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلى، دېيىشكە بولىدۇ.
ئۇنداقتا بۇ قازاننى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قازان دېيىشكە بولامدۇ؟ مەن بەزى ماتېرىياللارنى ئاختۇردۇم. ماتېرىياللاردا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، فۇجۇنىڭ گوشەن تېغىدىكى تۇڭچۇەن بۇتخانىسىدا سۇڭ سۇلالىسىنىڭ جىڭيۈ يىللىرىدا (1043 – 1036) مىس – تۆمۈردىن قۇيۇلغان، 250 كىلوگرام گۈرۈچتە تاماق ئەتكىلى بولىدىغان، مىڭ ئادەم غىزالىنالايدىغان ‹‹راھىبلار قازىنى›› بار ئىكەن. ئۇنى ھازىرغىچە ساقلانغان ئەڭ چوڭ قەدىمىي قازان، دېيىشكە بولىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ۋېنېسۇئېلانىڭ پايتەختى كاراكاس شەھىرىنىڭ مەركىزىي كوچىسىدا ئۈستى ئوچۇق بىر ئاشپۇزۇل بار، ئۇنىڭدا ئېگىزلىكى بەش مېتىر، دىئامېتىرى 2.50 مېتىركېلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ قازان بولۇپ، بىر قېتىمدا 100 ئاشپەز تاماق ئېتىدىكەن، ئۇ يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ قازان بولسا كېرەك. شۇ يەرلىك كىشىلەر بۇ قازاننى ‹‹دۇنيا جىننىس رېكورتى قامۇسى››غا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان. لېكىن بۇ قازانمۇ چويۇندىن قۇيۇلماستىن تۆمۈردىن ياسالغان.
مەن ھازىرغا قەدەر مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىكى ‹‹ئوردا مازار››دىكىدەك چويۇندىن قۇيۇلغان ئەڭ چوڭ قازاننىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر ئىسپات تاپالمىدىم. مېنىڭچە چويۇندىن قۇيۇلغان ئەڭ چوڭ قازاننىڭ باشقا جايدا يوقلۇقى شەك – شۈبھىسىز. ئۇ چوقۇم ‹‹دۇنيا جىننىس رېكورتى قامۇسى››غا كىرگۈزۈشكە ئىلتىماس قىلىشقا تېگىشلىك قازان.
ئىز تورى بەك ياخشى
شىنجاڭ گېزىتى