دۇنيا مەدىنيەت مۆجىزىلىرى_ بوروبۇدۇر

ۋاقتى:2010-09-24 13:25مەنبە: تەھىرىر:ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

ئورنى: ھېندۇنوزىيەدىكى ياۋا ئارىلىنىڭ ئوتتورا قىسمىدا
ياسالغان ۋاقتى: تەخمىنەن مىلادى8-ئەسىر
باھا: قەدىمقى شەرقتىكى 4چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى
 ھېندۇنوزىيەدىكى بوروبۇدۇر بۇددا مۇنارى ياۋانىڭ مەركىزى جيۇرىرو شەھىرىدىن غەربى شىمالغا 39كىلومېتر كېلىدىغان كېدۇ جىلغىسىدىكى تۆت تەرەپلىك بىر تۆپىلىككە جايلاشقان. ئەتراپى تاغ-دەريا، قويۇق ئورمانلار بىلەن ئورالغان بۇ قۇرۇلۇش ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۇنىدۇ. «بوروبۇدۇر» مىڭ پەشتاق، مىڭ سۇپا دىگەننى، سانسىكىرت تىلدا تۆپىلىك ئۇستىدىكى ئىبادەتخانا دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى، قۇرۇلىشنىڭ ھەيۋەتلىكلىكى بىلەن جوڭگودىكى سەددىچىن سېپىلى، مىسردىكى پىرامىدا، كامبودژادىكى ئاڭكور خارابىيلىقى بىلەن بىر قاتاردا قەدىمقى زاماندىكى شەرقنىڭ تۆت چوڭ مۆجىزىسى دەپ قارىلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
  بوروبۇدۇر مىڭ يىل جەريانىدا نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلارنى بېشىدىن ئۆتكۇزۇپ نەچچە گۇللىنىپ خاراپلاشتى. ئەينى زاماندا سالاندىرا سولالسى پادىشاھى ساكيامونىنىڭ ئاز بىر قىسىم جەسەت كۈلىنى ساقلىغان بولۇپ، ئۇ 100مىڭدىن ئارتۇق قۇلنى ئىشلىتىپ، ئون نەچچە يىلدائاندىن بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزگەن. بىر مەزگىل مەشھور بولغان بۇ بۇددا مۇقەددەس جايىنىڭ قاچان ياسالغانلىقى توغىرسىدا بەزىلەر مىلادى 824-يىلى دىسە ، بەزىلەر مىلادى 850-يىلى دىيىشىدۇ. 1006-يىلى مەيدىرا يانار تېغى پارتىلاپ ، قاتتىق يەر تەۋرەپ ئەتراپتىكى خەلق تەرەپ -تەرەپكە قاچقان. شۇنىڭ بىلەن بۇددامۇنارى خاراپلىشىشقا باشلىغان. 14-ئەسىردە ياۋا ئارىلىنىڭ ئىسلامىلىشىغا ئەگىشىپ بۇ بۇددا مۇنارى تېخىمۇ چۆلدەرەپ قالدى ھەتتا ئۇنتۇلۇپ كېتىلدى. 1814-يىلى ئەنگىلىيە مۇستەملىكە قىلغان چاغلاردا ياۋا ئارىلىنىڭ باش ۋالىيسى بۇ بۇددا مۇنارىنىڭ سەنئەت قىممىتىنى بايقاپ، كىچىك كۆلەمدە تازىلاش ، رەتلەش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان. بۇنىڭ بىلەن بوروبۇدۇر قايتا كىشلەرنىڭ دىققىتىگە ئېرىشكەن. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گوللاندىيەلىك بىر ئىنژىنىر مۇنارنىڭ ئاساسى ۋە ئۇستى قىسمىنى ئەسلىگە كەلتۇرگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇنار ئاساسىنىڭ قىيسىقلىقىنى ۋە بۇزۇلغان تاشلارنى ئەسلىگە كەلتۇرەلمىگەن.بۇددا مۇنارىنىڭ ھەقىقى قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىشى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بولۇپ، 1973-يىلى ب د ت مەدىنيەت -مائارىپ فوندى جەمىيىتىنىڭ ياردىمى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ياردىمى ئارقىسدا چوڭ كۆلەمدە رىمونت قىلىش باشلىنىپ، ئون يىل ئىچىدە 22مىليون 500مىڭ ئامىرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنغان. 1983-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى قايتا ياساش ئاياقلاشقان. رىمونت قىلىنغاندىن كېيىنكى بوروبۇدۇر قەدىمى ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇپ، ھەريىلى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلماقتا.

ئىز تورى www.iz.la




بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(2)
40%
ئالقىشلايمەن
(3)
60%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئون مومىيا

    1. فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى: فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مومىيا . ئۇنىڭ بايقىلىشى خۇددى ۋاشىڭتون،لىنكولىن، ئالىكساندىر ياكى كېلىئوپاترالارنىڭ مومىياسىنى بايقىغانغا ئوخشاش دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى13-ئەسى...

  • قەشقەر دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمقى مەدەنىيەت توپلاشقان جاي

    ...

  • قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل

    قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل بۇرۇن تارتىلىغان رەسىمى رەسىم 1...

  • شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

    ئابدۇكېرىم ياقۇپ شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئالدى دەرۋازىسى      شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ تارىخىنى ئەڭ بۇرۇن بولغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈي يىللىرى ( 1879 – يىلى) غىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەينى چاغدا قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسى بېيجىڭدا...

  • باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى

    ئۆركەش جاپپار      2008 – يىلى ئۆكتەبىردە باي ناھىيىسىگە مۇخبىرلىققا بېرىپ، باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە مۇۋەپپەق بولدۇم. شۇ كۈنلەردە ناھىيىدە ‹‹غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى›› ئېچىلغان...

  • يارغول قەدىمىي شەھىرىدىكى سىرلار

             ·يارغول قەدىمىي شەھىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ 10 كىلومېتىر غەربىدىكى ئىككى دەريا قىنى ئوتتۇرسىغا جايلاشقان كىچىك ئارال . ئۇنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 1760 مېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، 300 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئارالنىڭ ئەترا...