ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

ھاياتىمدىن نەپرەتلىنىشكە ھەققىم يوق، ئەمما مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمدىن نەپرەتلىنىشكە كىمنىڭ ھەققى بار؟ ئىنسان ھەممىگە كۆنىدۇ، شۇنداق، ھايات ئادەمنى ھەممىگە كۆندۈرىدۇ. ئاچلىققىمۇ، توقلۇققىمۇ، قايغۇ-ئەلەملەرگىمۇ، غېرىپلىققا، كېسەلگە، يوقسۇزلۇققا... بىراق، قەلب ئاغرىقىغا كۆنۈش نېمانچە تەستۇ؟... تاڭ ئاتسا دەيمەن، كۈندە يورۇق بولىدۇ، لېكىن ھېچ بىر تاڭ ئاتمىدى. ۋايسىمىدىم، پەقەتلا شۇ يۈرىكىم ئاغرىپ... ئەتراپىمدا ئادەملەر مىغ-مىغ، ھەيرانمەن، نېمانچىۋالا يالغۇزدۇرمەن پۈتۈن ھاياتتا؟ ۋايسىمىدىم، لېكىن ھېچكىم يوق بىر چۆللۈكتە قالدىم. قورقۇۋاتىمەن، ئىختىيارسىز كۆزلىرىمدىن ياش سىرغىغاندا كىملەرنىدۇر سېغىندىم. يېنىمدا بولسا، تەسەللىي بېرەلمىسىمۇ كۆزۈمگە قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرىسە، شۇنىڭدىن مەدەت ئېلىپ، ھاياتقا قايتىدىن باغلانسام دەپ ئۈمىد قىلدىم. لېكىن، ئارمانلىرىم ھامان ئارمان ئىدى... بەردەم بولۇشنىڭ ئۆزى غەنىمەت. ئۇف!... ئاللاھ ئېگەم بۇ بەردەملىكىمدىن ئايرىمىسۇن! ھاھاھاھا.... قۇرۇپ كەتسۇن مۇھەببەت، ۋاپا، ساداقەت، كۈتۈش، سېغىنىش، سۆيۈش-سۆيۈلۈش، بەدەل تۆلەش بىلەن بەخت ئاتا قىلىش دېگەنلەر!!! ھاياتتا تۇغۇلۇش بىلەن ئۆلۈشتىن باشقا ھەممىسى ساختا، ئۇنىڭ ماڭا قاراپ تەبەسسۇم قىلغان كۆزلىرىمۇ ساختا! ئەسلىيەلمەيۋاتىمەن، ئەمما كۆز ئالدىمدىلا تۇرىۋېلىۋاتىدۇ. نېمە بار بولغىيدى ئۇنىڭ ماڭا قاراپ تەبەسسۇم قىلغان ئاشۇ چىرايلىق كۆزلىرىنىڭ كەينىدە... بىرسى ماڭا دەردىنى تۆكۈپ بەردى. بىر چاغلاردا باشقىلار دەردىنى تۆكسە ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىناتتىم، گاھ مەدەت بېرىپ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرسام، گاھ يىغىسىنى تەڭ يىغلىشىپ بېرەتتىم. بەزىدە يول كۆرسىتىپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىۋېلىشىغا ياردەم قىلسام، بەزىدە تاكى ئىشلىرى ھەل بولۇپ بولغىچە ئىزدەپ-سوراپ، ئىشلىرىنىڭ قانداق كېتىپ بارغانلىقى بىلىپ تۇراتتىم ھەمدە ئۈزمەي ئىلھام بېرىپ ياخشى تىلەكلىرىمنى بىلدۈرۈپ تۇراتتىم. بىراق ھازىر ئۇنداق قىلالماس بولۇپ قاپتىمەن. دەردىنى تۆكۈپ بەرگەن كىشى ماڭا خۇددى مەن چۈشەنمەيدىغان، بىلمەيدىغان باشقا بىر تىلدا سۆزلەۋاتقاندەك، ئۇنىڭ گەپلىرى مەن بىلەن، مېنىڭ ھاياتىم بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىزدەك ھاڭقىيىپ قاراپ ئولتۇردۇم. شۇ چاغدا بۇ پاراڭنىڭ تولىمۇ مەززىسىز، بىمەنە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، شۇنداقلا ئۇنىڭ تىزراق يېنىمدىن كېتىشىنى، بۇ تۈگىمەس ۋاھاكازالىرىنى باشقا يەرگە بېرىپ، باشقا بىرىگە دەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدىم. راست، مەن شۇنداق قىلدىم، ئەمما ھايال ئۆتمەي مېنىڭمۇ باشقىلارغا تۆكۈپ بېرىشنى خالايدىغان تالاي دەردىم بار لىقى يادىمغا يەتتى. تۇيۇقسىز ئۈن قويۇپ يىغلىۋەتتىم. ھەئە، بۇ ھايات مېنى بۇ رەزىل سەھنىسىدە ئەڭ بىچارە، ئەڭ ئەقىللىق، ئەڭ سۆيۈملۈك ئارتىس قىلىپ رول ئالدۇرۇپ، ھەممىگە كۆندۈرىۋەتتى. بۇ يىغلاشتىن راھەت تېپىپ قالارمەن دەپ ئويلىۋىدىم، نەدىكىنى؟ كىشىلەردىن يۇشۇرۇپ يىغلىغان بۇ يىغام يەنە كىشىلەر تەرىپىدىن بايقاپ قېلىندى. شۇ چاغدا ئۇلار مېنى ‹‹ئاجىز، كىچىككىنە شامالغىمۇ بەرداشلىق بېرەلمىگەن يارىماس›› دەپ تىللاشتى. ئۇلار نەدىن بىلسۇن مېنىڭ تۇغۇلغىنىمدىن باشلاپ توختىماي كېلىۋاتقان دەھشەتلىك بورانغا بەرداشلىق بېرىپ، چىداپ ياشاپ كېلەۋاتقىنىمنى؟... ھاياتتا ھېچقانداق ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئېشىپ باققان ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاغرىنمىدىم، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھىمدىن تىلىدىم ھەم ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ كەلدىم. بىراق ئارزۇيۇمنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بىلىمەن. چۈنكى، مېنىڭ ئەزەلدىن ھېچقانداق ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئېشىپ باقمىغان. تۇغۇلغان كۈن، ھېيت-بايرام، خاتىرە كۈنلەردىن ئۆلگىدەك قورقىمەن، قاچىمەن، ئۆچ كۆرىمەن. چۈنكى، شۇنداق كۈنلەردە ھامان يالغۇز قالىمەن. لېكىن ئەڭ قاملاشمىغان يېرى، ھامان شۇ كۈنلەرنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىمەن. كىملەردۇر تۇغۇلغان كۈنلەرنى، ھېيت بايراملارنى، خاتىرە كۈنلەرنى تەبرىكلەپ ئۇچۇرلارنى يوللىشىدۇ، سۆزلەرنى قالدۇرىدۇ، تېلفۇن ئۇرۇشىدۇ. ‹‹ئورۇق ئېشەككە ئارپا بېرىڭ يولدا قالمىسۇن، تەسەللىيگە ھە دەپ قويۇڭ، كۆڭلى قالمىسۇن›› دېگەن گەپنى ئاڭلىغانمۇ؟ ئۇچۇرلارغا، سۆزلەرگە، تېلېفۇنلارغا باغرىمنى يېرىپ بەرگۈدەك خۇش بولۇپ، بۇلبۇلدەك سايراپ تۇرۇپ جاۋاپ قايتۇرىمەن. لېكىن جاۋاپ قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئىچىمدە ھەممىسىنى مىڭنى تىللايمەن. مېنىڭ يالغۇز ئىكەنلىكىمنى، بۇنداق كۈنلەردىن قاچىدىغىنىمنى، يالغۇز خىيللارغا غەرق بولۇپ، ئۇھسىنىپ يۈرىدىغانلىقىمنى بىلىشمەيدۇ. بۇنى گۇناھ ھېساپلىغىلى بولمايدۇ، لېكىن شۇ ئىشى بىلەن كۆڭۈل يارامنى تاتىلاپ، ئۇزاقتىن بىرى ساقايتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئازاب جاراھىتىمنى يەنە قانىتىپ قويىدۇ. مەن بولسام مەرھۇم ئانامنى، ئۆمۈر بويى نەپرەتلىنىپ كەلگەن دادامنى، مېنى تاشلاپ كەتكەن يېقىنلىرىمنى، مەن تاشلىۋەتكەن نامەرت ‹‹دوست›› لىرىمنى، شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە