ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>دۇنياغا نەزەر>

ھىندىستاندىكى 1 –باي پات ئارىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت شەخسىي تۇرالغۇغا كۆچۈپ كىرىدۇ

ۋاقتى:2010-10-16 01:54مەنبە:نامەلۇم تەھىرىر:قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
  
 

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت شەخسىي ‹‹مۇستەقىل ئۆي›› 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   جۇڭگو ئاخبارات تورى ، 15–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : شياڭگاڭ ‹‹ئەدەبىي مەجمۇئە›› گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا ، ھىندىستاندىكى 1–باي Mukesh Ambani پات ئارىدا ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ يېڭى تۇرالغۇسىغا كۆچۈپ كىرىدىغان بولۇپ ، جەزمەن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت–نەزەرىنى تارتىدىكەن ، چۈنكى ئۇنىڭ يېڭى تۇرالغۇسى 27 قەۋەتلىك بىر بىنا بولۇپ ، قىممىتىنىڭ 1 مىليارد 200 مىليون فوندستېرلىڭغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىپ ، دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت شەخسىي ‹‹مۇستەقىل ئۆي›› بولۇپ قالغان .
 
 
بىنانىڭ قۇرۇلمىسى ئىنتايىن غەلىتە
 
   بومباي شەھەر مەركىزىدە قەد كۆتۈرگەن بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك چوڭ تۇرالغۇنىڭ ئىسمى ‹‹Antilla›› بولۇپ، رىۋايەتلەردە ئېيتىلغان ئاتلانتىك ئوكياندىكى بىر ئارالنىڭ نامىدىن كەلگەن . ‹‹Antilla›› نى قۇرۇشقا يەتتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان بولۇپ ، ئېگىزلىكى 173مېتىر كېلىدۇ . ئىچىدىكى ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى دۇنيا دەرىجىلىك بولۇپ ، بىرقانچە سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ، ساغلاملىق مەركىزى ، چوڭ تىپتىكى تانسا زالى ، شۇنداقلا ئىچىگە 50 ئورۇندۇق سەپلەنگەن مىكرو كىنوخانا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئىگىلىنىشىچە ، بىنانىڭ ھەربىر خانىسىنىڭ لايىھەسى پۈتۈنلەي ئۆزگىچە بولۇپ ، كىشىگە تەكرارلىنىش تۇيغۇسى بەرمەيدىكەن.
   ‹‹Antilla›› نىڭ ئەڭ ئاستىنقى ئالتە قەۋىتى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ ، بىرلا ۋاقىتتا 160 ئاپتوموبىلنى توختاتقىلى بولىدىكەن . ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ ئۈستى زال بولۇپ ، جەمئىي توققۇز لېفىت (ئېلېۋاتور) ئارقىلىق ھەرقايسى قەۋەتلەرگە يېتىپ بارغىلى بولىدىكەن. بىنانىڭ ئۆگزىسىدە يەنە ئۈچ تىك ئۇچار ئايروپىلان قوندۇرۇش ئورنى بولۇپ ، بومبايدا قاتناش ئېغىر دەرىجىدە توسۇلۇپ قالسا ، كىرىپ–چىقىش قولايسىز بولۇش ئەندىشىسىدىن خالاس قىلىدىكەن.
 
 

قارىماققا بۇ بىنا ‹‹ئۆچكىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالغان تۆگە›› دەك كۆرۈنىدۇ

ئىز تورى www.iz.la

   ‹‹Antilla›› نىڭ قۇرۇلۇش تەننەرخى تەخمىنەن 44 مىليون فوندستېرلىڭ بولغانلىقى مۆلچەرلەنگەن، لېكىن يېقىنقى مەزگىلدە بومباينىڭ يەر باھاسى ۋە بىنا باھاسىنىڭ جىددىي ئۆرلىگەنلىكىنى ھېسابقا ئالغاندا ، ‹‹Antilla›› نىڭ باھاسى مۇشۇ ئاساستا تەڭ ئۆرلەپ ، 1 مىليارد 200 مىليون فوندستېرلىڭغا يېتىشى مۇمكىن. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

   Ambani مۇشۇ ئاينىڭ 28–كۈنى تۇرالغۇغا كۆچۈپ كىرىدىكەن ، شۇ چاغدا تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن ، قايسى ئەزىز مېھمانلارنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن . ئىلگىرى Antilla نى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان يەرلىك بىر سودىگەر مۇنداق دېگەن: ‹‹ ‹Antilla› كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇ يەردە يەنە پىكاسونىڭ داڭلىق رەسىملىرىمۇ بار››. مۇتەخەسسىسلەر دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر شەخسىي تۇرالغۇنىڭ كۆلەم ۋە دىققەتنى تارتىش دەرىجىسى جەھەتتە ‹‹Antilla›› بىلەن بەسلىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
                                                                                                                                                                                                                      مەنبە؛تەڭرىتاغ تورى
خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى نامەلۇم گە تەۋە )
ياخشىكەن
(7)
77.8%
ئالقىشلايمەن
(2)
22.2%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • «يۈزى يوق ئادەم» يۈز ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى

    يۈزى يوق دالاس پەقەت ھاسسىغا تايىنىپلا قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىگە نىشان ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدى بۇرۇن قىزىغا ھەمراھ بولۇپ ئويۇن ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇ دادا بۈگۈنكى كۈندە... شىنخۇا ئاگېنتلىقى 19-ئۆكتەبىر تېلىگىراممىسى: ئامېرىكا تېكساس شىتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق ي...

  • ماۋرىتانىيە ئاياللىرى: سېمىزلىك ــــ گۈزەللىك، ئاجرىشىش ــــ شەرەپ

       ئافرىقا قىتئەسىدىكى سەھرايى كەبىر چۆلىنىڭ غەربىدىكى ماۋرىتانىيە —ئەرەب دۇنياسى بىلەن غەربىي ئافرىقىنىڭ تۇتاشقان يېرىدە بولۇپ ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ، ئاھالىلىرى ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە قەبىلىگە بۆلۈنگەن ، ئۇلارنىڭ ئۆرپ–ئادىتىدە ئەرەب كۆچمەن چارۋىچىلىرى...

  • يوقالغان قۇرۇقلۇق_ ئاتلانتىس

    رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، پايانسىز ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئاستىدا چۆكۇپ كەتكەن بىر دۆلەت بولغان بۇلۇپ، ئېيتلىشچە بۇ ئاتلانتىس دۆلىتى ئىمىش. ئەڭ بۇرۇن ئاتلانتىس ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغان كىشى گېرىتسىيەلىك پەيلاسوپ پلاتون . ئۇ كىرىت دىگەن ئەسىرىدە ئاتلانتىسنىڭ...

  • دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلىق سائەتلەر

    ئېسىلزادىلىكنىڭ سىمۋولى-Patek Philippe 1839-يىلى قۇرۇلغان. ھەربىر سائەتنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 13مىڭ دوللاردىن20مىڭ دوللارغىچە .بۇ شېركەت سائەتنى باشتىن ئاخىرى ئۆزى ئىشلەپ ، ئۆزى قۇراشتۇرىدىغان شىۋىتسارىيەدە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر شېركەت. PATEK PHILIPPEما...

  • دۇنياغا داڭلىق ئون « ئەۋلىيا» بالا

    دۇنيادىكى ئەقىل كۆرسەتكۈچى ئەڭ يوقىرى ئادەم كورىيەلىك Kim Ung-yong بولۇپ،1962-يىلى تۇغۇلغان،بەش ئايلىق بولغاندا ئايىقى چىقىپ ، گەپ قىلالىغان،يەتتە ئايلىق بولغاندا خەت يازالايدىغان، شاخمات ئوينىيالايدىغان بولغان. ئۈچ ياشقا كىرگەندە دېففىرىنسىئال ۋە ئىنتىگر...

  • دۇنيادىكى ئاجايىپ ئۇدۇل كېلىپ قېلىشلار

    ** 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا روسىيىنىڭ پېتىربورگ شەھىرىدە 14ياشلىق بىر قىز ئۆز ئۆيىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. ئاتاغلىق بىر رەسسام بۇ ۋەقەگە قاتتىق ئېچىنىپ، بىر قاتىلنىڭ بۇ قىزچاقنى ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كېيىن، قاچماقچى بولۇۋاتقان ئوبرازى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر پارچە...

  • خوتەن كېرىيە دوپپىسى

    دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دوپپا خوتەن كېرىيە دوپپىسى كېرىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالى، تەلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى قەدىمىي يۇرت . بۇ يۇرتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ بەزى ئەنئەنىلىرى ، مەدەنىيەت ئىزنالىرى خېلى ساقلىنىپ قالغان. بۇلار...

  • دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق پۇللار

    فرانسىيىگە قاراشلىق تىنچ ئوكيان ئارىلى مالدېۋى سان تومى ۋە پرىنسىپ جۇمھۇرىيىتى شىۋىتسارىيە كوموررو يېڭى زېنلاندىيە كۇك تاقىم ئاراللىرى شياڭگاڭ ئىسلاندىيە فارو تاقىم ئاراللىرى...

  • دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي دەرەخلەر

    ماشساررا دەرىخى ، ئامېرىكا نېرۋانا شىتاتى 4800 يىللىق تارىخقائىگە سەئىد ئاباكۇ دەرىخى ئىران 4000 يىل باتاگونىيا دەرىخى چىلى 3600 يىل Jardine Juniper قارىغاي دەرىخى ئامېرىكا يۇتا شىتاتى 3200 يىل پاترىياك فلورېستا دەرىخى برازىلىيە 3200 يىل ئاق ئات دەرىخى سى...

  • ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەرلەر

    ئەنگىلىيە ئەينەك ژۇرنىلى باھالاپ چىققان 2010-يىللىق دۇنيادىكى ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان (ئولتۇراقلىشىش شارائىتى ئەڭ ياخشى)شەھەرلەر تىزىملىكى : 1. ميۇنخېن 2. كوپىنھاگېن 3. سيۇرىخ 4. توكيو 5. خېلىنىسكىي 6. ستوكھولىم 7. پارىژ 8. ۋېنا 9. مىلبۇرن 10 ....

  • دۇنيادىكى 10 چوڭ خەتەرلىك قۇرۇلۇش

    1. ئىتالىيىدىكى پىسا يانتۇ مۇنارى 2. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاستانە دەرۋازىسى 3. گوللاندىيىدىكى ۋوزوك تۇرالغۇسى 4. گرىتسىيىدىكى بوشلۇق ئىبادەتخانىسى 5. ياۋروپا دەرۋازىسى ئىسپانىيە مادرىد 6. روسىيىدىكى ؟ ؟ ؟ 7. ئاسترا بىناسى گېرمانىيە ھامبۇرگ 8. تاكاسۇك...

  • دۇبەيدىكى ئاپتوماتىك ئالتۇن ئېلىش ماشىنىسى

    ...

  • سەئۇدىي ئەرەبىستان ئالاھىدە قىسمى

    ...

  • ئوبامانىڭ نۇتقى نېمىدىگەن زېرىكىشلىك ؟!

    يېقىندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما مېچىگان شىتاتىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا ، زۇڭتۇڭنىڭ كەينىدىلا ئولتۇرغان بىر ئوقۇغۇچى (ئوڭ تەرەپ يۇقىرى بۇلۇڭدا)باشتىن-ئاخىر مۈگدەپ ياكى ئەسنەپ ئولتۇرۇپ ، دۇنيادىكى ئەڭ بىغەم بالادېگەن نام بىلەن توردا بىر...