ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئەمما تەرەققىيات داۋامىدا شەكىللەنگەن ماددىي بايلىق قوغلىشىش، شەخسىيەتچىلىك، مەنمەنچىلىك پىسخىكىسى بەزى كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى چۈشەپ قويۇشى، شۇنداقلا ئەسلىدىكى گۈزەل ،ساغلام، مەدەنىي تۈس ئالغان ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى قاتارلىق ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سەمىمىيلىكتىن ئىبارەت ئادىمىيلىكىمىزنىڭ نۇرلۇق قۇياشىغا چاڭ – توزان قونۇپ قالدى. سەمىمىيەتسىزلىك بەزىلەرنىڭ ئۆزىنى بىلىش ۋە ئۆزىنى تونۇشىنى خۇنۈكلەشتۈرسە، بەزىلەرگە ئالا كۆڭۈللۈكنى سوۋغا قىلدى، بەزىلەرنى چىن كۆڭۈللۈكتىن مەھرۇم قالدۇردى؛ بەزىلەرنىڭ تىلى بىلەن دىلى ئوخشاش بولمىدى، ئېغىزىدا ئادەمنى تەسىرلەندۈرەلەيدىغان شېرىن – شېكەر سۆزلەرنى قىلسىمۇ، كۆڭلى قارا بولۇپ كەلدى. سەمىمىيەتسىزلىك بەزىلەرنىڭ ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئېتىقادىنى ئاجىزلاشتۇردى. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەش، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش، جاپا – مۇشەققەتتىن قورقماسلىق، ھالال ئەمگىكى بىلەن بېيىشتىن ئىبارەت ئېسىل پەزىلەتكە ئىگە ياشاش ھەقىقەتلىرىمۇ سەمىمىيەتسىزلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالدى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئەخلاق – پەزىلەت ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى ھېسابلانسا، سەمىمىيلىك قانداق ئەخلاق – پەزىلەتكە ئىگە ئادەم بولۇشنىڭ مۇھىم ئاساسىدۇر. ئەگەر ئادەم ئەخلاق – پەزىلەتتىن ئايرىلغىنىدا ئادىمىيلىك قىممەتنى يوقاتسا، سەمىمىيلىكتىن ئايرىلغاندا ئادىمىيلىكنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىنى يوقاتقان بولىدۇ. بۇنىڭدىن سەمىمىيلىكنىڭ ئىنسان ھاياتىدا قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەلمىساقتىن تارتىپ ئەجدادلىرىمىز سەمىمىي بولۇشنى گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەت يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى ۋە ھەقىقىي ئادەم بولۇشنىڭ جېنى دەپ قاراپ، ئۆز ئارا دوستانە، قىزغىن بولۇش، بىر – بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش،سەمىمىيلىك بىلەن ياردەم قىلىش،قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىش، ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈشتەك سەمىمىي بولۇش تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەگەر ئادەمنىڭ ياشاش نىشانى، ئېتىقادى سەمىمىيلىكتىن ئىبارەت ئادىل تارازىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇ ئادەم مەڭگۈ ئالغا باسالمايدۇ، ياشاش يولىدىكى كۆز يەتكۈسىز ئەگرى – توقايلىقلار ھامىنى ئۇنداقلارنى تەگسىز قۇم بورانلىرى ئارىسىغا كۆمۈۋېتىدۇ.سەمىمىي بولۇشقا مەبلەغ كەتمەيدۇ. سەمىمىي بولۇش مەنىۋىيىتىمىزنى قاناتلاندۇرۇپ، ماددىي مەدەنىيىتىمىزنى بېيىتىشقا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇكى، ھەرگىزمۇ نامراتلىق چۆلىگە تاشلىمايدۇ. ئۆز ئارا سەمىمي مۇئامىلدە بولۇش ئادەمگە ئالەمچە خۇشاللىق ئاتا قىلىپ، قەلبلەرنى يايرىتىدۇ، ئادەمنى ئازاب ۋە پۇشايمان قىلغۇزمايدۇ.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىش ئادەمگە ئارتۇقچە يۈك بولمايدۇ. سەمىمىي لەۋزىدە تۇرۇش ئادەمگە ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كەلمەيدۇ.
دېمەك، سەمىمىيلىك بىزدىن ئانچە يىراقتا ئەمەس، ئۇ ئەسلىدىنلا يۈرىكىمىزگە ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ مىراس قالدۇرۇشى بىلەن ئورناپ كەتكەن، ۋۇجۇدىمىزغا يىلتىز تارتىپ كەتكەن. بىز پەقەت ئىللىق چىراي ئاچساقلا كۇپايە، كۆڭلىمىز ئاق بولسىلا بولىدۇ.ئەتراپقا قۇچىقىمىزنى كەڭ ئاچساقلا، ۋىجدان، غۇرۇر ۋە ساداقەتنىڭ مېھىرلىك ئوتىنى
