خىيال بىلەن چۈشنىڭ ئارىسى
ئىز تورى www.iz.la
قەيسەر تۇرسۇن ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
قاچقۇن
مەن پەقەت بىر قاچقۇن ماكانسىز ھامان ،
يۈرىمەن ئۆيۈمنىڭ ئىچىدە قېچىپ .
تېنىمگە چاپلانغان تۇتۇش بۇيرۇقى ،
قاراڭغۇ تۈرمىنى تۇرار ئەسلىتىپ .
ئىزدەيمەن ئۈزلۈكسىز قونالغۇ-ماكان ،
قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمى ئارا .
گاھىدا ئەرۋاھتەك يۈرسەم يوشۇرۇن ،
گاھىدا ۋارقىراپ يىغلايمەن راسا .
بىلىمەن چەكسىزدۇر سۆيگۈ قۇدرىتى ،
قىلىنماي قالغاندا ھېچكىمگە ئىزھار .
كۈلپەتسىز تۇرمۇشقا يېقىندۇر ئۆلۈم ،
كۈلپەتسىز تۇرمۇشتا بولمايدۇ باھار . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كۈلپەتلىك ناخشىلار قوغلايدۇ بىراق ،
قاچىمەن قەلبىمنىڭ ئىچىگە قاراپ .
بەش مىليارد ئادەمنىڭ ھەممىسى گويا
يۈرگەندەك ئاھ ، پەقەت مېنىلا قوغلاپ .
www.iz.la
قېچىشمۇ ئادەمگە ئارتىلغان قەرز ،
كەتكۈم يوق ئاھ ، ئۇنى تۆلىمەي بىراق .
تۇرمۇشنىڭ ھەيۋەتلىك ئەينەك ساندۇقى ،
ساقلايدۇ ئازابنى ئۇزاق بەك ئۇزاق . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قورقىمەن ئازابتىن چەكسىز شۇقەدەر ،
سۈپسۈزۈك قەلبىمنىڭ ئىچىگە قاراپ .
ئاھ ، مېنى ئۆزگەرتىپ بولالماس ھامان ،
قاچقۇنلۇق ھەققىدە يېزىلغان كىتاب .
ھېسسىيات تەسۋىرى بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
مۇھەببەت بىر كىنو ، ئەگىشىپ ئاڭا
تەسەۋۋۇر بارغانچە كېڭىيىپ بارار .
ئاھ ، ئاشۇ لەززەتلىك كېڭىيىش ئارا
يۈرەكلەر بىر دۆۋە كۈلگە ئايلىنار . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
رەڭلىرى تەڭشەلگەن ئېكرانغا قاراپ ،
ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسى قىلىنار خىيال .
ئاچ قېلىش سۆيگۈگە ئەڭ ياخشى جاۋاب ،
ئەڭ چوڭقۇر ئازگالدۇر دىلدىكى ئازگال . ئىز تورى بەك ياخشى
بىلىمىز بىز كىنو كۆرۈشنى قانداق ،
پەقەتلا ھەممىدىن قالغاندا مەھرۇم .
قىيانىڭ لېۋىدە تۇرۇپ بەك ئۇزاق ،
ھاياتقا قىيالماي قارايمىز چوقۇم . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
كېيىنكى دوستلارغا سۆزلەيمىز ھامان ،
كىنو ۋە رېئاللىق ھەققىدە ئۇزاق .
ئاھ ، ئۇلار بولسىمۇ سۆيۈپ ئاڭلىغان ،
بىز ماڭغان يل بىلەن ماڭىدۇ بىراق . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مۇھەببەت بىر كىنو ، ياشلىق بىر بېلەت ،
بىر ئوتلۇق ناخشىغا ئايلىنار ئۇلار .
بەزىلەر ئۇنىڭدا سۈرسە سەلتەنەت ،
بەزىلەر قەبرىگە ئايلىنىپ قالار .
بېغىشلىما ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىر كېچىدە چۈشەپ ئۈچ قېتىم ،
كۆزلىرىڭگە تىكىلدىم ئۇزاق .
دېڭىزىڭدا ئاقماقتا قېنىم
بەدىنىمدىن كېتەلمەي يىراق . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
يۈرىكىمگە كىرمەكتە تېخى ،
كۆزلىرىڭنىڭ نۇرى تىپتىنچ .
مەلىكىدەك قوغدايتتى سېنى
چاچلىرىڭدىن ياسالغان قىلىچ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىزدەپ سەندىن ئۆزگىچە نۇقسان ،
يېرىم چېلەك قان بولدى يۈرەك .
قىلدى مېنى قايتىدىن ۋەيران
كۆڭۈل دېگەن دەردمەن ئاقسۆڭەك . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
كۆزلەر ياشسىز بولغىنى بىلەن ،
ئاستا-ئاستا توزىدى قامەت .
مەڭگۈ سەزمەس جەلپكار بەدەن ،
خىيال گويا تۈندىكى ئامەت .
كۆز ئالدىمدا غەمكىن چىرايلار
كۆيگەن خىشنى ئەسلىتەر ھامان .
چۈشلىرىمدە ياسىغان باھار
تاڭ سەھەردە بولدى زىمىستان . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شۇ تاپ ئۆتمۈش ئېگىز بىر داۋان ،
تۆت ئەتراپى قەۋەت-قەۋەت مۇز .
دەردمەن ئادەم بىر ئېسىل خۇمدان ،
تاۋلاپ چىقار سۆيگۈنى يالغۇز . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئاپتورى: شىنجاڭ «ئىقتىساد گېزىتى» ئىدارسىدا
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!