ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
1.بۇ يول بىلەن نەگە بارغىلى بولىدۇ دىمەي بۇ يول نەگە باردۇ دەپ سوراپ كۆنگەن.
2. قىز بالا ئەسكى چوڭ بولسا قىزى ئەسكى ئەمەس ئانىسى بۇزۇق دەيدۇ ، قىز-ئوغۇل ياراملىق بولسا ئاتاڭغا رەھمەت دەپ ماختايدۇ! تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
3. ئوغۇلنىڭ توي قىلغىسى كەلسە دادىسىنىڭ كالىچىغا سەۋزە سېلىپ قويىدۇ ، قىز بالىنىڭ ئەرگە تەگكىسى كەلسە دادىسىنىڭ پاچىقىغا پىت سېلىپ قويىدۇ (ھازىر بۇنداق ئەھۋاللار يوق ، پەرزەنتلەر خىجىل بولمايلا ئۆيلەپ قويمامسەن دەپلا چۈشىدۇ)
ئىز تورى www.iz.la
4. ئاتا-ئانىلارغا ۋەكالىتەن ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەپ قىز سوراپ كەلسە ئەلچى دەپ ئاتايدۇ ، يىگىتكە ۋاكالىتەن قىزنى ئىزدەپ كەلسە دەللال دەپ ئاتايدۇ ، ئەگەر خىزمىتى ئۈچۈن پۇل تەلەپ قىلسا مەككار دەللال دەپ ئاتايدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
5.لوپنورلۇقلارنى بېلىقنىڭ ئۆپكىسىنىمۇ قويۇپ يەيدىغانلار دەيدۇ.(چۈنكى بۇلارنىڭ بېلىق يېيىش ئۇسۇلى باشقا يۇرتقا ئوخشىمايدۇ)
6. ئەگەر ئالغان خوتۇن قىز چىقمىسا پولونىڭ .ئوتتۇرىسىغا سەۋزە سانجىپ قۇدا تەرەپكە ئەۋەتىلىدۇ (ھازىر بۇ ئەھۋال ئاساسەن يوق ) www.iz.la
7. ئىلگىرى سەمىرىپ قاپسەن دەپ ئەھۋال سورىلاتتى ، چۈنكى سەمىرىش رىزىق ۋە باياشاتچىلىقنىڭ ئالامىتى ئىدى ، جەمئىيەت تەرەقىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە سەمىرىش كېسەللىك بولۇپ سەمىرىپ قاپسەن دەپ كەمسىتىدىغان بولدى.
copyright by www.iz.la
8.قومۇلدا ئوغۇلغا ۋاكالىتەن دوستلىرى قىزنى كۆچۈرۈپ كېلىدۇ.
9.تۇرپاندا بىرقىسىم مەزھەپتىكىلەر قىزغا ۋاكالىتەن قىز ئوغۇلغا ۋاكىلىتەن ئوغۇل چىقىرىپ نىكاھ جاۋابىنى ئالىدۇ ، بۇ ئەھۋال ھازىرغىچە مەۋجۈت ، بىرقىسىم كىشىلەر بۇ ئەھۋالنى توغرا ئەمەس دەپ ئىزچىل داۋراڭ سېلىۋاتىدۇ ، ئىلمىيلىك نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئويلانغاندا نىكاھ دېمەك ئىككى تەرەپنىڭ بىربىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى جامائەتكە بىلدۈرۈش.
ئىز تورى بەك ياخشى
10.نىكاھ ئوقۇلغاندا تۇز نان يېيىلمىسە نىكاھ قوبۇل بولمايدۇ دەپ قارايدۇ.تۇزنان يېيىش مىللىي ئۆرپ ئادەت بولۇپ ئىسلام بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. بۇنىڭدىن باشقا ھەققى مەھىر نى موللام ھىسابلاپ چىقىرىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
11. قەشقەردە مەلۇم قارار ياكى پىكىرگە قوشۇلمىسا <چىم شۇندا دەيدا؟> دەپ قوشۇلمىغانلىقى ئىپادىلەيدۇ ، قارشى تەرەپكە تەنبىھ بەرمەكچى بولسا تەنە گەپتىن باشلايدۇ.
www.iz.la
12.خوتەندە ئىسسىقلىق قىلىش قاتتىق تەكىتلىنىدۇ!(چۈنكى خوتەننىڭ ھاۋا كىلىماتى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ ھەقىقەتەن ئىسسىقلىق قىلمىسا بولمايدۇ)
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
