app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

خوتەن خەلقىنىڭ تۇخۇم مەدەنىيىتى

ۋاقتى:2014-06-21 17:01مەنبە: يوللىغۇچى:گۈلخۇمار چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 تۇخۇم ھەر قايسى مىللەت، ھەر قايسى رايون خەلقلىرى ئارىسىدا كەڭ ئىستېمال قىلىنىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىك بولسىمۇ، لېكىن ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان رايون خەلىقلىرى ئارىسىدا ئوخشاش بولمىغان ئىستېمال مەدەنىيەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن. قېنى ئۇنداق بولسا خوتەن خەلقىنىڭ تۇخۇم مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇپ باقايلى. قانداق ئۆزگىچىلىك باركىن؟

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!


تۇخۇمنى سۇدا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ، قازاندا مايدا قورۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ، كۆكتاتلار بىلەن ئارلاشتۇرۇپ قورۇما قورۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ ئەمما خوتەن كىشىلىرىنىڭ تۇخۇمنى پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىش ئادىتى باشقا يۇرت خەلقلىرىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ.

www.iz.la


خوتەن خەلقى تۇخۇمنى ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. تۇخۇمنى قوقاسقا كۆمۈپ يېرىم سائەت ئەتىراپىدا قويۇپ قويسا ئوبدان پىشىدۇ. بۇنداق تۇخۇم سۇدا قاينىتىپ پىشۇرغان ياكى مايدا قورۇپ پىشۇرغان تۇخۇمغا قارىغاندا تاتلىق بولىدۇ. بەدەنگە زىيان قىلمايدۇ. بۇنداق تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ. تۇخۇمنى ئوتقا كۆمۈپ ئىستېمال قىلىش ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنىڭ بىرى. تۇخۇمنى ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرغاندىن كىيىن شاكىلىنى سويىۋېتىپ تۇزغا چۆكۈرۈپ ئاندىن ئۈستىگە ئۇششاق سوقۇلغان بوزىغىنى ئارلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا تاتلىق بولغاننىڭ ئۈستىگە بەدەنگە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ. ھازىر خوتەننىڭ ھەر قايسى ناھىيە، يېزا-بازارلىرىدا تۇخۇمنى ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ ساتىدىغان مەخسۇس تىجارەتچىلەر بارلىققا كەلدى. ئۇلارنىڭ سودىسىمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ھار بىر كۈنلىكى ەچچە يۈز تۇخۇمنى سېتىپ تۈگىتىدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ئەجدادلىرىمىز بۇرۇن تۇخۇمنى سۇدا پىشۇرغاندا ئۇنىڭغا ئۈجمە پۇرى، قىزىل پىيازنىڭ تاش پوستىنى سېلىپ پىشۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان. بۇنداق پىشۇرغاندا تۇخۇمنىڭ شاكىلى چىرايلىق رەڭگە كىرىدۇ.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

خوتەن خەلقى ھېيىت-ئايەملەردە داستىخانغا پىشۇرغان تۇخۇم كەلتۈرىدۇ. بوۋاي-مومايلار نەۋرىلىرىگە ئاتاپ تۇخۇم پىشۇرۇپ قويىدۇ، نەۋرىلەر ئۆيگە كەلگەن ھامان ئۇلارغا تۇخۇم سوۋغا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەيدۇ. بۇنداق ئادەت ھەر قېتىملىق ھېيىتتا ئۈزۈلدۈرمەي داۋام قىلىدۇ. بالىلار تۇخۇمنى قولىغا ئېلىپ خۇشاللىقىدىن سەكرىشىپ كېتىدۇ. ھەتتا تۇخۇمنى ئۆز-ئارا چىكىشتۈرۈپ ئوينايدۇ. تۇخۇمى چېقىلىپ كەتكەنلىرى ئۇتتۇرغان ھېسابلىنىدۇ. ئۇتىۋالغانلىرى ئۆزىنى تولىمۇ مەغرۇر تۇتىدۇ. بۇ خىل ئادەت بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنى كۈچەيتىش، ئاتا-ئانىلار بىلەن بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى قويۇقلاشتۇرۇش، كۆيۈمچانلىقنى ئاشۇرۇش، كۆڭۈلنى خۇشال تۇتۇش، غەم-قايغۇنى يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ. www.iz.la
ئەجدادلىرىمىز ئىچىدە بۇرۇن قىز-يىگىتلەر ئۆز-ئارا مۇھەببەت باغلىغاندا قىزلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن يىگىتكە بوياپ پىشۇرغان تۇخۇم سوۋغا قىلىش ئارقىلىق كۆڭلىنى قىلىدىغان ئادەت شەكىللەنگەن. بۇنداق ئادەت ھازىرمۇ سەھرالاردا داۋام قىلىۋاتىدۇ. يەنە  ئوغۇل بالىلارنى خەتنە قىلغاندىمۇ بالىلارغا تۇخۇم سوۋغا قىلىدىغان ئادەت بار. چۈنكى خەتنە قىلىنغان بالىلار تۇخۇم يېسە تىز ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغاچقا بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ. شۇڭا خەتنە قىلىنغان بالىلارغا تۇخۇمنى كۆپرەك بېرىدۇ. كىچىك ۋاقتىدا تۇخۇمنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغان بالىلارنىڭ بەدەن ساپاسى يۇقىرى ھەم كۈچلۈك بولىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئالىملارنىڭ تەتقېقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ۋىتامىنbگورۇپپىسىدىكى ۋىتامىنلار ۋە ۋىتامىن a ، ۋىتامىن d ۋىتامىن e قاتارلىقلار؛ لېستىن،مېنىرال ئېلمىنىتلار، مىكرو ئېلمىنىتلار، يەنى ھاياتلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كالىتسىي، فوسفور، گۈڭگۈرۈت، كالىي، ناتىرىي، ماگىنىي، تۆمۈر قاتارلىقلار ناھايىتى مول  ئىكەن. تۇخۇمدىكى ئاقسىل ماينىڭ سۈپىتى جەھەتتە گۆشنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىدىن يۇقىرى بولىدىكەن، ئەجدادلىرىمىز بۇ خىل ئالاھىدىلىكنى خېلى بۇرۇنلى ھېس قىلىپ يەتكەن. بولۇپمۇ ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرغان تۇخۇم ئالاھىدە قۇۋۋەتلىك بولۇپ، خوتەن ئاھالىلىرى ئۇزاق زامانلار ئىگىرىلا تۇخۇمنى ئوتقا كۆمۈپ ئىستېمال قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!


خوتەن ئاھالىلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇخۇمنى ئوتقا كۆمۈپ ئىستېمال قىلىش ئائىلىلەردە تا بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇخۇمنى كۆمۈپ پىشۇرۇپ سېتىشتەك سودا تىجارىتى ناھايىتى جانلاندى. خوتەن خەلقىنىڭ تۇخۇمنى ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇش ئۇسۇلى ئـۇيـغـۇرلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى، ئائىلە مەدەنىيىتى، تۇرمۇش ئۆرۈپ-ئادىتى، ئىستېتىك ئاڭ مەدەنىيەتشۇناسلىق قاتارلىق كۆپ خىل تەرەپلەردىن مۇھىم تەتقىقات تېمىسى بولالايدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

copyright by www.iz.la

ياخشىكەن
(2)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس