ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىدە ئۆلگۈچىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش ئىنتايىن يامان ئېلىنىدۇ ، ئۆلگۈچىنىڭ يامان تەرەپلىرىدىن ئىبرەت ئېلىش ، ياخشى تەرەپلىرىدىن ئۈلگە ئېلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ . ئۆلگۈچىنىڭ غەيۋىتىنى قىلغانلىقنى ئۇنىڭ قۇرۇق ئۇستىخىنىنى غاجىلىغانلىق دەپ قارايدۇ . شۇڭا ، ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلماي ، ياخشىلىقىنى كۆپرەك تىلغا ئېلىپ ، ئۇنىڭ روھىنىڭ خاتىرجەملىككە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىش لازىم . ئىز تورى www.iz.la
بىر-بىرىنى كەمسىتىش يامان ئېلىنىدۇ
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلغار قائىدە-يوسۇنلىرىنىڭ بىرى ، ئاجىزلار ، مېيىپلار ، كۆرۈمسىز ئادەملەرگە يامان كۆز بىلەن قاراش ، ئۇلارنى ھاقارەتلەش ناھايىتى يامان ئېلىنىدۇ . مېيىپلارنى كۆرگەندە ئۆزىنىڭ بېخىرىملىكىدىن ، ئاجىزلارنى كۆرگەندە ئۆزىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن مىننەتدار بولۇشقا ، ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە دەۋەت قىلىنىدۇ . ئاجىز ، كۆرۈمسىز ، مېيىپ كىشىلەرنى كۆرگەندە ئۇلارغا قاراپ كۈلۈش ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش ، تىللاش ئەڭ ئەخلاقسىز ، پەزىلەتسىز ئىش سۈپىتىدە قارىلىدۇ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھېچكىمنىڭ مېيىپ ، ئاجىز ، نامرات بولۇۋالغۇسى يوق . تەبىئىي يارالمىش ئىرادىگە ھېچكىم ئارا تۇرالمايدۇ . بۇ خۇسۇستا ؛ << نەقىشنى ئەيىبلەمسەن ، نەققاشنىمۇ >> دېگەن ھېكىمەت بار . شۇڭا ، بىر ئادەمنىڭ چىرايلىق يارىلىشىمۇ ئۆزىنىڭ ئىشى ئەمەس ، سەت تۇغۇلۇپ قېلىشىمۇ ئۆز ئىختىيارى ۋە تاللىشى ئەمەس . بۇ ھەقىقەتنى ئۇنتۇماسلىق لازىم .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە ؛ قائىدە-يوسۇنلىرىمىز
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
