ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئاخىرقى بىر تۈركۈم خىزمەتچىلەر پەلەستىن مېھمانسارىيىدىن ئايرودۇرۇمغا يول ئالماقتا ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
30-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ، جۇڭگو ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك شىركىتىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئاخىرقى بىر تۈركۈم خىزمەتچىلىرى باغداتنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى پەلەستىن مېھمانسارىيىدىن ئايرودۇرۇمغا يول ئالدى . ئۇلار دۇبەيدە ئايروپىلان ئالمىشىپ ۋەتەنگە قايتىدۇ .ئىيۇننىڭ باشلىرى ، ئىراقتا ئېغىر قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن بۇيان ، جۇڭگو ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك شىركىتىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق 1200 نەپەر خىزمەتچىسى سامەررا قۇرۇلۇش تۈرى لاگېرىغا يۆتكەلگەن . جۇڭگو ، ئىراق ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىشى ئارقىسىدا ، تۇرۇپ قالغان بۇ خىزمەتچىلەر 25-ئىيۇندىن 27-ئىيۇنغىچە ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ باغداتقا كېلىپ ، 28-ئىيۇندىن باشلاپ ۋەتەنگە قايتىشقا باشلىغان . نۆۋەتتە ، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم خىزمەتچىلەر ۋەتەنگە يول ئالدى .
www.iz.la
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
