ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
مۇھەببەت بەخىتىلىك ۋە كۆڭۈللۈك ئائىلە قۇرۇشىنىڭ ئاساسى . مۇھەببەت كىشى قەلىبىدىن ئۇرغۇغان يات جىنىسىقا بولغان ئەڭ سەممىي ئىنىتىلىش. شۇنداقلا قارشى تەرەپىنىڭ ئۆز جۈپتى بولۇپ قېلىشىقا ئىنىتىزار بولغان يارقىن ھېسىياتتۇر. مۇھەببەت ئىنىسانيەتنى يۇقىرى پەللىىگە باشلايدىغان سېھىرىي كۈچ. ئۇ كىشىلەرنىڭ ياخشى چۈشەنچسىنى ۋە گۈزەللىك ، پىداكارلىق ، ئاليىجانابلىق چېكىگە يەتكۈزىدۇ. مۇھەببەت ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئەڭ گۈزەل ھېسىىيات. ئۇ كىشلەرنىڭ روھىي ھالىتى ۋە كەيپىياتىغا زادى قانچىلىك كۈچ ۋە ئىلھام بېرىدۇ؟ ھازىرقى زامان پەن_تېخىنىكىىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، تېبىي ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار مۇھەببەتنى گۈزەللىك ۋە ساغلاملىقىتىن ئايرىۋېتىشىكە بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. دۇنيا سەھىيە تەشىكىلاتىنىڭ بىر ئەزاسىى مۇنداق دەيدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، مېدىتىسنا مۇھەببەتنىڭ كېسەلىنىڭ ئالدىنى ئېلىىش كېسەل داۋالاشتا مۇھىم بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالدى. بۇ ئىنىتايىن خاتا. يۈرەك، ئەقىل_پاراسەت، تەن ئادەملەردىكى جەلىپ قىلىش كۈچى دوستلۇق پەيدا قىلىدۇ. ئەقىل _پاراسەتنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ھۆرمەت پەيدا قىلىدۇ. تەننىڭ تارتىش كۈچى جىنسىيەت پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئۈچ ئارزۇ _ئىستەك بىرلەشىسە مۇھەببەت پەيدا بولىدۇ. توي قىلىپ ئەنە شۇ مۇھەببەتتىن ھاسىل بولغان شېرىن مېۋە. ئىلىمىي تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، ئەر _خوتۇنلاردىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك مېھىر_مۇھەببەت ئىككى تەرەپىنىڭ ئورگانىزمىدا سالامەتلىككە پايدىلىق بولغان ھورمۇن، فېرمېنىت ۋە ئاتسىتىېل ، خولىن ئاجرىتپ چىقىرىدۇ. بۇ ماددىلار قاننى راۋنلاشتۇرىدۇ، نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ خۇشاللىق دەرىجىسىنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە يەتكۈزىدۇ. بۇ ئادەمىنىڭ تەن ۋە روھىغا ئىنىتايىن پايدىلىق . ئەگەر ئەر _خوتۇنلار ئىناق ئۆتەلمسە ئىچى پۇشۇپ ھەسىرەت چېكىدۇ. ئورگانىزمىدىكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىپ، ئىچىكى ئەزالارنىڭ ئىشلەش ئىقىتىدارىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى يوقىلىپ، ھەرخىل تەن ۋە روھ كېلىسگە گىرپتار بولىدۇ. بىر پسخولوگ مۇنداق دېگەن . مېدىتسىنا ئالمىلىرى مۇھەببەت بىلەن ئورگانىزمىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقىتىدارى ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەتكە ئالاقىدار تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، سۆيۈش ياكى سۆيۈلۈش مەزگىلىدە، ئادەمىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىممۇنېتىت كۈچىنىڭ يۇقىرى سەۋىيىدە تۇرىدىغانلىقىنى ، نەپەس يولىدىكى كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقىتىدارىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى. ئۇنىڭ ئەكسچە مۇھەببەت كەمچىل بولۇش، مۇھەببەتسىىز ئۆتۈش ، روھىي چۈشكۈنلۈك قاتارلىق ھالەتلەر بىر ئادەمىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىممۇنېتىت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغانلىقىنى ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىممۇنېىتت كۈچى تۆۋەنلەپ كەتسە، ئادەم ئاسانلا ھەر خىل كېسەلگە گىرپتار بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. ياپونىيە مۇتەخەسىىىلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئاجراشقانلار بىلەن تۇرمۇشى ناھايتى شېرىن ئۆتۈۋاتقان ئەر_خوتۇنلارنىڭ ئەھۋالى بىر_بىرىگە تامامەن ئوخشاش بولمايدىكەن. ئاجراشقۇچىلار ئىچىدىكى ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 21 ياش قىسقىىرايدىكەن. يەنە بەزى ئالىمىلارنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، مەشۇقىدىن ئايرىلىپ قالغۇچىنىڭ كېسەل بولۇش، ئۆلۈپ كېتىش نسبتى ئوخشاش ياشىتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا ئون ھەسسىە يۇقىرى بولىدىكەن. ئاجرىشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىككىىنىچى يىىلىلا كېسەل بولۇش نسبىتى تۇرمۇشىنى خۇشال_خۇرام ئۆتكۈزۈۋاتقان ئەر_خوتۇنلارغا قارىغاندا 12 ھەسسسە يۇقىرى بولىدىكەن . ئەنگىلىيىنىڭ لوندون ئۇنىۋېرسېتىتى مۇنداق بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇلار مۇھەببەت ۋە نىكاھ جەھەتتە ئوڭۇشىسىزلىققا ئۇچراپ، بەخىتىسىز بولۇپ قالغان خانىم _قىزلارنىڭ دائىم زۇكام ۋە باشقا كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، كېىيىنىكى گۇرۇپپىدىكى خانىم _قىزلارنىڭ بولسا ساغلام ، گۈزەل تۇرىدىغانلىقىنى بايقىغان . كۆرۈۋېلىشىقا بولىدۇكى، پاك، سەممىي مۇھەببەت ھەققىقەتەنمۇ خانىم _قىزلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل. www.iz.la
مەنبە.بەخت ئۆز قولىڭىزدا
ئىز تورى بەك ياخشى
