app دېتالى

تارازا ، ئۆلچەم توغرا بولۇش

ۋاقتى:2014-05-22 13:26مەنبە: يوللىغۇچى:راھىلە چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

تارازىنى توغرا تۇتۇش ، ئۆلچەمنى توغرا قىلىش خەلقىمىزنىڭ تىجارەت پىرىنسىپىدىكى مۇھىم ئەخلاقى مىزان ۋە ئەقىدە ھېسابلىنىدۇ . تارازىدا كەم بېرىش ، ئۆلچەمگە ساختىلىق ئىشلىتىشنى ئىنتايىن ئەيىبلىك ، گۇمانلىق ئىش ھېسابلايدۇ ھەم باشقىلارنىڭ رىزقىنى يەۋېلىش ھېسابلىنىدۇ . ئىز تورى www.iz.la

تارازىغا ۋە ئۆلچەمگە ساختىلىق ئىشلىتىپ تاپقان پۇلنى ھارام دەپ قارايدۇ ھەم ئۇ ھالال ۋەجىنىمۇ توزىتىۋېتىدۇ دەپ قارايدۇ . شۇڭا تارازىدا ، ئۆلچەمگە ئارتۇقراق بەرسە بېرىدۇكى ، ھەرگىز كەم بەرمەيدۇ .

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

لەۋزى ھالال ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

خەلقىمىزنىڭ سودا-سېتىق يوسۇنىدا ، سودا قىلغان ئىشتا لەۋزىگە رىئايە قىلىش ، لەۋزىدە تۇرۇش تەكىتلىنىدۇ . ئالىمىز دېگەندىن كېيىن يېنىۋېلىش يوق ، ساتتىم دېگەندىن كېيىن ھەم تېنىۋېلىش يوق . گەرچە خەلقىمىز خېلى قەدىمكى دەۋردە ئىقتىسادىي مۇئامىلە پىچىم ( توختام ) ، ھۆججەت قاتارلىقلارنى تۈزۈپ گۇۋاھچىلارنىڭ قولىنى قويدۇرۇشتەك ئىلغار سودا مەدەنىيىتىگە كىرگەن بولسىمۇ ، ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا لەۋزىگە ھۆرمەت قىلىدۇ ، لەۋزىدىن يانمايدۇ ، يانسا ئەيىبلىنىدۇ . copyright by www.iz.la

مەنبە ؛ قائىدە-يوسۇنلىرىمىز

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(2)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس