app دېتالى

قىش سۆيگۈسىى

ۋاقتى:2014-05-23 11:02مەنبە: يوللىغۇچى:مىرزاتجان چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

قىش بىر ئۆزگىچە پەسىل ، ياز يېشىللىقى بىلەن كىشىنى سۆيۈندۈرسە ، قىش ئاقلىقى بىلەن كىشلەر قەلىبىنى لەرزىگە سالىدۇ . ئادملەرنىڭ خاراكتېرى ، قىزىقىشى ئوخشاش بولىمىغانلىقىتىن ، ئۇلارنىڭ كۆزىتىشلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . مەنچۇ ؟ مەن نېمىنى سۆيىمەن ، نېمىنى كۈتىمەن ؟ مەن ئاق روماللىق پەرىشتىگە ، يەنى قىش پەسلىگە ئىنىتىزار . قاراڭ ، قىش نېمىدىگەن گۈزەل _ھە ؟ مەن دېرىزىدىن سىرتقا قاراۋاتىمەن . ئەنە ، ئاپئاق قارلار يەر يۈزىگە قونماقتا ، ئۇ كىشىگە گويا كۆكتىن لەيلەپ چۈشكەن پارچە بۇلۇتلارنى ئەسىلىتەتتى . كىشى قەلىبىنى باشقىچە ھۇزۇرلاندۇراتتى . مەن ھاياجان ئىلىكىدە ئۆز _ئۆزۈمگە خىتاب قىلىدىم . ۋاھ ، ئاخىر قار ياغدى . مەن كېتىۋاتىمەن ، جەنۇبىي بۇلاق رايوننىڭ كەڭ كەتكەن باغىچىسدا ، يازلىرى كۆكلەپ ، رەڭگارەڭ گۈللەرگە ئورالغان باغچە قويىنىنى بۈگۈن ئاپئاق قارلار ئوراپتۇ ، نەچچە ۋاقىتىتىن بېرى ئۇسساپ ئاران تۇرغان چىلىمقىلار قار سۇلىرىنى ھۇزۇرلىنىپ سۈمۈرۈۋاتقاندەك قىلاتتى . قاراڭ ، مامۇق چاپان ئۇلارغا نېمىدىگەن ياراشقان . مەيداندا ھەر خىل ئويۇنچۇقلىرىنى ئويناۋاتقان بالىلار كۆزۈمگە چېلىقىتى ، مەن ئۇ تەرەپكە بارىدىم . ئۇلارغا قاراپ مەستىلىكىم كەلدى . بۇ بالىلار نېمدېگەن بەخىتىلىك ، ئۆيدىمۇ ، تالادىمۇ ، قىشتىمۇ ، يازىدىمۇ ئويۇنچۇقلىرى تەييار . ئويلاپ باقسام بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا يازدا ئۈزگۈدەك سۇمۇ ، قىشتا ئوينىغۇدەك بۇنداق ئويۇنچۇقلارمۇ يوق ئىدى . بىز يازلىق ئاللا _ئاللا قۇشلارىمنى ئوينساق ، قىشلىرى رېزىنكە تاقلايتتۇق ، سابۇر ئوينايتتۇق ، ئۆيگە كىرگەندە بولسا قىزلىرىمىز لاتا قورچاق ئوينساق ، ئوغۇللىرىمىز پاخپاق ئوينايتتۇق . راست تېخى قىشلىرى مۇزدا چانا تېيىلاتتۇق . بىز ئەنە شۇ ئاددىي ئويۇنلىرىمىز بىلەن تولىمۇ خۇشال ئىدۇق . مەن ئۇزۇن كەتكەن ئاسفالىت يولغا چىقىتىم -دە تاكسىدىن بىرنى توسۇپ دوستىلۇق كۆۋرۈكىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم ، تاكسىى ھېلىلا تازىلىق ئىشچىلىرى تەرىپىدىن پاكىز سۈپۈرۈپ قويۇلغان ئاسفالىت يولدا ئۇچقاندەك ماڭماقتا ، كەڭ كەتكەن بۇ يول كىشى قەلىبىگە چەكسىز ئارام بەخش ئاتا قىلىماقتا ئىدى . ئەنە شۇ جەنۇبىي بوستان ، گۈلباغ كىچىك رايونى ، پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ، ئۇنىڭ يېنىدا بولسا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىغان قارامايغا يېڭىچە تۈس قوشقان نېفىتىلىك شىركىتى ئورگان بىناسى بىر _بىرلەپ كۆز ئالدىمىدىن ئۆتمەكتە . كۆۋرۈكىنىڭ ئۈستىدىن قارىغاندا بۇ جاي كىشىگە رىۋايەتلەردىكى ئەرش ئوردىسنى ئەسلەتىتى . مەن بۇ ئوردىغا قانچە قاراپمۇ قانىمىدىم . قارىغانسېرى قەلىبىمىنى ئانا يۇرت مۇھەببىتى چىرماپ ئالغاندەك قىلاتتى . مەن دوستىلۇق يولىدا كېتىۋاتىمەن ، ئەنە كۆز ئالدىمدا زامانىۋى تۈس ئالغان سۇ ئۇزۇش مەيدانى سوزلۇپ ياتماقتا . مەن ھاياجان ئىلىكىدە ئۇنىڭ ئىچىگە تېز قەدەم ئالدىم . قاراڭ ، ئۇنىڭ ئىچى نېمە دېگەن قايناپ كەتكەن _ھە! مەن سۇ ئۈزۈش سارىيىدىن چىقىپ ئالدىمىغا قاراپ ماڭدىم . ئەنە شۇ يېڭىدىن قۇرۇلغان گولف توپ مەيدانىمۇ مۇشۇ مەركىزىي يول ئۈستىدە سوزلۇپ ياتماقتا . قاراماي مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىماقتا . مەن ئالدىمىغا قاراپ ماڭغىنىمىچە ماڭا مەرىپەت ئاتا قىلىغان ، مېنى ئالىي بىلىم يۇرتىغا ئۇزاتقان مېھرىبان ئانام ، مەرىپەت بۆشۈكى قاراماي شەھەرلىك ئىككىنىچى ئوتتۇرا مەكتەپكە كەلدىم . بۇ ماكان ماڭا خۇددى بالىلىق چاغلىرىمدىكىدەكلا ئىللىق تۇيۇلىدى . غۇبارىسىز  باللىقىم يادىمىدىن كەچتى . مەن مەيدانغا قاردىم ، مەكتەپ ئىچى جانلىپ كەتكەن بولۇپ ، مەيداندا پۇتبول مۇسابقىسى قىزىماقتا . سەبىي بالىلار ئاپئاق مەخمەلدەك قار ئۈستىدە تايچاقتەك يۈگۈرۈشمەكتە ، بىر _بىرىگە قار چېچىشىپ قاقاقلاپ كۈلۈشمەكتە . قاردىن بوۋاي ياساپ ئوينىماقتا . يېڭى يىلىغا ئاتالغان لىرىك مۇزىكىلار ، ناخشىلار ياڭرىماقتا . ئەنە قاراڭ ، ئۇ قىزچاق يېڭى يىلىغا ئاتاپ يىللارغا جاۋاب نى جانلىق دېكلاماتسيە قىلماقتا . ئۇلارغا قاراپ ئۆزۈمىنى ئەسلەپ قالدىم ، مەنمۇ بىر چاغلاردا ئەنە ئاشۇ سەھىنىدە قانچە  قېتىمىلاپ دېكلاماتسىيىلەرنى ئوقۇغان ئەمەسىمىدىم . يىللار رەھىمىسز ئىكەن ، مانا كۆزنى يۇمۇپ _ئاچقۇچە بالىلىقىم تارىخقا ئايلىنىپىتۇ ، ئەمما بۇ ماكان كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ ، توختاۋىسىز ئەۋلاد تەربىيلىمەكتە . مىڭىلغان ، مىلىيونلىغان پەرزەنتلەرنى يىراق _يىراقلارغا ئۇزاتماقتا . ئەنە شۇ چاغدا كۆپ بىلىم ئاتا قىلىغان ، مېنى ئانامدەك كۆيۈنۈپ قاتارغا قوشقان سۆيۈملۈك ئۇستازىم چىقىپ كەلدى . مەن ئۇنڭىغا ئىنىچىكە نەزەر تاشلىدىم . يىللار ئۇنىمۇ بوش قويماپتۇ ، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتىكى قاپقارا چاچلىرىغا قىرو قونۇپتۇ ، يۈزلىرىگە قورۇقلارمۇ تارتلىپىتۇ . مەن يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭ قويىنىغا ئۆزۈمىنى ئاتتىم ....مەن كېتىۋاتىمەن ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان دوستلۇق يولىدا ، ئەنە ياشلار ، ياشانغانلار ، ئوقۇغۇچىلار قىشلىق ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابقىسدە ئۆز ماھارىتىنى كۆرسەتمەكتە . كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشمەكتە . مانا كۆز ئالدىمدا رەت _رەت كەتكەن بىنالار سوزۇلۇپ ياتماقتا . يول بويىدىكى دەرەخلەر بوينىغا ئاپئاق شايى ئارتىپ ، قوللىرىنى ئېگىشىپ ئۆتكەن _كەچكەنلەرگە ناز بىلەن باقماقتا . مەن بېقىپ بېرىپ قاردىم . ئەمما ، قانچە قاراپمۇ شۇ كۆچەتنى تاپالمىدىم . يىللار نۇرغۇن نەرسىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىكەن . مەن قەدىملىرىمىنى ئاستا _ئاستا يۆتكەپ ئالدىمىغا قاراپ ماڭدىم . ئەنە كۆز ئالدىمدا بالىلارنىڭ ، ياشلار ۋە ياشانغانلارنىڭ غايىۋى دۇنياسى ، شادلىق سەيناسىى  _مەدەنيەت كوچسىى ، سائەت مۇنارى قۇچاق ئاچماقتا ، مېنى ئۆز قوينىغا چاقىرماقتا . قىشىتىكى نازاكتى بىلەن كىشلەرنى يەنىلا ئۆزىگە تارتىماقتا . ئەنە ، قاراڭ ، يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن    قويۇلۇۋاتقان ئويۇنلارغا ، بۇ يەردە چوڭلارمۇ  ، كىچكىلەرمۇ ئوخشاشلا شادىمان ئۇسسۇل ئويناپ ، گۈزەل قارامايغا بولغان چەكسز مېھىر _مۇھەببىتىنى    ئىپادىلمەكتە . ئىجىتىمائىي رايون مەدەنىيتىنى نامايان قىلىماقتا . يېڭى يىل ساداسىنى ئۆز قۇلقى بىلەن ئاڭلاش ئۈچۈن كەلگەن ئامما سائەت مۇنارىنى چۆرىدەپ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلارنى تەخىرىسزلىك ئىچىدە كۈتمەكتە. ئەنە، سائەت   مىنۇتلاپ ، سېىكۇنتلاپ ئۆتمەكتە ، ئەڭ ئاخىرقى  دەقىقە   كىشىلەرنىڭ  يۈرەكلىرىنى تىتىرەتمەكتە . داڭ قىلىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئاسماندا ساليوتلار پارلىدى . كۆپچىلىك قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، چاۋاك چېلىشىقاچ ھۇررا توۋلىشىپ بىر _بىرىنى تەبرىكلەشتى ، بەزىلەر ئىجادىيەت مېۋىلىرى يەنە بەزىلەر نادامەت ئىلكىدە ياش تۆكمەكتە. يېڭى ھايات، يېڭى دەۋر بىزنى كۈتمەكتە . مەن كونا قاراماي باغچسىغا كەلدىم . قاراڭ ، بۇ يىل قىش   بۇ جايمۇ ئالاھىدە تۈسكە كىرىپتۇ . قاراڭ دوستۇم قاراڭ ، ئاۋۇ مۇزدىن ياسالغان ئويما ھەيكەللەر نەقەدەر نەپىس ئويۇلغان _ھە !