ئەردەك بولغىن!! ئەركەكلەر
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەي زاتى ئەر بەرگىن جاۋاپ سۇ ئالىمغا،
سەن بىر ئەركەك بارمۇ سەندە ئەرلىك غورۇر.
تەمتىرىمەي ئاچچىق -چۈچۈك سىناقلاردا،
بولالامسەن سوغۇق قان ھەم باتۇر غەيۇر!
ئەركەك بولۇپ يارالغانسەن بۇ دۇنياغا،
كۈچ -قۇۋۋەت ھەم جاسارەت خاس بولغان ساڭا.
شىجائەتسىز ئاجىز يۈرەك ئەمەس ئەرنىڭ،
قورقۇمسىزلىق ،قاراملىق ماس بولغان ساڭا!
ياش ئاققۇزۇش ئەمەس ئەسلا ئەرنىڭ ئىشى،
يارىشىدۇ ياش ئورنىغا ئاققاندا تەر،
ئەشۇ چاغدا كۈلەر ياشسىز بىر جۈپ كۆزى،
ئەجىر بىلەن ئۆز بەختىنى تاپقاندا ئەر.
بولسا سەندە زەررە مىقدار نازۇك خۇلۇق، ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
نوخسان يىتەر نىگان ئەرلىك سالاپەتكە.
گەر ئايالدەك بولىۋالسا ھەممە ئەركەك،
قالار قەۋمىڭ ئېغىر كۈنگە تالاپەتكە!
تاغنى تالقان قىلغۇدەك كۈچ بولسۇن سەندە،
ھۇجۇدۇڭدىن ئۇرغۇپ تۇرسۇن كۈچ-جاسارەت.
تومۇرىڭدا ئۆركەش ياساپ ئاقسۇن قانلار،
يۈرىكىڭدە يالقۇنجىسۇن ئوت -ھارارەت!
خاسلىق بىلەن گۈزەل ھەممە ئەركەكمۇ ھەم،
جەلىپكارسەن ئەركەككە خاس قىلىق بىلەن.
ھۆرمەت بەرسە ئەركەكلەردەك ئىش ھەركىتىڭ،
قۇت تاپارسەن گۈزەل ئەخلاق خۇلۇق بىلەن.
ئەي زاتى ئەر ساڭا خىتاپ قىلاي شۇندا،
جاننى پىدا ئەيلە قوغدا ئىپپىتىڭنى.
بىلسەڭ شۇنى ئەر ئىپپىتى ئەلدۇر ۋەتەن، ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئېلىڭ ئۈچۈن يىغقىن غەيرەت ھىممىتىڭنى.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور