app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

ئاياللاردىكى ئائىلە تۇرمۇشىغا بولغان بىر تۈرلۈك سەلبىي قاراش ۋە ئەرلەردىكى مۇھىم بىر ئالاھىدىلىك

ۋاقتى:2014-05-30 12:09مەنبە: يوللىغۇچى:دانا چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

ئىز تورى www.iz.la

ئاياللاردىكى ئائىلە تۇرمۇشىغا بولغان بىر تۈرلۈك سەلبىي قاراش:
    ئاياللار ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئىناقلىقى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆمۈر بۇيى جاپا چىكىدۇ. شۇڭا ئاياللار مۇشۇنداق تۈگىمەس جاپالارنى تارتقانلىقى ئۈچۈن «بىز ئاياللار جاپا تارتىشقىلا تۆرىلىپتىمىز، بىز نىمانداق جاپاكەش؟، بىز نىمانداق بىتەلەي؟» دەپ ۋايسايدۇ، ياكى بەزىدە «ئەر كىشى بولۇپ قالغان بولساق بوپتىكەن» دەپ ئويلاپمۇ قالىدۇ. مانا بۇ ئاياللاردىكى ئائىلە تۇرمۇشىغا بولغان بىر تۈرلۈك سەلبىي قاراش بولۇپ، بىراق ئاياللاردىكى بۇ خىل بىر قانچە تۈرلۈك قاراش ئەمەلىي تۇرمۇشنىڭ بېسىمىدىن بارلىققا كەلگەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
    ئاياللارمۇ توغرا ئېيتىدۇ، ئايال بولماقمۇ تەس، تۈگىمىس ئۆي ئىشلىرى، شۇ ئائىلىدىكى چوڭ-كىچىكلەرنىڭ ھالىدىن خەۋار ئېلىش، يەنە كېلىپ خىزمەت قىلىش ….. دىگەندەك تۇرمۇشتىكى تۈگىمەيدىغان تالاي ئىشلار ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، شۇڭا بۇ مەجبۇرىيەتلەرنى ئورۇندىماي نېمە ئامال؟.

ئىز تورى بەك ياخشى


    دىمەك بىر ئۆمۈر جاپا تارتىدىغان گەپ. ئاياللار ئايال بولغانلىقى ئۈچۈنلا جاپا چىكىشكە ھەقلىق ئەمەس، بەلكى مۇشۇ جاپالىرىنىڭ بەدىلىگە كەلگەن بەختىنى قوغداشقىمۇ ھوقۇقلۇق. شۇڭا ئاياللار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇق-مەجبۇرىيىتىنى قوغدىشى كېرەك ئەلۋەتتە.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


    ئاياللاردىكى ئائىلە تۇرمۇشىغا بولغان ئىجابىي قاراش:
    ئاياللار ئۆزىنىڭ تۇرمۇشتىكى تارتقان جاپالىرى ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى ئۆزىگە پەقەت بېسىم قىلىۋالماسلىقى، ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە تۇتۇشى، بەلكى شۇ جاپالىرىنىڭ بەدىلىگە يىتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئەڭ ئاخىرقى ئەمگەك مىۋىسىدىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرغىچە تىرىشىشى، سەۋر قىلىشى ۋە بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. مانا بۇ ئاياللاردىكى ئائىلە تۇرمۇشىغا بولغان ئىجابىي قاراش. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
    ئاياللار مانا مۇشۇنداق يىراقنى كۆرەلىگەندىلا، ئاندىن تېخىمۇ ئىناق ئائىلە قۇرۇپ ئائىلىسىنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزالايدۇ. بالىلىرىنى ئەخلاقلىق، ساپالىق ۋە ئىستىقباللىق قىلىپ تەربىلىيەلەيدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ جاپالىرىنىڭ بەدىلىگە كەلگەن ئەڭ زور بەخت ئەمەسمۇ. بۇلارنى دىمىسە قايسى بىر ئايالنىڭ جاپا تارتقۇسى بار دەيسىز.

www.iz.la


    شۇنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەككى، قەدىمدىن ھازىرغىچە نۇرغۇن ئانىلىرىمىز تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن جاپالىق-قىيىن ئۆتكەللەردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، نۇرغۇن ياراملىق ئەۋلاتلارنى قالدۇرغان ۋە يېتىشتۈرگەن ئەمەسمۇ؟. بىراق ئاياللارنىڭ بۇ تۆھپىسىنى ئائىلىدىكىلەرنىڭ قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، چۈنكى «قوللاش بولغاچقا ھەردەم، ئاياللار ماڭىدۇ بەردەم» دېگەن ئەقلىيە سۆز ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان.
ئىز تورى www.iz.la

    ئەرلەرنىڭ خاراكتېرىدىكى مۇھىم بىر تۈرلۈك ئالاھىدىلىك:
    ئەر بولماقمۇ ئاسان ئەمەس، ئەرلەرنىڭ ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى شۇنداق ئېغىر تۇرۇغلۇق ئۇلار ئۆزىنىڭ «ئەر» بولۇپ تۆرەلگىنىدىن نارازى بولغىنىنى پەقەت ئاڭلاپ باقمايمىز. نۇرغۇن ئەرلەر شۇ ئائىلىنى دەپ بىر ئۆمۈر جاپالىق ئىشلەيدۇ ھەم ياشايدۇ. شۇڭا ئۇلارنى «ئەر» دەپ توغرا ئېيتقان ئىكەن، ئۇلارنىڭ «ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى» ھەم «ئائىلە باشلىقى» بولۇشىمۇ ھەقلىق ئىكەن. شۇڭا ئەرلەر ئايالىنىڭ كەينىدە قېلىشنىمۇ خالىمايدۇ ھەم ئايالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىشىنىمۇ خالىمايدۇ. ئەرلەرنىڭ خاراكتېرىدىكى مانا بۇ خىل فىزىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىگى ئۇلارنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، ھەم ئۇلارنى غەيرەتلىك ۋە چىداملىق قىلىپ پىشىپ يېتىلدۈرىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
شۇڭا مەيلى ئەر ياكى ئايال بۇلايلى بىر تۇرمۇشتا بىر-بىرىمىزگە يول قۇيۇشىمىز، بىر-بىرىمىزنى تۇلۇقلىشىمىز، بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلىشىمىز، ئاسرىشىمىز ۋە ئۆزئارا كۈيۈنىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلالىساقلا ئاندىن كۆزلىگەن مەقسىدىمىزگە يېتەلەيمىز ھەم ئىشلىرىمىزدا ئۇتۇق قازىنالايمىز. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
    دىمەك، مەيلى ئەر ياكى ئايال بۇلايلى، بىز تېخىمۇ ئۈمىتۋار بولۇپ ئائىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئائىلىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەر-ئايال بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم. مۇشۇنداق قىلالىساقلا ئائىلىدىكى ئورنىمىزنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىغا شارائىت ھازىرلىيالايمىز، شۇنداقلا ئائىلىمىزنىڭ ۋەيران بولۇشىنى توسۇپ قالالايمىز.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(3)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس