بۈيۈك ئۇيغۇر ماتېماتىكى _ مۇھەممەت مۇسا خارازىمى

ۋاقتى:2010-12-05 17:42مەنبە: تەھىرىر:رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  

مۇھەممەت مۇسا خارازىمى 780 - يىلى خارازىمنىڭ خىۋە شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن.بۇ شەھەر كىيىنچە  شەرقىي قارىخانىلار سۇلالىسىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان.
ئۇ ياش ۋاقتىدا خاقانىيە تىلى (ئۇيغۇر تىلى ) دىن باشقا ئەرەپ ، يۇنان ، پارىس ، ھىندى تىللىرىنىمۇ پىششىق ئۆگەنگەن . ھەمدە ماتېماتىكا ، ئاستۇرنومىيە ، جۇغراپىيە ، مىدىتسىنا  ۋە تارىخ پەنلىرىنى ئالاھىدە بىرىلىپ تەتقىق قىلغان . كىيىن مەشھۇر ماتىماتىك بولۇپ يىتىلگەندىن كىيىن ئەينى چاغدىكى شەرىق مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى باغداتقا  تەكلىپ قىلىنىپ  ئابباسىلار خاندانلىقىنىڭ 5- خەلىپىسى بولغان ھارۇن رەشىدنىڭ ئوغلى  خەلىپە مەئىمۇن رەشىدنىڭ   سارىيىدا < ھىكمەت ئۆي > دەپ ئاتالغان كۇتۇپخانىدا كۇتۇپخانا رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇ ئاساسلىق ئەسەر ۋە تەتقىقاتىنى مۇشۇ يەردە ۋۇجۇتقا چىقارغان .
ئۇنىڭ بۇ يەردە تۇنجى يازغان ئەسىرى < تىرىگونۇمىتېرىك قىممەتلەر جەدىۋىلى  > دۇر .
مۇسا خارازىمى ماتېماتىكىدىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنىڭ ئانالىتىك يىشىش ئۇسۇلىنى گېئومىتىرېيىلىك يىشىش ئۇسۇلىغا بىرلەشتۇرگەن تۇنجى ماتىماتىك . ئالگېبىرا ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى ، ئۇنىڭ < ئالگىبېرا > دىگەن ئەسىرى دۇنيا ماتىماتىكا  تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ .ئۇ يازغان < ئەلجەبىر ۋە مۇقابەلا > ( ئەزا يوتكەش ۋە ئوخشاش ئەزالارنى ئىخچاملاش ) ، < ھېساب ئىلمى > قاتارلىق ئەسەرلىرى شەرىق ئىلىدە ئۇزۇن بىر مەزگىل دەرىسلىك بولۇپ قوللىنىپلا قالماستىن ، 1140- يىلغا كەلگەندە لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كىيىن  ( روبېرت تەرجىمە قىلغان ) باشقا ياۋرۇپا تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ ئۇزۇن مۇددەت يوۋرۇپالىقلارنىڭ ماتىماتىكا دەرىلىكى قىلىپ ئىشلىتىلگەن . ئىز تورى www.iz.la
ماتېماتىكىنىڭ تارماقى < ئالگىبېرا > مۇ ئەل خارازىمىنىڭ تۆھپىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر .
مۇسا خارازىمى ئوتتۇرغا قۇيغان تەڭلىمە يىشىشتىكى < ئەزا يۆتكەش > ، < ئەسلىگە قايتۇرۇش  > ئۇسۇللىرى ئۇنىڭ كىتابىدا < ئەلجەبىر > دەپ يىزىلغان بولسا ، يوۋرۇپالىقلار ئۇنى (Algebr)
دەپ تەرجىمە قىلغان . شۇنىڭدىن كىيىن بۇ پەن ئىسمى < ئالگىبېرا > دەپ تارقىلىپ مۇقۇملاشقان . دىمەك بۇ پەن ئىسمى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسىم !!
كومپىيوتېر بارلىققا كەلگەندىن كىيىن ، ھېسابلاش پىرۇگراممىسىنى تۇزۇشكە قوللىنىلدىغان پىروگرامما تىلىمۇ مۇشۇ ئالىمىمىزنىڭ نامى بىلەن < ئالگۇل تىلى > ( Algol  تىلى ) دەپ ئاتالدى . چۇنكى بۇ ئالىمنىڭ لاتىنچىلاشتۇرۇلغان ئىسمى  Alqaritmus   بولىدۇ ، بۇ شۇ ئىسىمنىڭ قىسقارتىلمىسى!!

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مۇسا خارازىمى ياشىغان دەۋىرلەردە ھىندىلارنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئاستۇرنومىيىگە دائىر < سىند ھىند > دېگەن ئەسەر ئوتتۇرا شەرىقتە دەستۇر كىتاب ھېسابلىناتتى ، مۇسا خارازىمى بۇ ئەسەرنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا خاتالىق ۋە چۇشۇنۇكسىزلىك بارلىقىنى بايقاپ ، زور ئەجىر قىلىپ ئۇنى تۇزەپ توغرىلاپ ، چۇشىنىشلىك قىلىپ قايتا يىزىپ چىقىدۇ . بۇ ئەسەرگە يەنە يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ < يېڭى سىند ھىند > دېگەن ئوقۇشلۇقنى يىزىپ چىقىدۇ . بۇ ئەسەر ياۋرۇپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كىيىن ياۋرۇپالىقلارمۇ بۇ ئەسەردە قوللىنىلغان ئەسلى ھىندىلەردە بولغان  0   نى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەقەم شەكلى      (  0 ، 1، 2، 3، 4، 5، 6، 7، 8، 9  ) بىلەن تونۇشۇپ ، ئۆزلىرى ئەسلى قوللىنىۋاتقان رىم رەقەملىرى ئورنىدا قوللانغان . ھەمدە بۇ ئەسەرنىڭ ئەرەپ تىلىدا يىزىلغىنىغا ئاساسەن ئۇنى < ئەرەب رەقىمى > دەپ ئاتاشقان .بۇ نام ھىلىمۇ شۇنداق ئاتالماقتا . www.iz.la
دىمەك : بۇ خىل ئەڭ مۇكەممەل ، قوللىنىشقا ئەپلىك بولغان رەقەم سىستېمىسىنىڭ ئەسلى ئىجاتچىسى ھىندىلار بولسىمۇ پۇتكۇل ئىلىم دۇنياسىغا تونۇتقان ۋە تاراتقان كىشى دەل ئۇيغۇر ماتېماتىكى مۇسا خارازىمى بولىدۇ !!
ئەرەپ ئالىملىرىدىن سارتۇن 9- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىنى < خارازىم دەۋرى > دەپ ئاتىغان ، شۇنداقلا < مۇسا خارازىم ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇق ماتېماتىكى ، شۇنداقلا ئەڭ ئۇلۇق ئالىمىدۇ > دەپ تەرىپلىگەن .
بۇيۇك ئۇيغۇر ئاتېماتىكى مۇسا خارازىمى 847 - يىلى ۋاپات بولغان . ئۇيغۇر خەلقى ئۇنى مەڭگۇ ياد ئىتىدۇ !
ئىلاۋە : بۇ بۇيۇك ماتېماتىكا ئالىمىمىزنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ھەققىدە خەلىقئارادا نۇرغۇن ئىختىلاپ بار ، پۇتكۇل ئوتتۇرا ئاسىيە قەۋىملىرى ئۇنى تالىشىدۇ ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەرەپ تىلىدا يىزىلغىنى ۋە ئەرەپ دۇنياسىدا ئىلىم تەھسىل قىلغىنى ئۇچۇن نۇرغۇن ماتېرىياللاردا ئەرەپ ماتېماتىكى -دەپ يىزىلغان.بۇ ھەقتە ئابلىز مۇسا سايرامى ئەپەندى نۇرغۇن تارىخىي پاكىتلارنى كۆرسۇتۇش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئالىمى ئىكەنلىكىنى مۇئايەنلەشتۇرپ ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئىلان قىلغان . شۇڭا بىز شۇنداق قارىشىمىز كىرەك : ئۇنىڭ ئۇيغۇر ماتىماتىكا تارىخىدىكى ئورنىنى ھەرگىزمۇ ئسانلىقچە باشقىلارغا ئۆتۇنۇپ بىرىشكە بولمايدۇ !
www.iz.la

(ئالىمنىڭ سۇرىتىنى مۇنبەر لاھىيىلىگۇچىسى فىرقەت ئەپەندى رامكىلاشتۇردى )

ئىز تورى www.iz.la

مەنبە؛ ماتىماتكا بىلوگى مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(7)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر

    ئۆز دىيارىمنىڭ خاسلىقى ۋە خەلىقلىرىنىڭ مىھماندوست،ئاددى-ساددا...

  • دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئون مومىيا

    1. فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى: فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مومىيا . ئۇنىڭ بايقىلىشى خۇددى ۋاشىڭتون،لىنكولىن، ئالىكساندىر ياكى كېلىئوپاترالارنىڭ مومىياسىنى بايقىغانغا ئوخشاش دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى13-ئەسى...

  • قەشقەر دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمقى مەدەنىيەت توپلاشقان جاي

    ...

  • قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل

    قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل بۇرۇن تارتىلىغان رەسىمى رەسىم 1...

  • شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

    ئابدۇكېرىم ياقۇپ شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئالدى دەرۋازىسى      شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ تارىخىنى ئەڭ بۇرۇن بولغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈي يىللىرى ( 1879 – يىلى) غىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەينى چاغدا قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسى بېيجىڭدا...

  • باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى

    ئۆركەش جاپپار      2008 – يىلى ئۆكتەبىردە باي ناھىيىسىگە مۇخبىرلىققا بېرىپ، باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە مۇۋەپپەق بولدۇم. شۇ كۈنلەردە ناھىيىدە ‹‹غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى›› ئېچىلغان...

  • يارغول قەدىمىي شەھىرىدىكى سىرلار

             ·يارغول قەدىمىي شەھىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ 10 كىلومېتىر غەربىدىكى ئىككى دەريا قىنى ئوتتۇرسىغا جايلاشقان كىچىك ئارال . ئۇنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 1760 مېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، 300 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئارالنىڭ ئەترا...