ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئادەمنىڭ رەڭگى-روھى ئۇنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىدىن بېشارەت بېرەلەيدۇ، شۇڭا تىۋىپلار مۇنداق دەيدۇ: «ئادەمنىڭ يۈرەك، بۆرەك، جىگەر، تال ۋە ئۆپكىسىنىڭ رەڭگى قىزىل، ئاق، كۆك، سېرىق، قارا بولىدۇ، ھەر بىر خىل رەڭ بەدەننىڭ ئوخشىمىغان ئەھۋالىدا ۋەكىلىك قىلىدۇ».
تىۋىپلار مۇنداق چۈشەنچە بېرىدۇ: «ئىنچىكە ئۈچەيدە مەسىلە كۆرۈلسە، چىراي بەكرەك قىزىرىدۇ؛ ئۆپكە ۋە چوڭ ئۈچەيدە مەسىلە كۆرۈلسە، چىراي ئاقىرىپ قالىدۇ؛ چىراي دائىم ئاقۇش بولسا، بۇ ئېغىر قەۋزىيەتنىڭ ئالامىتى؛ جىگەر بىلەن ئۆتتە مەسىلە كۆرۈلسە، چىراي كۆكىرىدۇ؛ تال ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىدە مەسىلە كۆرۈلسە، چىراي سارغىيىدۇ؛ بۆرەك بىلەن دوۋساقتا مەسىلە كۆرۈلسە، چىراي قارىدايدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى ئىز تورى www.iz.la
