ئۇيغۇر ئۇسسۇلى

ۋاقتى:2010-09-21 13:32مەنبە: يوللىغۇچى: بەختىيار يۈسۈپ چېكىلىشى:قىتىم
  

ئۇيغۇر ئۇسسۇلى
  (مۇخەممەس)
ئاپتور: تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم يىلتىز

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

كۆككە ئىككىنچى قۇياش سەنئەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى،
چىن كامالەتكە ئاداش شۆھرەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى،
ئەھلى ئەمگەككە قاياش مېھنەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى،
ھەممىنى ئەتكەن ھاپاش غەيرەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى،
سەھنىدە ئۇزلۇققا باش ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

سازچىلار دۇنيا تەۋەللۇت ئەيلىسە مەرغۇل بىلەن،
ناخشىچى باشلار غەزەل ئۈن تالىشىپ بۇلبۇل بىلەن،
بەيگىگە چۈشكەي ئۇسسۇلچى بەسلىشىپ دۇلدۇل بىلەن،
يۆگىشىپ كەتكەي بەدەنلەر بالقىشىپ سۇمبۇل بىلەن،
سەزگۈلەرنى ئوۋلىغاي خىسلەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئاق، ئوماق بارماق، بىلەك، بەل سەتھىدە يانساسېھىر،
چۆرگۈلۈش ھەم ئۆرگۈلۈشلەردىن چېچىلغاي ئوت، مېھىر،
ھەرىكەتلەر مەۋجىدە پاكلىق، ھايا، ۋىجدان زىكىر،
ھەر تەرەننۇم، تاشلىنىشنىڭ ۋەزنى تاغلاردىنئېغىر...
ئەلگە يار ساغلام، سۈزۈك ئىسكەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى.

ئىز تورى www.iz.la

ياندىشىپ دىلبەرگە، شوخ-شوخ ئوينىسائوغلانلىرىم،
پارلىغاي ئوبرازى باتۇر، ئوت يۈرەك پالۋانلىرىم،
زەڭ سېلىپ باقساڭ، ئۇنىڭدا ئەڭ بۈيۈك ئارمانلىرىم،
پەللىلەردە ئۈندۈرەر گۈل مۇسكۇلۇم-دەرمانلىرىم،
ئەھلى ھىممەتكە ھامان رىغبەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى.

ئىز تورى بەك ياخشى

مەيگە ئايلانغاي قېنىڭ شېرىن، خۇش ئاۋاز ئالدىدا،
تەن قۇشۇڭ قاققاي قانات، بۈركۈتچە پەرۋاز ئالدىدا،
سەن ئېرىپ ئۆركەش ياسارسەن جەزبدار ناز ئالدىدا،
مېۋىلەر ساڭرى پىشارسەن گۈلباھار-ياز ئالدىدا،
پەرىنى قىلغاي خىجىل نۇسرەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

سۆيگۈ ئىزھارى ئۈچۈن گەپ ئىزدىمە سۆز كانىدىن،
مەقسىتىڭ ھەل، بەس، ئېشىپ چۈشسەڭ ئۇسسۇل ئاسمانىدىن،
بولغىنىڭ شۇ: قۇت-بەخت سۇلتاندىن، جانانىدىن،
قەھرىمانلىق نامى ئالغايسەن ھايات داستانىدىن،
قۇشلىبان بەرگەي ھۇزۇر ئىشرەت ئۇيغۇر ئۇسسۇلى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

توي-تۆكۈن، ئايەملىرىمدە، بالقىسا نەغمە-ناۋا،
ھېيىت، مۇراسىم كۆركىدۇر باشتىن-ئاياغ ئۇسسۇل-ساما،
ھەر كىشى قاينام ئارا ئالىي سۈپەت ئارتىس گويا،
ئوينىغانلار شاد-خۇرامدۇر ھەم تاپار تەنگە داۋا،
روھىنى ئەيلەر كۆرەك ھەيۋەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى.

ئىز تورى www.iz.la

ۋەسلى ئون ئىككى مۇقامنىڭ دىلبىرى-رەناسى ئۇ،
بەزمە-مەشرەپ، ئولتۇرۇشنىڭ زەپ ئېسىل- ئەلاسىئۇ،
ئالەمى كۆركەم، نازاكەتنىڭ گۈزەل سەھراسى ئۇ،
تەرجىمانسىز كەڭرى، دۇنيا زاھىرى، يەكتاسى ئۇ،
ئۆز تىلىدىن دۇر تۆكەر ھېكمەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ئەھلى ئۇيغۇرغا ئۇسسۇل تۇغما تالانتتۇر، ئەي جاھان،
ئىزگۈ ئارمان ئەۋجىدە سۇنماس قاناتتۇر، ئەي جاھان،
ناخشا-ئۇسسۇل قوينىدا ھەركىم ھاياتتۇر، ئەي جاھان،
پۇت-قولى گەر كەلمىسە ئۆلمەك - ئۇياتتۇر، ئەي جاھان،
ھېچ تېپىلماس باشقا بىر مىللەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى!

