ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
بىپايان كۆپكۈك دېڭىز شاۋقۇنلىرى ئاپئاق بۇژغۇن ھاسىل قىلىپ دېڭىز ساھىلىدىكى خادا تاشلارغا زەرب بىلەن ئۆزىنى ئۇرماقتا . قىيا تاشلارغا زەرب بىلەن ئۆزىنى ئۇرماقتا . قىيا تاش ئۈستىدە تۇرۇپ دېڭىز شاۋقۇنلىرىنىڭ خادا تاشلارغا ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان يېقىمىلىق ، جاراڭلىق سمىفونىيىگە ئەسىر بولۇۋاتقىنىمىغا قانچە ۋاقىت بولغانلىقىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن . خىيال قۇشۇم دېڭىز چايكلىرىغا قوشۇلۇپ گاھ دېڭىزغا شۇڭغۇسا ، گاھ دېڭىز دولقۇنلىرىغا ئەگىشىپ يىراقلارغا پەرۋاز قىلاتتى . بىردىنىلا دېڭىز شاۋقۇنلىرى ئىچىدىن غايىبانە بىر قول ، ياق قول ئەمەس بىر مۇھەببەت ئەلچسىى ماڭا قاراپ ئىلىتىجا قىلىدى . قولۇمىنى تارتىۋېلىڭ !خالسىڭىز باغرىڭىزغا چىڭ بېسىپ تەشنا يۈرەكلەرنى مۇھەببەت سۈيىدە سۇغىرىۋېلىڭ !ئۈزۇندىن بېرى تەشنا بولۇپ كېلىۋاتقان ، بىراق سېىيماسىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالىمىغان يېقىمىلىق تونۇش سادادىن ھوشۇمىنى يىغىدىم _دە ، قىيا تاشىتىن ئۆزۈمىنى دېڭىز شاۋقۇنىغا تاشىلىدىم . شىددەت بىلەن ئۇرۇلۇۋاتقان دولقۇنلار ئىرادەمىنى بويسۇندۇرالمايتىتى ، مۇھەببەتنىڭ چەكسز كۈچى مېنى دولقۇنلار باغرىدا گاھ چۆكۈرۈپ ، گاھ لەيلىتىپ ماڭا ئىنىتىزار بولۇۋاتقان سېمىياغا قاراپ ئىلىگىرىلەتتى . ئىرادەم ئاخىر دولقۇنلار ئۈستىدىن غالىب كەلدى ، بىر پەس دولقۇنلار بىلەن ئېلىشىپ ئاخىر ئۇنى دولقۇنلار قوينىدىن تارتىۋالدىم ، ئۇنىڭ ئوت يالقۇنجاپ تۇرغان قولىنى چىڭ سىقىپ قىرغاققا تارتتىم ، غەزەپكە كەلگەن دولقۇنلار شاۋقۇننى كۈچەيتىپ مەندىن قىزغىنىۋاتقاندەك ئۇنى كۈچەپ ئۆزىگە تارتاتتى ، بىرقانچە قېتىمىلىق كەسكىن ئېلىشىشىلاردىن كېىيىن ئۇنى دېڭىز ساھلىغا ئېلىپ چىقىتىم . ئۇ شۇنچلىك گۈزەل بىر سېمىيا ئىدىكى ، دېڭىزنىڭ ئۇنى ئۆزىگە كۈچەپ تارتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى چۈشەندىم . ئەسىلىدە دېڭىز كۈچلۈك دولقۇننى ئىشقا سېلىپ بۇ گۈزەل سېيمانى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقچىكەن _دە !كۆز ئالدىمدا ئانام ئېيتپ بەرگەن چۆچەكلەردىكى پەرشىتلەرنىڭ سېيماسى نامايان بولدى ، ئۇ شۇنچىلىك گۈزەل ، زىبالىق ئىدىكى ، بىر جۈپ بوتا كۆزلىرىدە مۇھەببەت شەبنەملىرى تال _تال بولۇپ مونچاق تىزغانىدى . زىنىخلىرى ماڭا قاراپ يېقىمىلىق تەبەسسۇم بىلەن جىلىۋە قىلاتتى . ئۇزۇن ۋاقىتىلاردىن بېرى زارىقىپ كۈتكەن ، كېچلىرى چۈشلىرىمىنى ، كۈندۈزلىرى خياللىرىمىنى لال قىلىغان غايىبانە سۆيگۈمىنى تاپقىنىمىغا تومۇرلىرىمىدا قانلىرىم كۆۋەجەپ ، يۈرىكىم سوقۇشىنى تېزلەتتى . غەيرەتكە كەلدىم _دە ، ئۇنى سېغىنىپ ئىنىتىزار بولغان باغرىمغا مەھكەم باستىم . بىر _بىرىگە زارىقىپ ئىنىتىزار بولۇشقان ئىككى تەن بىر گەۋدە بولۇپ ، مۇھەببەتلىك يۈرەكلەر بىر خىل رىتمىدا گۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى . بۇ چاغدا دېڭىز غەزەپ بىلەن شاۋقۇنلىرىنى قىرغاققا زەرب بىلەن ئۇراتتى . مۇھەببەتنىڭ سېھىرىي كۈچى ئىككىمىزنىڭ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇۋەتكەنىدى . ئىككىمىزنىڭ ئوتلۇق سۆيۈشلىرىگە كۈنداشلىقى قوزغالغان دېڭىز شاۋقۇنلىرى ئەسەبىيىلەرچە بىزگە ئۇرۇلاتتى ، بىزنى بار كۈچى بىلەن يۇتۇۋېلىشىقا ئۇرۇنغاندەك ھەدەپ نەرە تارتتى ، بىز چىن مېھىرىمىز بىلەن قۇچاقلاشقان دېڭىز ساھىلىنى بويلاپ يۈرۈپ كەتتۇق . بۇ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ لەززەتىلىك ، ئەڭ شېرىن بىر چۈش ئىدى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە.سۆيگۈ نىدالىرى
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
