ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
مۇھەببەت ھاياتلىقىنىڭ ئېھتىياجى . ھەممىمىز مۇھەببەتكە ئېرىشىشىنى خالايىمىز. لېكىن ، ھەمشە مۇھەببەتكە تەشىنا بولساقمۇ، دائىم ئېرىشەلمىگەدەك ھېىس قىلىمىز. ياشلىق چاغلىرىمىزدا ، بىز ھەمشە مۇھەببەت دېگەن نېمە؟ مۇھەببەت زادى نەدە؟ دەپ سورايىمىز. يېشىمىز چوڭيىىپ، ھەققىي مۇھەببەتكە ئېرىشكەنم ۋاقىتىمىزدا، بىز يەنە مۇھەببەتنى قانداق قىلىغاندا ساقلاپ قالالايىمىز؟ دېگەندەك يېڭى سوئاللارغا دۇچ كېلىمىز. مۇھەببەت ناخشىلىرى بىزگە شۇنى چۈشەندۈردىكى ، تەقدىرىمىز بىلەن مۇھەببەتنى ياراتتۇق. ھەققىي مۇھەببەتنىڭ دورسىى سىزنىڭ كۆز قارشىڭىز ۋە ھەرىكىتىڭىزدە . ھۆرمەت ئارقىلىق مۇھەببەتنى يېتىلىدۈرۈڭ . ھەققىي مۇھەببەت شەرتىسىز ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنى قەدىرلەشتە شۇنداقلا ئېرىڭىزنىڭ ياخشى ۋە يامان تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىشىڭىزدا ئىپادىلىنىشىى كېرەك. بىز دائىم ئۆزىمىزگە ئېرىمىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋە ھۆرمەتلەيدىغان تەرەپلىرى قايسىى ؟ دەپ سوئال قويۇشىمىز لازىم . مۇشۇنداق بولغاندا مۇھەببەت دەرىخىمىز مەڭگۈ ياشىناپ تۇرىدۇ. سىز ئېرىڭىزنى ھۆرمەت قىلىسىڭىز دائىم ئۇنىڭ قىممىتىنى ھېىس قىلالايسىز، شۇنىڭ بىلەن تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭ كۆز قاراشىلىرىنى چۈشىىنىپ ، سۆزلىرىنى ئەسىتايدىلىلىق بىلەن ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ھېس_تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلسىز. نەتىجىدە، ئۇمۇ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە ھۆرمەت قىلىدۇ. سىزنىڭ ئۇنڭىغا بولغان ھۆرمتىڭىز سىزنىڭ ناچار كەيىپىياتتا ئۇنڭىغا چېچلىشىڭىز ۋە ئۇنى ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىش ئوبيېكتى قىلىۋېلىشىڭىزنى توسۇيدۇ. سىزنىڭ ھەمراھىڭىز، سىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىز ھەرگىزمۇ ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىۋالىدىغان ئوبيېكتىقا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. دەرھەقىقەت، ئاياللار بەزىدە ئىچىنى بوشىتىۋېلىشىقا موھىتاج . بۇ چاغدا ئېرىڭىىزگە كۆڭلىڭىزدىكىنى دەپ بوشىتىۋالسىڭىز بولىدۇ. لېىكىن، شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئاچچىقىلىنىشىڭىزنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىش ئەمەس. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە.بەخت ئۆز قولىڭىزدا
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