www.iz.la

ئەي ئۇسسۇل، پەخرىم، غۇرۇرۇم، يىلتىزىڭدىنئۆرگىلەي،
شاخلىغىن كۆركەم، باراقسان، ئەڭگىزىڭدىنئۆرگىلەي،
ئۆزگىچە چېچەك، مېۋەڭدىن، مېغىزىڭدىن ئۆرگىلەي،
سەن ئۈچۈن جان بەرگۈچى ئوغلان-قىزىڭدىنئۆرگىلەي،
ئۆزلۈكۈڭدىن ياشنىغىن قىممەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەنبە: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژورنىلى 2004-يىل 1-سانىدىن ئېلىندى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(2)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • [مۇخەممەس] ئۇيغۇر كاۋاپلىرى

    «كاۋاپچى»دەپ ئاتالغان بىز، كېلىڭ مېھمان، كاۋاپ يەيسىز، ھۈنەر پەمىگە ئۇيغۇرنىڭ بولۇپ ھەيران، كاۋاپ يەيسىز، تېپىپ تەنگە يېڭى قان ھەم قۇۋۋەت- دەرمان، كاۋاپ يەيسىز، ھوزۇرىنى سۈرۈپ گوياكى شاھ - سۇلتان، كاۋاپ يەيسىز، ئېغىز تەگمەكنى مەڭگۈلۈك قىلىپ ئارمان، كاۋاپ...

  • نېمىشقا ؟!

    يۇرۇپ كەتتىڭ تەنھا نىمىشقا، ھەمشىرەڭدىن چاندىڭمۇ ياكى. ئاھسىراپلا يۇردۇڭ نىمىشقا، ئۆز-ئۆزۇڭدىن تاندىڭمۇ ياكى. ئاچچىق كۇلۇپ كەتتىڭ نىمىشقا، ناشتىلىققا لازا يىگەنمۇ؟ ياكى سىنى ئاچچىق كۇلدۇرگەن، پۇتلىرىڭغا كىرگەن تىكەنمۇ؟ پۇتلىرىڭغا كىرگەن تىكەنگە، سەۋەپ بول...

  • سۆيگۈ خاتىىرسى

    مۇھەببەت شەرىت-شارائىت ئارقىلىق ئۆز ۋىسالىنى تاپىدۇ...

  • ئىز تورىغا (مەلىكە0996 )

    ھايات دىگەن شۇنداق ئىكەن، مۇھتاجلىقتا ئوتەركەن. قوللىغاچقا ئىز تورى، ئەجىرىمىزدىن گۈل ئۇنەركەن. گۈل ئېچىلسۇن ئىز توردىن، يازغان ھەربىر خەتلەرگە. پۇرسەت كەلسە ئايىماڭ، يېزىپ تۇرۇڭ ئىز تورغا. كەچۇرۇڭلار ياخشى چىقماي قالدى....

  • ئەجپ سېغىندىم ئەشۇ گۈزەل بالىلىق دەۋرىمنى

    ئەجپ سېغىندىم ئەشۇ گۈزەل بالىلىق دەۋرىمنى...

  • باتۇرلارچە ياشايلى !

    باتۇرلارچە ياشايلى زۆھرە ئابلىمىت(ئەما قىز) قارا تۇمان توسۇۋالغاچ كۆزۈمنى، ئىزدەپ - ئىزدەپ كۆرەلمىدىم جىسمىڭنى. يا كەلمىدىڭ ئۆزۈڭ ئىزدەپ يېنىمغا، كۈچەپ - كۈچەپ توۋلىساممۇ ئىسمىڭنى. يۈرىكىمىز پىچىرلاشقان شۇ چاغدا دېدىڭ:ماڭا دەسسەش نېسىپ ئەمەسكەن. كەچۈر،بېر...

  • نۇرۇز ھىكىمىتى

    نۇرۇز ھىكىمىتى ۋارىسىجان تۇردى(سەۋدا) مۇقەددىمە كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشسە نۇرۇز بۈگۈن قالامىدىكىن كۆڭۈللەردە ئارمان تۈگۈن؟ 1 قانداق سېھىرى ھىكىمەت بار؟ نۇرۇز بوۋامدا، ئەسىرلەرنى ئەسىرلەرگەئۇلاپ كەلگەندەك. ياشرار ھەريىلى، يىشىل باھاردا. كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكە...

  • مۇھەببەت يىغلايدۇ

    مۇھەببەت يىغلايدۇ ئابلەت مۇھەممەت سادائىي قۇرىدى كۆزياشلار پۈتمىدى پىغان، كۆزياشلار مەۋجىدە ياسالدى قىيان، ئاشىقنىڭ مەشۇقنىڭ چىرايى سامان، ئەجەبكى بىركۆرۈم بولدى بەك يامان، مۇھەببەت يىغلايدۇ ،يىغلايدۇ جاھان. كۆيمەكلىك كۆڭۈلنىڭ رايىكەن ھامان، سۆيگەنگە يۈرە...

  • ئىكەن

    بۇ شىئىرنى مەن بەك ياقتۇرۇپ قالغان، شۇڭا تورداشلىرىمغا ئەۋەتتىم....

  • خىيال ظذنچىلىرى

    مۇھەببەت ۋە ئادەم بولۇش ھەققىدە...