«مىللىي كىيىمىنىڭ جىنايىتى» دىن تۇغۇلغان ئويلار
يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ بىر يېزىسىدىكى مەلۇم بىر قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات يىغىنىدا مەلۇم بىر كىشى ( ئاڭلىسام ئۇ تېخى ناھىيە بازىرى ئەتىراپىدىكى مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ پارتىيە ياچېيكا سېكىرتارى ئىكەن) ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى، دېھقانلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، دىنىي زاتلار بولۇپ 500 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان يىغىندا، «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ رومال، ياغلىق ئارتىشى- 50-يىلىدىن بۇرۇنقى بەدىنىنى پاكىز تۇتمىغانلىقى، چاچلىرىنى پىت بېسىپ، ‹ئېڭىشسىلا تاماق ئېتىدىغان قازانغا چۈشۈپ كېتدىغان›لىقى سەۋەپلىك، ئەرلىرى تاماقنىڭ پاكىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەجبۇرىي قوللانغان تەدبىرى، بۇنىڭ ئۆرپ-ئادەتلەر ياكى ئىسلام دىنى بىلەن ئالاقىسى يوق؛ ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا ، تۇماق كىيىشى خوراپىيلىق، چاقا بېسىپ، جاراھەت قاپلاپ كەتكەن بېشىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېچىش ئەپسىز بولغاچقا ئامالسىز بېشىغا دوپپا،تۇماق كىيىدىغان بولىۋالغان، بۇئەمەلىيەتتە ‹مەدىنىيەتسىزلىك›، باش كىيىم كەيمەي يۈرۈشلا ھەقىقى مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسى،ئاياللارنىڭ يوپكا كىيىشىمۇ ئەينى يىللاردىكى نامراتلىق سەۋەبىدىن يىرتىلىپ كەتكەن ئىشتانلىرىنى ياماشقا ئامالسىز قېلىپ، بەدىنىنىڭ يالىڭاچ قالغان جايلىرىنى يېپىۋېلىش ئۈچۈن » دەپ «چۈشەنچە بەرگەن». (مەزكۇر «دانىشمەن» بۇخىلدىكى تەشۋىقاتنى بىر قانچە يېزىدا ئوخشاش مەزمۇندا تەكرارلىغان.)
توۋا ! بۇ«زات» ئاشۇ يىللاردىكى ئۆزى دىگەن ھېلىقى «مەينەت، پىتلىق ئايال » دىن تۇغۇلغان بولغىيمىدى ياكى باشقا مىللەتلەر ئىچىدىكى ئۆزى «پاكىز» دەپ تونۇيدىغان ئانىلار تۇغقان بولغىيمىدى؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تېخى ئوقۇتقۇچى ئىكەن، مېنىڭ قارىشىمدا ئوقۇتقۇچى- بىر مىللەت مەدىنىيىتىنىڭ تارقاتقۇچىسى ، ئۇ ئاشۇنداق «مەدىنىيەت تارقاتسا » تەربىيلىگەن ئوقۇغۇچىلار قانداق ئادەم بولار؟ قايسى مىللەتنىڭ پەرزەنتى بولار؟ دەرۋەقە ، شۇ يىللاردا ئۇيغۇرلارلا ئەمەس ، پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئوخشاشلا جاپالىق، نامراتلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن،بىراق بىر ئادەمنىڭ تەبىئىتىنىڭ قانداقلىقى ئىقتىسادىي تۇمۇش بىلەن شۇنچىۋالا يېقىن بولۇپ كېتىشى مۆمكىنمىدۇ؟
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۆز ئانىسىنى ئەيمەنمەي «مەينەت، پىتلىق » دەپ، ئۆز ئاتىسىنى «مەدىنىيەتسىز» دەپ ھاقارەتلىگەن كىشى، ئۆزى قانچىلىك ئادەم بولماقچى ئىدى؟ئۇنىڭ دىيىشىچە باش كىيىم مەدىنىيەت سەۋىيىسىنىڭ يوقلۇقىنى، نادانلىقنى ئىپادىلەرمىش. پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن مەرھۇم بوۋىلىرىمىز مەھمۇت قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارمۇ باشى كىيىمى ئۈستىگە سەللە ئوراپ، ئۇزۇن تون كىيىپ يۈرگەن ئەمەسمىدى؟ ئەجىبا ئۇلارمۇ پۈتۈن دۇنيا خەلقلىرى ئارىسىدا «ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يۈزىنى تۆككەن ‹ تاز › » لارمىدۇ؟ تارىختا ئۆچمەس تۆھپىلىرى بىلەن ئۇلۇغ نامىنى قالدۇرغان تۆھپىكار ئانىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇنداق «مەينەت، پىتلىق » بولغىيمىدى؟ مەن بۇ ئادەمنىڭ كاللىسىدا چاتاق بارمىدۇ ياكى تەربىيلىگەن ئاتا-ئانىسىدا مەسىلە بارمىدۇ دىگەن مەسىلىنى تازا ھىس قىلىپ كېتەلمىدىم.
باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىدىن ئەلۋەتتە ئۈگىنىش كېرەك، بىراق ، تەنقىدىي ئاساستا جانلىق قوبۇل قىلىش كېرەكتۇ؟ مىللىي كىيىم دىگەن بىر مىللەتنىڭ روشەن بەلگىلىرىنىڭ بىرى تۇرسا، ئۇنى پەس كۆرگەن كىشىنى نىمە دىگۈلۈك؟ مىللىي كىيىم كەيمىسىلا ئىلغار ھىساپلايدىغانلار ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كوچىدا يالىڭاچ يۈرگەن بولسا «تېخىمۇ مەدىنىيەتلىك» بولۇپ كەتمەسمىدى؟! «ئۆزىنى شۇنچىلىك چۈشەنگەن » كىشى باشقىلارنى قانچىلىك چۈشىنەر؟! مەن بۇ كىشىنى ئۇيغۇر ئەمەس، ئۇيغۇرلارنى ياقتۇرمايدىغان باشقا بىر مىللەتنىڭ «جاكارچىسى»دەك ھىس قىلىپ قالدىم، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەكىتلىنۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تەپتارتماي بىزنى مەسخىرە قىلىشقا قانداق پېتىدىكىنە؟ جۇڭگۇدا ئۆزگە مىللەتلەرنى ياقتۇرمايدىغان مىللەتلەر يوقتۇ؟!