ئۇلارنىڭ تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى دېمەمسىز تېخى ، ئاۋۇ تۆگىلەرگە مىنىۋالغۇم كېلىپ كەتتى . كەچىلىرى بۇ يەرگە ئادەملەر تېخىمۇ كۆپ كېلىدۇ . بۇ مۇز ئويمىلار چىراغ نۇرىدا جىلىۋىلىنىپ قاراماي كېچسىنى نۇرىلاندۇرىدۇ . بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى پەقەت تېلېۋىزوردىلا كۆرۈپ ئۆزىنى كۆرۈپ باقىمىغاچىقىمۇ كۆڭلۈم بەك يايراپ كەتتى ئاۋۇ مۇز سيىرىلىمىدىن سىيىىرىلىپ چۈشۈۋاتقان كىشلەرگە قاراپ يۈرىكىم ئىخىيارىسىز  سېلىپ كەتتى . مەن ھاياجان ئىلىكىدە يىراققا نەزەر تاشىلىدىم . ئەنە قاراماي تاغلىرى كۈلمەكتە .  رىۋايەت تۈسىنى ئالغان شەيتانكەرش قىش پەيزىنى سۈرمەكتە ، ئەنە جەسۇر نېفىتىچلار مەزمۇت قەدەم بىلەن ئالغا چامدىماقتا . قاراماي ئايرودورومى مېھمانلارنى كۈتمەكتە . بىرىنىچى نومۇرلۇق قۇدۇق كەلگەن مېھمانلارغا قاراماي تارىخىنى سۆزلمەكتە. ۋىشكىلار باشلىرىنى ئېگىپ ، قولىنى كۆكسىگە قويۇپ ، تەزىم بەجا كەلتۈرمەكتە . شارقىراتما ، ئايكۆللەرمۇ ئۆزىگە خاس قىش مەنزىرىس بىلەن كىشى قەلىبىنى لەرزىگە سالماقتا . مەن بىر بېسىپ ، ئىككى بېسىپ  قار تېيلىش مەيدانىغا كەلدىم ، ۋاھ ، نېمىدىگەن قىزىپ كەتكەن سورۇن بۇ ، قاراڭ ئاۋۇ ئاشىق _مەشۇقلارغا قاراڭ ئاۋۇ گۈلدەك بالىلارغا ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى نېمىدىگەن چاققان !ئۇلارغا قاراپ تولىمۇ مەستلىكىم  كەلدى . قىش نېمەدېگەن گۈزەل _ھە !تەبىئەت ھەر ۋاقىت ئۆز گۈزەللىكى بىلەن كىشى قەلىبنى لەرزىگە سالدىكەن . مەن چوڭقۇر خىياللار ئلىكىدە مەھەللىگە كېلىپ قالىغىنىمىنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن ....ئاپا، ئاپا!_ تالادا قار كېچىپ ئويناۋاتقان ئىككى ياشلىق ئوغلۇم ماڭا ئېسلىدى . قارا ئاپا ، ئاپئاق قار ، _ئۇ قار ئۈستىدە يىقىلىپ _قوپۇپ ، توشقاندەك تاقلايتىتى . كىچىككىنە قوللىرى مۇزلاپ ، مەڭزى ئاناردەك قىزىرىپ كەتكەندى . ئاپا ، مېنى ھۇئاي قىلىپ كۆتۈرۈۋالە!_دېدى ئوغلۇم ئۆزىنى باغرىمىغا ئېتىپ . مەن ئۇنى كۆتۈرۈۋالدىم . ئاپا قارا ، يۇلتۇز قار ، ئاپئاق قار . شۇنداق ئوغلۇم ، ئۇ قارلار چىراغ نۇرىدا كۈچلۈك نۇر چېچىپ كېچە ئاسىمىنىدىكى يۇلتۇزلارنىمۇ تاڭ قالدۇرماقتا ، مانا بۇ قىشىتىكى قارماي كېچسىى ، _دېدىم مەن ئوغلۇمىنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ . 

www.iz.la

مەنبە...سۆيگۈ نىدالىرى  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس