
ئەنگىلىيەلىك ئىنژېنېر ئاۋاز تېزلىكىدىنمۇ يۇقىرى تېزلىكتىكى ئاپتوموبىلنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى ، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك تېزلىكى 1000 مىلغا يېتىدىغان بولۇپ ، ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى. بۇ ئاپتوموبىلنى 1997–يىلى دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان ThrustSSC (سائەتلىك تېزلىكى 763 مىلغا يېتىدۇ) نىڭ لايىھەلىگۈچىلىرى Richard Nobel بىلەن Andy Greene لايىھەلەپ چىققان.

‹‹قانخور تايغان›› (Bloodhound) ناملىق ئاۋاز تېزلىكىدىنمۇ يۇقىرى تېزلىكتىكى بۇ ئاپتوموبىلغا يېڭى تىپتىكى كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ موتورى سەپلەنگەن بولۇپ ، ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك تېزلىكى 300 مىلغا يەتكەندىن كېيىن ، ئاپتوموبىل تۆپىسىدىكى راكېتا موتورى ئىشقا كىرىشىپ، ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ ، ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت (1000 مىل)كە يەتكۈزىدۇ. بۇ راكېتا موتورى بىر ئەنئەنىۋى راكېتا ۋە ئايرىم بىر يېقىلغۇ ماي پومپىسىدىن تەركىب تاپقان، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 400 كىلوگىرام ، ئۇزۇنلۇقى 14 فۇت بولۇپ ، ئەنگىلىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ راكىتادىن ياسالغان ئاپتوموبىل موتورى ھېسابلىنىدۇ . بۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ قېرىنداش شەكىللىك سىرتقى قېپى ئاۋىياتسىيە ئاليۇمىنىدىن سوقۇلغان بولۇپ ، ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12.8 مېتىر ، ئېغىرلىقى 6.4 توننا كېلىدۇ ، دىيامېتىرى 0.9 مېتىرلىق چاق يۇقىرى سىجىللىقتىكى تىتان قېتىشمىسىدىن ياسالغان بولۇپ ، بۇ ، ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتى بەك تېز بولغاندا، چاقنىڭ ئاجراپ ئۇچۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر . ‹‹قانخور تايغان›› نىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 135 مىڭ ئات كۈچى بولۇپ ، 180 مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ قۇۋۋىتىگە تەڭ كېلىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى