app دېتالى

رەسىملىك تەۋىسسيە
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىش ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ

ۋاقتى:2014-07-01 12:16مەنبە: يوللىغۇچى:گۈلخۇمار چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق بەش تارماق بىلەن بىرلىشىپ بېسىپ تارقاتقان «كەنت ساقلىقنى ساقلاش بۆلۈمىنى باشقۇرۇش چارىسىنىڭ سىناق نۇسخىسى»دا، كەنت ساقلىقنى ساقلاش بۆلۈملىرىنىڭ باشقۇرۇلۇشى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، كەنت ساقلىقنى ساقلاش بۆلۈملىرىنىڭ ئىقتىدار ئوربىتىسى ۋە مۇلازىمەت دائىرىسى ئېنىق بېكىتىلىپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىش بىخەتەرلىكى، ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى. كەنت ساقلىقنى ساقلاش بۆلۈمىنى باشقۇرۇش چارىسىدە كەنت ساقلىقنى ساقلاش بۆلۈمىنىڭ فونكسىيەلىك ۋەزىپىسى، ئورگان تەسىس قىلىش ۋە تەستىقلاش، خادىم سەپلەش ۋە باشقۇرۇش، كەسپىي باشقۇرۇش، مالىيە باشقۇرۇش، كاپالەتلىك تەدبىرلىرى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، كەنت ساقلىقنى ساقلاش بۆلۈملىرى قۇرۇلۇش كۆلۈمىنىڭ 60 كۇۋادرات مېتىردىن تۆۋەن بولماسلىقى، مۇلازىمەت قىلىنىدىغان نوپۇسى كۆپرەك جايلارنىڭ قۇرۇلۇش كۆلۈمىنى مۇۋاپىق دائىرىدە كېڭەيتىشى ئېنىق بېكىتىلدى. باشقۇرۇش چارىسىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كەنت ساقلىقنى ساقلاش بۆلۈمىدە مۇداپىئە كۆرۈش، ساقلىقنى ساقلاش ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار مۇناسىپ كەسپىي سالاھىيەت ھازىرلىشى ھەمدە يېزا دوختۇرى تەربىيەلەش ۋە ئوقۇش تارىخىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش مائارىپى تۈزۈمى ئورنىتىلىشى كېرەك.

ئىز تورى www.iz.la

مەنبە .تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس