ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇخلاشىنى تىلىغا ئالغاندا، ياستۇقنى ئەسلىمەي تۇرالمايمىز. ياستۇق ئىچىدىكى ماتېرىيال سۈپتىنىڭ ياخشى _يامان بولۇشى ئۇيقۇنىڭ ياخشى بولۇش_بولماسلىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرىستىدۇ. بۇ يەردە ياستۇق ئىچىنى تاللاشىنىڭ ئەپلىك چارىسنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
1 ) تەبىئىي ياستۇق ئىچىنىڭ، ھېچقانداق ئەكس تەسىرى يوق ، ھەر قانداق ئادەمىنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ. ياستۇق تاللىغاندا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ سىرتقى ماتېرىيالىنى سىلاپ بېقىش ، ساپ پاختا ئەمەسلىكىگە ئوبدان قاراش، تىكىلىگەن جايلىرىنىڭ ھىم بولغان _بولمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر ئىمكانيەت بولسا، سىيرىتمىسىىنى ئېچىپ ئىچىدىكى ماتېرىيالىنىڭ ياخشى_ناچارلىقىنى كۆرۈپ باقسمۇ بولىدۇ. ئادەتتە ياستۇق ئىچىنىڭ سىرتقى تەرىپىدە چۈشەندۈرۈلۈشىدىكى ئەسكەرتمىنى ئوبدان كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ياقتۇرۇشى ۋە ئىقىتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىسا بولىدۇ.
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
2 ) كاۋچوك يېلمىلىق ياستۇق ئىچىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭ ئېلاستىكلىقى ياخشى، ئادەم بەدىنىگە زىيانسىز . كاۋچوك يېلمىلىق ياستۇق ئىچىنى تاللىغاندا، سىرتقى ماتېرىيالغا قاراش كېرەك. ئەگەر سىرتقى ماتېرىيالىنىڭ ھىملىشىشى ياخشى بولسا، ماتېرىيالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
3 ) سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن ياستۇق ئىچى ئادەتتە ھاۋا ئۆتۈشتۈرىدىغان پاختىدىن ياسىلىدۇ. تاللىغاندا، ئۇنىڭ سىرتقى ماتېرىيالى ۋە ئىچكى ماتېرىيالىنىڭ سۈپتىگە ياخشى قاراش كېرەك. ئۇنڭىدىن باشقا يەنە قول بىلەن بېسىپ، ئۇنىڭ ئېلاستىكىلىق ئۈنۈمىنى سىناپ باقسمۇ بولىدۇ.
4 ) ھاۋا قاچىلانغان ياستۇق ئىچى ئەستە ساقلاش ياستۇقى، بويۇن ئاسراش ياستۇقى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. تاللىغاندا قول بىلەن تۇتۇپ بېقىش ، ماتېرىيالىنىڭ ياخشى _ناچارلىقى ۋە چۈشۈندۈرۈلۈشىدە ئېيتىلىغان ھاۋا مىقدارىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى بەزى ياستۇقلارغا ھاۋا ئورنىدا بۇلۇت ياكى كۆپۈك ئىشلىتىلىدۇ.
مەنبە.تۇرمۇش بىلىملىرى خەزىنىسىى
