ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مۇنچا بىر خىل ئالاھىدە جاي ، جىمجىت ماكان بىراق ، مۇنچىنىڭ پاكىزلىقىنى قانداق ساقلاش ھەقىقەتەنمۇ ئادەمىنىڭ بېشىنى قاتۇرىدۇ . ئەگەر سىز تۆۋەندە تونۇشتۇرۇلغان ئەپىلىك ئۇسۇللارنى ئىگىلىۋالسىڭىز ، مۇنىچدىكى ھەر خىل كىرلەرنى ئاسانلا چىقىرالايسىز . ئىز تورى www.iz.la
1 ) تەرەت تۇڭى . بىر پارچە ياكى كونا پايپاقتىن بىر كىچىك خالتا ياساپ، ئىنىچىكە سوپۇن سېلىپ ، تەرەت تۇڭىنىڭ سۇ ساندۇقىغا چىڭ ئېسىپ قويسا بولىدۇ . سوپۇن سۇدا ئېرىپ ، تەرەت تۇڭىنى تازىلاش رولىنى ئوينايدۇ . تەرەت تۇڭىنىڭ سىرتى ۋە ئولتۇرۇش تەگىلىكىنى تازىلاشتا ، تازىلاش سۇيۇقلۇقى پۈركۈپ چوتكىلاپ يۇيۇپ ، ئاندىن سۇ بىلەن پاكىز چايقاپ ، ئەڭ ئاخىرىدا پاكىز لاتا بىلەن ھەممە يېرىنى سۈرتۈۋەتسە ، پارقىراپ يېڭى ھالىتىدىكىدەك بولىدۇ . تۇڭىنىڭ ئىچىدىكى كىرنى 84 تازىلاش سۇيۇقلۇقى بىلەن تازىلىسا ئۈنۈمى ناھايتى ياخشى .
2 )فارفور خىش. يۇيۇپ بولغاندىن كېىيىن ، سۇ پۈركۈگۈچىنى سوغۇق سۇ ئورنىغا تەڭشەپ ، ئەتراپىتىكى تاملارنى ئازراق سۇ پۈركۈپ يۇيۇپ قويسا ، فارفور خىشىلارغا چاپلىشىپ قالغان سۇ ئىزلىرىنى چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ . يەر يۈزىگە يېقىن بولغان بىر نەچچە قاتار فارفور خىشىنى تازىلاش سەل قىيىن ئاسانلا سېرىق سۇ داغلىرى پەيدا بولۇپ قالىدۇ . چوتكىلاپ يۇسىمۇ چىقىرىش تەس . بۇ چاغدا تەرەت تۇڭىنى تازىلاشتا ئىشلىتىلىدىغان ھاجەتخانا تازىلاش سۇيۇقلۇقىنى سۇ پۈركۈگۈچكە قاچىلاپ ، فارفور خىشىقا ئۈستىدىن ئاستىغا قارىتىپ چېچىپ ، 10 مىنۇتتىن كېىيىن چوتكىلاپ يۇيسا چىقىپ كېتىدۇ .
3 ) زەمبۇرۇغ پەيدا بولىدىغان بۇلۇڭ _پۇچقاقلار . ئەگەر مۇنچىنىڭ ئىچىدە چىكىت _چىكىت قارامتۇل داغلار پەيدا بولسا ، ئەڭ ياخشى ئامال مۇنچىغا پات _پات سۇيۇق ئىسپرت پۈركۈپ يۇيۇش كېرەك . بۇنداق قىلىغاندا زەمبۇرۇغ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ . ئەگەر مۇنچىنىڭ بۇلۇڭلىرىدا زەمبۇرغ پەيدا بولۇپ بولغان بولسا، پاختا كاللەكچىسىنى ئىسپرتقا چىلاپ سۈرۈتسە بولىدۇ .
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
مەنبە.تۇرمۇش بىلىمىلىرى خەزىنىسىىىى تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
