ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
شاپتۇلنىڭ باھاسى
ئىز تورى بەك ياخشى
روزى ۋاقتىدا بىرنەچچە دوستىمىز بىلەن قەشقەرگە خىزمەتكە بېرىپ قالدۇق، ئاشخانىلار تاقاق بولغاچقا قوساقنى ئەستەرلەش ئۈچۈن چىڭقى چۈش مەزگىلىدە خام بازىرىدىن مېۋە-چېۋە ۋە نان سېتىۋالماقچى بولدۇق. «كېلىشسىلە ئاكىلار، ئاجايىپ ئېسىل شاپتۇل بار، ھازىر شېخىدىن ئۈزگەن، مۇزدەك!» دەپ خېرىدارلىقىمىزنى قىلدى 13 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر بالا. شاپتۇلنىڭ ھەقىقەتەن ماختىغۇچىلىكى بار بولۇپ، ئارىمىزدىكى قەشقەر س س م ب ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان بىر ئاغىنىمز سولياۋ خالتىغا شاپتۇللارنى سېلىۋېتىپ باھاسىنى سورىدى. «كىلوسى 20 كوي، ئەرزان، بۇنداق شاپتۇلنى باغدىنمۇ تاپالمايلا ئاكا» دېدى ھېلىقى بالا. ئارىمىزدىكى تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىرسى كەسپىي ئادىتى بويىچە: «ئۇكوووم، 15 كويدىن بەرسەك كېلەما؟ » دېۋىدى، ھېلىقى بالا شاپتۇلنى تارازىغا سېلىپ كۆرۈپ بىزگە تەڭلەپ : «ئاكا ماۋۇ شاپتۇل ئۈچ كېلو كەپتۇ، كەچتە ئىپتاردا يەپ بېقىپ، ياراپ قالسا پۇلىنى ئەتە موشۇ ۋاقىتتا ئەكەپ بەرسىلە» دېدى. بىز يەنە نېمە دەيتتۇق؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئاپتوۋۇزدا
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قەشقەرگە دائىملىق تەربىيىگە بېرىپ، كەچتە شەھەردە قونۇپ قېلىپ، سەھەردە 18-يولنىڭ ئاپتوۋۇزىدا مائارىپ ئىنىستىتوتىغا چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ، گېزىتخانىنىڭ ئالدىدا ئاپتوبۇسقا چىقتىم. بەكلا ئەتىگەن بولغاچقا ئاپتوبۇستا 2-3 لا ئادەم بار ئىدى. مېنىڭ ئۇيقۇم تازا ئېچىلىپ كېتەلمىگەن، بېشىم سەل ئاغرىپ تۇرغاچقا چىقىپلا ئىككى كىشىىلىك ئورۇننىڭ سىرت تەرىپىدە ئالدىدىكى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە بېشىمنى قويۇپ سەل مۈگدەپ قالغان ئوخشايمەن. شۇ ئارلىقىتا ئاپتوبۇس شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كەپ بوپتۇ، ئادەممۇ لىق توشۇپتۇ. بىر چاغدا ماڭا ئوخشاش «بېشى ئاغرىق» تىن بىرسى مۈرەمگە نوقۇدى، شۇنداق قارىسام، ئۇ: «ئادووووش، سىلە پۇل ساندۇقىغا ئىككى كوي تاشلىغانمۇ يا؟» دېۋىدى، مەن ھېچنىمىنى چۈشىنەلمەي «ياق!» دىيىشىمگە ،: «ئۇنداق بولسا ئا تەرەپكىرەك ئولتۇرمامسىلە» دېمەسمۇ؟!
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە.......قەشقەر پاراڭلىرى [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
