- ئاتاقىلىق ئاۋاز ئارتىسى مۇنەۋەر ئابلەتكە بېغىشلانغان
كۆر ، ھەي كۆزلەر پۈتكۈل تىننى راك ھۈجەيلىرى قاپلىغان بىر قەيسەر ئايالنى كۆر ! راكىنى ئۇنتۇپ ، بارلىقىنى مىللەت تىلىۋىزىيە ئىشلىرىغا بېغىشلىغان ئۆمۈتىۋار ئايالنى كۆر !!!... ئىز تورى بەك ياخشى
كۆر، ھەي كۆزلەر !...ئۆزنىڭ قەيسەر روھى ئارقلىق كېسەللىك ئازابىدا قىيىنىلىپ ھاياتتىن ئۈمۈد ئۈزۋاتقانلارنى ئۈمۈتىۋارلىققا چىلاپ ، تاڭ قۇياشىدەك پارلاق نۇر ئاتا قىلىۋاتقان بىر قەيسەر ئايالنى كۆر!
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شۇ چاغدىلا سەن ھاياتنىڭ نىمىلىكىنى، ئۈمۈد بىلەن ياشاشىنىڭ قانداق بولدىغانلقىنى ، تۇرمۇشنىڭ قانچىلىك گۈزەللىكىنى تۇلۇق ھېس قىلىسەن ۋە ئورنىڭىدىن دەس تۇرۇپ، شىللەڭنى بېسىپ تۇرغان ئىرادىسىزلىك ۋە چۈشكۈنلىكىنى ئىرغىيىتىپ تاشلايسەن - دە يېپىڭىيى روھ بىلەن ئالغا قاراپ دادىل قەدەم تاشلايسەن !
ھەي ھەدە ! ئەڭ يېقىن كىشلەرلا بىر- بىرنى ( سەن ) ديشىدۇ . پۈتكۈل ئىنىسانيەتنىڭ قان قىرنداشلىقىنى ئويلىسام ئۆزۈمىنى سىز بىلەن ھەدە - سىڭىلىدەك ھىس قىلىمەن ، شۇڭا مەن سىزنى ( سىز ) لىمەي ،( سەن) لەش ئارقلىق ئۆزۈمىنىڭ سىزگە نەقەدەر يىقىنىلىقىمىنى بىلىدۈرمەكچىمەن .
ھەدە سنىڭ يىقىنلىرىڭ يالغۇز ئەمەس ، بەلكى تىلىۋۇزۇردىن يىقىمىلىق ئاۋازىنىڭىنى ئاڭلاپ تۇردىغان پۈتكۈل خەلقىمىز !......مەن سەن بىلەن بىرەر قىتىم يۈز تۇرانە كۆرۈشىمىگەن بولساقىمۇ ، ئەمما ئىجادىيەت دۇنياسىدا مۇددىئانىڭ بىرلىكىدە تاي قىتىم غايۋى كۆرۈشكەندىمەن ! تىلىۋۇزۇر ئىكىرانى ئالدىدا تۇرۇپ يارقىن ئاۋازىنڭىنى تالاي قىتىم ئاڭلىغاندىمەن ! مۇنەۋەر ئابلەت ئىسمىلىك بىر ئايالىنڭ ئاۋاز سەنئىتىگە قۇشۇۋاتقان بۈيۈك تۆھپىلەرنى تالاي قىتىم ئىچىمىدە زىكىر قىلىغاندىمەن ! تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مانا بۈگۈن ( تەڭرىتاغ گۈلزارى سەھپىسىدە سنى تۇلۇق كۆردۈم ئىكىران كەينىدە تۇرۇپ تالاي پېرسوناژىلارغا ئاۋاز بىرىپ ئۈنسىز تۆھپە يارتىۋاتقان بىر پىداكار ئايالىنى ئىكىران ئالدىدا كۆردۈم ! ئەپسۇس شۇنداق تۇلۇپ تاشقان قىزغىنىلىق بىلەن بىرلىپ ئىشلەۋاتقان ئايالنىڭ بىر قانچە يىلىدىن بىرى ئەزرائىل بىلەن ئۈنسىز ئېلىشىپ كىلىۋاتقانلىقىنى پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن. خۇددى كۆز ئادىڭىدا ئولتۇرغان قېرنىدىشىڭ خىزمەتداشلىرىڭ ئۈنسىز كۆز يېشى قىلىغىنىدەك ، مەنمۇ ئىختىيارسىز ھالىدا كۆزلىرىمىگە لىققىدە ياش ئالدىم!
مەن چىرايىغا قاردىم ، چىرايىڭىدا تەبەسىىۇم ! سنڭ كەچۈرمىشىڭىنى ئاڭلىغان ھېچبىر ئىنىسان سىنى بىر كۆرۈش بىلەنلا ،ياق ، مىڭ كۆرگەن تەقدىردىمۇ ، سنىڭ ئاشۇنداق رەھىمىسىز كېسەللىككە مۇپىتىلا بولغىنىڭىنى ئەسىلا پەرز قىلالمايدۇ. ھەدە ، سنىڭ تەبەسىسۇمىڭ پۈتكۈل ئەلنىڭ تەبەسىسۇمى ! سىنىڭ كىسەلىك ئازابىدىن سولغان مىسكىن چىرايڭىنى ئەل ئالدىدا ئاشكارە قىلىپ ،ئەل قەلبىنى ئەل قەلبىنى بىئارام قىلغۇڭ يوق !
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
چۈنكى ،سەندە كامالەتكە يەتكەن ( ئۆزنى بىلىش ، ئۆزىگىنى ئاياش ) تىن ئىبارەت ئىسل پەزلەت بار . copyright by www.iz.la
ھەدە خۇددى ئۆزۈڭ ئيتىقاندەك ، ئوغلۇڭ ۋە كىيىنىكى بارلىق ئەۋلاتلا سەندىن پەخىرلىنىدۇ . سنىڭ سەنئەتكە بولغان مىسلىسىز ئىشتىياقىڭ ئۇلارغا ھاياتىنى مەنلىك ئۆتكۈزۈشنىڭ نەمۇسنى كۆرسەتسە ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشتىكى قەيسەر روھنىڭ ئىرادە ۋە ئۆمۈتىۋارلىق ئاتا قىلىدۇ بىلىپ تۇرۋاتمەن شۇ تاپتا كىسەلىك ئازابىدا چەكىسىز ئازابىقا چۆككەن سانسىز كىشلەرنىڭ روھى سنىڭ ئەمەليىتىڭ ئارقلىق قاتتىق سىلىكىنىشكە باشلىدى . ئۇلار سىنى ئۈلگە قىلىپ ئۈمۈتىسىزلىك كەيىپىياتىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىتى . دىمەك سەن ھەققى مائارپىچى بولدۇڭ . بەلىكم ، ئەمدىلا 35 ياشلاردىن ئاشقانسەن ، يەنە شۇنچە يىل ، ياق ئۇنىڭىدىن كۆپرەك ياشا !بىزگە سەندەك ھەققى تەربىيچى كىرەك ! تەربىيە ئارقلىق تايلارنى توغرا يولغا، ئۆمۈتىۋارلىققا باشلا ! سەندىكى قەيسەرلىك ئۈمۈتىسىزلىك پاتىقىغا پاتقان تالاي ئەرلەرنىڭ يۈزنى قىزارتىسۇن تالاي ئاياللارنىڭ ،ھاياتلىق يولى تېخمۇ نۇرلانسۇن ! ( تەڭرىتاغ گۈلزارى ) پروگراممسىدىكى خادىملار ساڭا بىر جۈپ خىرستال كەشنى ساڭا ھەدىيە قىلىدغۇ ! ئاشۇ كەش ساڭا بەخىت ئامەت سالامەتلىك ئېلىپ كەلگەي ! مەن ساڭا پەقەت ساپ ۋە تىلىكىمىلنىلا سوغا قىلىمەن . ئۇ تىلەك ساڭا ئەبەدىل يار بولغاي !...خەيرى ئامان بولغىن !
مانا بۇ تۇرمۇش ، مانا بۇ ئوخشىمىغان كىشلەرنىڭ ھاياتقا بولغان قارشى ؛ بۇ دۇنيا ئەنە شۇنداق قىسمەتلەر بىلەن تولغان جامائەتچىلىك تەرپىدىن ( قەيسەر ئايال) دەپ تەرپلنىۋاتقان ئاۋاز ئارتىسى مۇنەۋەر ئابلەت پۈتكۈل تىنى راك ھۈجەيرىلىرى بىلەن قاپلاپ كەتكەن بولسىمۇ راكنى ئۇنتۇپ بارلىقىنى مىللەتنىڭ تىلىۋىزىيە ئىشلىرىغا بېشىلاپ ئەزرائىل بىلەن باتۇرانە ئېلىشىپ ھاياتىنى قەدىرلەپ ، ئۆزنىڭ ئۆمۈتىۋار ، قەيسەر روھى ئارقلىق كېسەل ئازابىدا قىيىنىلىپ ، ھاياتتىن ئۆمۈدىنى ئۈزۋاتقانلار ئۈمۈتىۋارلىققا چىلاپ ، تاڭ قۇياشىدەك پارلاق نۇر كۆتىرىپ خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ .
ھەر بىر ئىنىسان بۇ رىئانلىقىنى ساق قىلىپ ، قىسقىغىنە ھاياتىنى قەدىرلىشى ، ياشىغان ئىكەن ، ئادەمىدەك ياشاشىنى بىلىشى لازىم . ھاياتىنى قەدىرلەش ، بىر كۈنىمۇ بوشقا ئۆتكۈزمەسلىك ،خەلىققە ، ۋەتەنىگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ خەلق مىللەتنىڭ قەدىرلىشىگە ئىرشىش - ھەققى ئادەمىدەك يەنە بىر مىزامى، يەنە بىر يولىدۇر . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە ؛ ھايات يوللىرى
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!