app دېتالى

تويدىن ئىلىگىرى ئىككى كۆزنى چوڭ ئېچىپ ، تويدىن كېىيىن بىر كۆزنى يۇمۇۋېلىش كېرەكمۇ ؟

ۋاقتى:2014-06-03 19:08مەنبە: يوللىغۇچى:مىرزاتجان چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

كۆپلىگەن قىزلار يۈرگەن يىگىتىگە نەزەر تاشىلغىنىدا كۆزىگە ھېچىنىمە كۆرۈنمەي قېلىشى ، تويدىن كېىيىنىلا ئىككى كۆزىنى چەكچەيتىۋېلىپ ، ئېرىدىن قۇسۇر ئىزدىشى ، پۇشايمان قىلىشى مۇمىكىن . مۇھەببەت قايىنىمىغا غەرق بولغاندا، سۆيگۈننىڭ ۋۇجۇدىغا پۈتۈن ئارتۇقچلىقىلار مۇجەسىىەملەنگەندەك كۆرۈنىدۇ . بۇ چاغدا قارشى تەرەپىنىڭ گۈزەللىكى سىزنى جەلىپ قىلىىدۇ . ئۇنىڭ پۈتۈن جسىمىدىن ھاياتىلىق نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ پەۋقۇلئاددە ئەقىل _پاراسەتلىك ، قاش _كۆزلىرى شۇنداق جايىدا ، ھەر قېتىم كۈلۈمسىرىگەندە ، كۆزلىرىدىن ئەقىل _پاراسەت نۇرلىرى چاقنايدۇ . كىرپكىلىرى ئاستىغا يوشۇرۇنغان ئوي _پىكىرلىرىنى تەسىۋىرلەپ بېرىش قىيىن . قىزغىن مۇھەببەت قوينىدىكلەر ئۈچۈن ھايات سۈزۈك بۇلاقتەك ئويناق ، كۆڭۈللۈك ، ئالەمدىكى يول شۇنداق كەڭ ھەم تۈز ، بەخت دېرىزە سىرتىدىلا ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ . يۈرىكى  ئوتلۇق ھەم يېقىمىلىق سوقىدۇ . يۈرىكىدىكى ئارزۇ _ئارمانلار چەكسىز بولىدۇ . ئۇلارنىڭ ئىچىكى دۇنياسىدا باھار شامىلى كۆتۈرۈلگەندە ، پۈتۈن دۇنيا كۆزىگە گۈل بولۇپ كۆرۈنىدۇ . مانا بۇ گۈزەل مۇھەببەتلىك چاغلار . بۇنداق چاغلاردا، ئادەمىنىڭ كۆزى ھامان خىيالى تۇمانلىق دۇنيادا تۇرۇۋاتقاچقا ، يۈرگىنى شۇ قەدەر مۇكەممەل ، شۇ قەدەر تەڭداشىسىز كۆرۈنىدۇ . مانا بۇ گۈزەل مۇھەببەتلىك چاغلار . بۇنداق چاغلاردا ، ئادەمىنىڭ كۆزى ھامان خيالى تۇمانىلىق دۇنيادا تۇرۇۋاتقاچقا ، يۈرگىنى شۇ قەدەر مۇكەممەل ، شۇ قەدەر تەڭداشسىز كۆرۈنىدۇ . تويدىن كېىينىكى تۇرمۇش مۇھەببەتلەشكەن چاغدىكىگە ئوخشىمايدۇ . ئۇ رېئال تۇرمۇشتۇر . ئادەتتە مۇھەببەتىلىشىش مەزگىلىدە ھەر ئىككى تەرەپ بارلىق كۈچى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئارتۇقچلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېتەرسىزلىكىلىرىنى يېپىشىقا ئۇرىنىدۇ . شۇڭا، مۇھەببەتلىشىش دەۋرىدە قىز _يىگىتىلەر بىر _بىرىنى كۆزىتىشىكە ماھىر بولۇشى ، ئىككى كۆزىنى چوڭراق ئىچىش لازىم . ھەر قانداق بىر ياش نىكاھتا بەخىتىلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ . ئىككى ياش بىر ئائىلىگە كىرگەندىن كېىيىن ، بەزىلىرى قارشى تەرەپىنىڭ نىكاھلىنىشىتىن بۇرۇنقى ھالىتىگە تامامەن ئوخشىماي قالغانلىقىنى بايقايدۇ . ھەر ئىككى تەرەپىنىڭ ئويلاپ باقىمىغان يېتەرىسىزلىكىلىرى ئاشكارىلىنىدۇ . بۇ چاغدا قانداق قىلىش كېرەك ؟ مۇشۇنداق لاياقەتسىز ئەر ياكى ئاياللار بىلەن قانداق ئۆي تۇتۇش كېرەك ؟ مەسىلىىنى يەنىلا سالماقىلىق بىلەن ئويلاش لازىم . دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم يوق ، خۇددى ئاينىڭىمۇ دېغى بولغانغا ئوخشاش . شۇڭا ، نىكاھلانغاندىن كېىيىن ، بەزىدە بىر كۆزىنى يۇمۇۋېلىشىقا توغرا كېلىدۇ . بولۇپمۇ ئاياللار نىكاھقا بەك چوڭ ئۈمىد باغلايدىغان بولغاچقا ، ئېرىدىن رازى بولماسلىق بىرقەدەر ئېغىر بولىدۇ . ئاياللار شۇنى چۈشىنىشىى كېرەككى ، مۇكەممەل نىكاھ بىر خىل غايىدىن ئىبارەت ، مۇكەممەللىكىنى بەك قوغلىشىپ كەتسە مۇھەببەت يوقلىدۇ . مەلۇم بىر قىز مۇھەببەت ئىشىدا مۇكەممەللىكىنى قوغلىشىدىكەن . ئۇ ئىنتايىن قاملاشقان بىر يگىتىكە ئۇچراپتۇ . يىگىتىمۇ بۇ قىزغا مەپتۇن بولۇپ قاپتۇ . ئىككىسى ئۇزۇن ئۆتمەيلا توي قىپتۇ . تويدىن كېىيىن ، قىز يىگىتىنىڭ ئىنتايىن قاملاشقان بولغىنى بىلەن گەپىنى ئوڭشاپ قىلالمايدىغانلىقىنى بايقاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئىككىسىنىڭ گېپى بىر يەردىن چىقىماي ئاخىرى ئاجرىشىپ كېتپىتۇ . كېىيىن بۇ ئايال ئىنتايىن قاملاشقان ئىشىچان . قابلىيەتلىك ئەرگە ياتىلىق بوپتۇ . لېكىن ، بۇ ئايال ئېرىنىڭ شۇ قەدەر قاملاشقان ئىقىتىدارلىق بولغىنى بىلەن . ئۇنىڭ بىر زوراۋان ئەر ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ . ئېرىنىڭ ئۆزىنىڭىكىنىلا راست دەيدىغان مىجەزى ئۇنى ياشاشقا ئامالىسىز قويۇپتۇ . نەتىجىدە، ئۇلار ئاجرىشىپ كېتىپىتۇ . كېىيىن بۇ ئايال 3 _قېتىم ياتلىق بوپتۇ ئېرى قاملاشقان ئىنتايىن ئېسىل مىجەزلىك كۆيۈمچان ئەر بولۇپ چىقىپتۇ . تويدىن كېىيىن بۇ ئايال ئۆزىنىڭ 3 _قېتىمىلىق نىكاھىدىن ئىنتايىن رازى بوپتۇ . لېكىن . ئېرى تۇيۇقسىز مېڭە پالەچ بولۇپ يېتىپ قاپتۇ . ئايال بىر مەزگىل ئېرىگە شۇنداق ياخشى قاراپتۇ . كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ قەدەر بەخىتىسىزلىكىدىن نارازى بولۇپتۇ . ھاياتنىڭ قىسقا ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يۈرىكىنى قاتتىق قىلىپ پالەچ ئېرىنى ئۆيدىن تاشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كېتپىتۇ . بىر نەچچە قېتىمىلىق ئوڭۇشىسزلىقىلاردىن كېىيىن ، بۇ ئايال تېخىمۇ پېشىپ يېتلىپىتۈ . لېكىن بۇ ئايال بىلەن ئارىلاشقان ئەرلەر ئۈجمە كۆڭۈللىكىنى بىلىپ بولىدى قىلىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال كېيىنىكى ئۆمرىنى يەككە _يېگانە ئۆتكۈزۈپتۇ . يېقىنىقى يىللاردىن بۇيان ، نىكاھتىن ئاجرىشىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە . بۇنىڭ سەۋەبلىرى ناھايتى كۆپ بولسمۇ ، ئاساسلىقى ، يەنىلا توي قىلىپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا ، قارشى تەرەپىنىڭ نۇرغۇن يېتەرىسىز تەرەپلىرىنى بايقىغان ۋە ئۇنى قوبۇل قىلالمغان . ئەر _ئايال توي قىلىغان ئىكەن ، تويدىن كېىيىن ئىككى كۆزىنى يوغان ئېچىۋالماي ، مۇلايىم كۈلكىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ ، بەزىدە بىر كۆزىنى يۇمۇۋالىغىنى ياخشى . نىكاھ تۇرمۇشىدا بەخىتىلىك بولاي دېسىڭىز مۇھەببەتلەشكەندە ئىككى كۆزىڭىزنى چوڭراق ئېچىڭ ، توي قىلىغاندىن كېىيىن بىر كۆزىڭىزنى يۇمۇۋېلىپ ، ئېرىڭىزگە بەك يۇقىرى تەلەپ قويۇۋالماڭ .  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەنبە.بەخت ئۆز قولىڭىزدا  ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

 

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس