app دېتالى

تەۋىسسيەلىك
ئاۋات

مېكسىكىدىكى قورقۇنچلۇق ‹‹ قونچاق ئارىلى ››

ۋاقتى:2014-06-30 17:03مەنبە: يوللىغۇچى:دانا چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 28-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، مېكسىكىلىق سەنئەتكار دون جۇلىئان سانتانا باررىرا 50 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ، مېكسىكىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قانالدا ‹‹ قونچاق ئارىلى ›› بەرپا قىلغان . نەچچە يۈزدىن ئارتۇق ھەرخىل قورقۇنچلۇق ، غەلىتە قونچاقلار بار بۇ ئارال كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان ساياھەت ئورنىغا ئايلانغان .

ئىز تورى www.iz.la

    ئىگىلىنىشىچە ، 50 يىلدىن بۇرۇن ، بىر كىچىك قىز بۇ ئارالدا سۇغا چۈشۈپ كېتىپ ، تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن ، نەچچە كۈندىن كېيىن قانالدا توساتتىن بىر قونچاق پەيدا بولغان . يەرلىكلەرنىڭ : كىچىك قىزنىڭ روھى قونچاقنىڭ ئىچىگە قاپسىلىپ قالغان ، دېگەن سۆزلىرىگە شەك-شۈبھىسىز ئىشەنگەن دون بۇ قونچاقنى سۈزۈۋېلىپ بىر دەرەخكە ئېسىپ قويغان . قىزنىڭ روھىنى يالغۇز قويماسلىق ئۈچۈن دون تېخىمۇ كۆپ قونچاقلارنى تېپىپ كېلىپ ، ئارالدىكى دەرەخ ۋە ئۆيلەرگە ئېسىپ قويغان . يەرلىكلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، كېچىلىرى بۇ ئارالدا كىچىك بالىلارنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىدىكەن . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    گەرچە دون ‹‹ قونچاق ئارالنى ›› ئۆزىنىڭ شەخسى گۈللۈكى دەپ بىلسىمۇ ، باشقىلارنىڭ كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشىنى قارشى ئالغان . ئارالغا كەلگەنلەرمۇ ھەرخىل قونچاقلارنى ئېلىپ كېلىپ ، ئېسىپ قويغان . يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ، ئارالدىكى قونچاقلارنىڭ سانى نەچچە يۈزگە يەتكەن . كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى شۇكى ، 2011-يىلى دون كىچىك قىز تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن جايدا سۇغا چۈشۈپ كېتىپ ، تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن .

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 

www.iz.la

  [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

 

ئىز تورى www.iz.la

 

ئىز تورى www.iz.la

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 

www.iz.la

 

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەنبە.تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى copyright by www.iz.la

ياخشىكەن
(7)
33.3%
ئالقىشلايمەن
(14)
66.7%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس