app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

كەچۈرۈم سوراشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

ۋاقتى:2014-06-09 19:04مەنبە: يوللىغۇچى:rixta520 چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
«كەچۈرۈڭ »دېگەن بۇسۆز ئېيتماققا ناھايىتى ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ ،لېكىن ئۇنىڭ باشقىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ .بىز سەمىمى كەمتەر ،مۇلايىم بولساقلا ،دۇنيادا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق .ئەقەللىيسى ئەر -ئايال، ئاتا-ئانا ،ئوقۇتقۇچى -ئۇستاز ...دوسلار ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق چوڭ -كىچىك خاتالىقلار ،ئۇقۇشماسلىقلار ..دىل ئازارلىقنى ،ئاۋارىچىلىك كەلتۈرۈشلىرى بولمىسۇن ،ئاغرىققا سەۋەب قىلسا داۋالىسا ساقىيىدۇ ،لېكىن دىل ئاغرىقى ساقايمايدۇ .سەمىمىيلىك بىلەن قارشى تەرەپكە «كەچۈرۈڭ »دېسىڭىزلا ئېھتىمال بىر مەيدان تالاش-تارتىشىشتىن ساقلىنىپ قالالايسىز .بۇ ئىش مىنىڭ بېشىمدىن ئۆتتى ،چۈنكى بىزدە «ياخشى گەپ تاشنى ئېرىتىدۇ »دېگەن ھېكىمەت بار .تەكەللۇپ ۋە كەمتەرلىك دوستلۇق چۈشىنش ،مېھىر-مۇھەببەتكە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى .كەچۈرۈم سوراشتىن ئىبارەت بۇ ئاددىي ھەرىكەت ئۆز نۆۋىتىدە چوڭ زىدىيەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى توسۇپ قېلىش بىلەن يەنە سىز ئويلىمىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئاتا قىلىشى مۇمكىن .شۇڭابۆسۆزنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلىسىڭىز تۇرمۇشىڭىزخۇشاللىق ۋە ئىناقلىققا تولىدۇ .ئەپۇ قىلىش سىزنى كىچىككىنە ئىشلاردىن چوڭ كۆڭۈل ئازادىلىكگەئېرىشتۈرىدۇ . «كەچۈرۈڭ »دېگەن بۇ سۆز ئۈستۈنلۈكنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشتۇر .سىز بۇ سۆز ئارقىلىق ئۈستۈنلۈكىنى باشقلارغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن تۇرسىڭىز قارشى تەرەپ سىزگە قانداقمۇ ئارتۇق تەلەپ قويالىسۇن؟ « كەچۈرۈڭ »دېگەن بۇ سۆز ئائىلىدە جەمىيەتتە ،خىزمەتتە ،دوسلار ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىق چۈشەنمەسلىك ۋە دىل ئاغرىقىنى يوقىتىدىغان شىپالىق دۇرا ھىساپلىنىدۇ .
ياخشىكەن
(2)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس