مونالىزا نېمىگە كۈلۈمسىرەيدۇ؟
ئاناتولىيە تېلىستوي (رۇسىيە) لى دۇڭمېي رۇس تىلىدىن خەنزۇچىغا تەھرىرىي تەرجىمىسى
ئىز تورى بەك ياخشى

مەن ئوففىسسىرلار مەكتىۋىنىڭ جىنايى ئىشلار رازىۋىتكا كەسپىدە ئوقۇۋاتىمەن، ئۇزاق ئۆتمەي جىنايى ئىشلار دىلولىرىنى مۇستەقىل رازىۋىتكا قىلىمەن. ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ئېيتىشىچە مەكتىۋىمىز دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ئوففىسسىرلار مەكتىۋى ئىكەن. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
تۈنۈگۈنكى دەرسكە ئوقۇتقۇچىمىز بىر پارچە ماي بوياق رەسىمىنى يەنى ئىتالىيىلىك داڭلىق رەسسام داۋېنىچنىڭ مونالىزا دېگەن ئەسىرىنى ئېلىپ كىردى. رەسىمدىكى بۇ ئايال كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، لېكىن ئۇنىڭ كۈلكىسى غەلىتە كۆرۈنەتتى. 500يىل ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ كىشىلەر ئۇنىڭ نېمىگە كۈلۈمسىرىگەنلىكىنى زادىلا بىلەلمىگەن ئىدى. www.iz.la
مۇئەللىم:«سىلەرگە 45مىنۇت ۋاقىت بېرىمەن، مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ زادى نېمىگە كۈلۈمسىرىگەنلىگىنى تېپىپ چىقىسىلەر، ئەگەر كىم تاپالمىسا شۇ كىشى جىنايىي ئىشلار رازىۋىتچىكى بولۇشنى خام خىيال قىلمىسۇن!»دېدى. ھەممىمىز جاۋابىنى تاپتۇق، لېكىن ئالتە ساۋاقداشنىڭ جاۋابى ئالتە خىل ئىدى.
بىرىنچى خىل جاۋاپ تولىمۇ ئاددىي بولۇپ، بىزنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى، شۇنچە يىللاردىن بۇيان باشقىلار نېمىشقىمۇ ئويلاب باقمىغاندۇ؟ ئەسلىدە داۋىنچى مونالىزانىڭ كۈلۈشىگە رۇخسەت قىلمىغان، لېكىن ئۆزى بىر چەتتە تۇرۇپ بۇرۇن-كۆزلىرىنى غەلىتە ھەرىكەتلەندۈرۈپ شەيتانلىق قىلغان، مونالىزا ئۇنىڭغا قاراپ كۈلگىسى كەلسىمۇ كۈلۈشكە پېتىنالمىغان، شۇڭا ئۇنىڭ كۈلكىسى غەلىتە كۆرۈنىدۇ.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئەمدى ئىككىنچى خىل جاۋاپقا قاراپ باقايلى: مونالىزا ئۇزۇن قىشنى چىداپ ئۆتكۈزۈپ باھار كەلگەن (رەسىمدىكى ئارقا كۆرۈنۈشتىن بىلۋالغىلى بولىدۇ). سىرتتىكى دەل-دەرەخلەر ۋە گۈل-گىياھلار ئۆسۈپ ئەتراپ يېشىللاشقاندا، ھويلىسىدا قانداقلا بولمىسۇن بىر نەچچە خىل سەي –كۆكتات ئۈنۈپ چىققان ئىدى. شۇ تاپتا ئۇ ئاچلىقىدىن ئۆلەر ھالغا كېلىپ قالغان، شۇڭلاشقا رەسىمدىن ئۇنىڭ كۈلگەن ياكى يىغلىغانلىغىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
ئۈچۈنچى خىل جاۋاپ: كىشىلەر پۇللىرىنى بانكىغا ئامانەت قويغان،بىراق بانكا ۋەيران بولغان. ئەكسىچە مونالىزا پۇللىرىنى ئۇزۇن پايپىقىغا يوشۇرۇپ قويغاچقا ئۇ يەردە كۆرەڭلەپ ئولتۇرغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تۆتىنچى خىل جاۋاپ: مونالىزانىڭ يولدىشىنىڭ ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقتى بولغان ياكى قايتىپ كېلىپ رەسسام داۋېنچىنىڭ كەينىدە ساقلاپ تۇرغان. داۋېنچمۇ:« ئۇنىڭ كۈلكىسى نېمانچە غەلىتە؟» دەپ ئويلىغان. ئەسلىدە مونالىزا ئېرىنىڭ ئازغىنە بايلىقىنى تېپىۋېلىپ ئۇنىڭغا بىر تەڭگىمۇ قالدۇرماي دەرھال باشقا جايغا تىقىپ قويغان. ھازىر ئۇ ئاشۇ يەردە ئېرىگە قاراپ سۆزسىز ھالدا كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرغان. ئېرىمۇ كۈلگەن، لېكىن ئېرىنىڭ نېمىگە كۈلگەنلىكىنى ھېچكىم مەڭگۈ بىلمەيدۇ. ئىز تورى www.iz.la
تۆۋەندە بەشىنچى خىل جاۋاپقا قاراپ باقايلى: مونالىزانىڭ ئېرى دۆلەت مەمۇرى بولۇپ، ھۆكۈمەت ئۇنى خىيانەت قىلمىسۇن،پارا ئالمىسۇن دەپ ئىش ھەققىنى 10ھەسسە ئۆستۈرۈپ بەرگەن. ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ ئىش ھەققىمۇ ئوخشاشلا ئۆسكەن بولسىمۇ، بىراق مونالىزا تۇرمۇشىنى ئەڭ بەخىتلىك ئۆتكۈزگەن ئۆتكۈزگەن يەنى داچىسى ئەڭ چوڭ، ماشىنىسىمۇ ئەڭ ئېسىل، بالىلىرىمۇ چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇغان. شۇڭلاشقا كۆپچىلىك دائىم ئۇنىڭدىن:« ئېرىڭىز ھازىر پارا ئالالمىسا، ئۇنچىۋالا كۆپ پۇلنى قانداق تاپتىڭلار؟» دەپ سورىغاندا، ھەر قېتىم كۈلۈپ قويۇپ جاۋاپ بەرمىگەن. بىر قېتىم باشقىلار ئۇنىڭدىن يەنە بۇ سوئالنى سورىغاندا يەنىلا پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويغاندا داۋېنىچ بۇنى كۆرۈپ قالغان.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇنداقتا ئەڭ ئاخىرقى جاۋابقا قاراپ باقايلى: مونالىزانىڭ ئېرى تاماكا چەكمەيتتى، ھاراق ئىچمەيتتى، ئايالىنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى، باللىرىنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيدە تۇرسىمۇ توققۇزى تەل بولۇپ، قۇلۇم-قوشنىلىرى بىلەن مۇناسىۋېتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى. ئۇنىڭ غەم قىلغۇدەك يەنە نېمىسى بولسۇن؟ بىز بۇنداق تەلەيلىك ئايالنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ كۈلكىسى غەلىتە تۇيۇلىدۇ.
قارىغاندا ئۆزىمىز غەلىتە بولغاچقا مونالىزانىڭ كۈلكىسى ھەممىمىزگە غەلىتە تۇيۇلۇپتۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە: جۇڭخۇا فىليەتۇن تور بېتى
مەنبە؛oyqi.blogbus.com بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!