مەن بىلەن بىللە بولالمىغان دىلكەشلىرىمنى سېغىنىپ، يىغلامسىراپ كۈننى كەچ قىلىمەن. ئاھ... ھوجرام! غېرىپخانەم! مېنىڭ مۇڭخانەم! سىرداش كۆلبەم! دىلىمنىڭ ئازادىسى ھوجرا ئۆيۈم!... ئورنۇمنى سېلىپ بولۇپ، ئۇخلاش كىيىمىمنى ئالماشتۇرىمەن، ئاندىن چىراقنى ئۆچۈرىۋېتىپ، دېرىزە تۈۋىگە كېلىپ تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرىمەن. ئاسماندا ئاي بولسۇن-بولمىسۇن كارى چاغلىق، ماڭا پەقەت مۇشۇنچىلىك پۇرسەتلا ئىنتايىن غەنىمەت. ئەتىگەندىن بىرى دەرۋەپ تاشالماي تۇرغان يىغامنى بىراقلا قويۇۋېتىمەن...دەريادەك تاشقىنلاپ، بۇلاقتەك قايناپ، ئېقىندەك چاپچىپ، كۆلدەك مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ ئىچ-قارنىم بوشىغىچە يىغلايمەن. نەدە ئىچ-قارنىم بوشايدۇ؟ يىغلىغانسىرى يىغلايمەن، باغرىم لەختە بولغانسىرى قان بولىدۇ. كۆز ياشلىرىم تاراملىغانسىرى قۇيۇلىدۇ. يۈرىكىمدىن ئاچچىق نىدالار ئېقىپ چۈشىدۇ، لېكىن ئۇنى ھېچكىمگە دېيەلمەيمەن. تەقدىرىمگە قارايمەن، ئۇنىڭدا ئىسەدەپ تۇرغىنى يەنىلا مەن... يېرىم كېچىدە بىرسىگە تېلفۇن قىلىشنى ئويلاپ قالدىم، لېكىن بۇ كېچىدە تېلفۇن قىلسام ئويغىتىۋېتىپ قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرىدىم ھەم خىجىل بولدۇم. بىراق، شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقۇم، بىردەمگىنە بولسىمۇ پاراڭلاشقۇم بار ئىدى. ئۇرايمۇ؟ ئۇرمايمىكىن يا؟ نېمە دەپ ئويلاپ قالار، كېچە سائەت بىر بولۇپ كەتكەن تۇرسا؟ تىللاپ كەتمەس ھەر قانچە بولسىمۇ، ئۇرۇپ باقايچۇ. ئالسا ئالدى، ئالماي قالسا تېخى ياخشى. ھەئە، زادى بىر ئۇرۇپ باقاي. . . بولدىلا، باشقىچە تەسىر بېرىپ قويماي يەنە. مەن بىلەن پاراڭلاشقۇسى كېلىپ ئۇرۇپتۇ دېسىغۇ چۈشەنگىنى، ئۇنداق بولماي... كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق. ‹‹نېمىشقا؟›› دەپ سورىماڭ. ئەجىبا سىز ئۇنداق بولۇپ باقمىغانمۇ؟ ئادەم دېگەنىڭ كەيپىياتى ھەر كۈنى بىر خىل تۇرمايدۇ. بەزىدە شۇنداق بولۇپ قالىدىغان گەپ. ئوڭغۇل-دوڭغۇل ھايات يوللىرىدا تۈرلۈك قىسمەتلەر كىشىنى چارچىتىپ شۇنداق قىلىپ قويىدۇ. مەندىن ھەقىقى ئەنسىرەيدىغىنىڭىزغا ئازراق ئىشىنىمەن. ئىشقىلىپ كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق. بۇنى سىزمۇ شۇنداق بولۇپ باققاندا ئاندىن چۈشىنىسىز. كوچىدا بىر دوستۇم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ھاھاھاھاھاھاھاھا... ئۇ مېنىڭ بۇرۇنقى لايىقىم بىلەن، يەنى ئايرىلىپ كەتكەن لايىقىم بىلەن قولتۇقلىشىپ كېتىۋېتىپتۇ. مېنى كۆرۈپ سالام قىلدى. يۈزى شۇنداق چىرايلىق تۇرۇپتۇ. ئاللاھ بەختىنى بەرسۇن! باشلىقىمنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ كىرىپ بىر ھارغۇچە تىللىدىم. سەۋەبى، ئۇ شەخسى ئىش بىلەن خىزمەت ئىشىنى بىرلەشتۈرىۋالدى. ئىشخانىغا ھەمىشە سەتەڭ قىزلارنى باشلاپ كېلىپ بۇ يەرنى بەزمىخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويغىلى ئازلا قالدى. مەرەز گۇي، ‹‹بۇقىنى سەكرەتكەن ھېلىقى نېمىسى›› دېگەن راستمۇ نېمە؟ كىرىپ-چىقىۋاتقانلارنىڭ قانداق ئويلاپ قېلىشى بىلەن كارى يوق، نېمە ئاۋۇ زىدى پەس مىكىجىنلەر بىلەن چىمدىشىپ، قىچىقلىشىپ، كۆز تاشلىشىپ ئولتۇرىدۇ؟ كىم بىلەن چىمداشقا مېنىڭ نېمە كارىمتى؟ لېكىن بۇ دېگەن خىزمەت ئورنى-دە! شۇڭا دەردىم چىققۇچە تىللىدىم. ئادەم بولاي دەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ بېشىنى تۆۋەن سالدى. ئادەم بولىدۇ، ئىنشا ئاللاھ! ھەر نېمە دېگەن بىلەن باشلىقىمنىڭ ئالدىدا خېلى سۈرۈم بار. كىچىك ۋاقتىمنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئەسلىيەلمىدىم. بەش قېتىم ئوپىراتسىيەگە چۈشۈپ، كۆپ قېتىم ناركۇز قىلىنىش سەۋەپلىك ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم سەل تۆۋەنلىگەن، ھەم شۇ سەۋەپلىك كىچىك ۋاقتىمدىكى ئەسلىمىلىرىمنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدىم. ئەلۋەتتە، بۇ دوختۇرنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئىدى. كاشكى، شۇ ئەسلىمىلىرىم جايىدا قېپ قېلىپ، ئازابلىق كەچمىشلىرىم، ھىجران ياشلىرىم ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بولسىچۇ!؟ بەردەم ياشاپ كېلىۋاتىمەن. لېكىن، ھاياتىدا مەندەك مىسكىنلىكتە ئۆتكەن بىرسى يوقتۇ بەلكىم. جېنىم ئانا، قۇچىقىڭىزدىكى چاغلىرىمنى، مېنى ئەركىلەتكەنلىرىڭىزنى ئەسلىيەلمىدىم پەرىشتەم ئانا. قانداق قىلىمەن؟ چىرايىڭىزنى خىيال ئەينىكىمدە كۆرگۈم بار ئىدى ئانا. شۇ چاغلاردا چىرايلىق بولغىيدىڭىز ھە؟ كېيىن مەن بىلگەن، مەن كۆرگەن قورۇقلارنىڭ ئورنىدا ئايدەك جۇلالاپ تۇرغان يۈزلەر بار بولغىيدى؟ قوللىرىمغا تارىشىدەك ئۇرۇنغان قوللار ئەسلىدە مېنىڭكىدەك ئاق، يۇمشاق، ئەۋرىشىم بولغىيدى ھە جېنىم ئانا؟ نۇرى قاچقان، ئولتۇرۇشقان كۆزلەر مېنىڭ كۆزلىرىمدەك نۇرلۇق، چىرايلىق، تەبەسسۇملۇق بولغىيدى ئېھتىمالىم؟ رەسىمىڭىزگە قارىسام ماڭا دەيدىغان گېپىڭىز باردەك ھېس قىلىمەن، نېمىشقا شۇ چاغلاردا قۇچىقىڭىزغا سۈركىلىپ ئەركىلەپ تۇرۇپ يۈرەك سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلىۋالمىغان بولغىيدىم؟ ھە راست، ئۇ چاغلاردا سىز كىچىك ئىككى ئىنىمغا كۆيۈنۈش بىلەن ئالدىراش ئىدىڭىز، توغرا. قېيداپ تۇرۇپ ‹‹ماڭىمۇ مېھرىڭىزنى بېرىڭ›› دېگىنىم ئېسىمدە. لېكىن سىز ‹‹ سىز چوڭ بولدىڭىز، ئەمدى ماڭا ھاجىتىڭىز چۈشمەيدۇ، سىز شۇنداق خۇشال، ھېچنېمىڭىز كەم ئەمەس، كىچىك بالىدەك ئەركىلىتىپ سۆيۈپ يۈرۈشۈمنىڭ ئورنى يوق›› دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدىڭىز. ئاشۇ گېپىڭىز ئېسىمگە كەلسە ھازىرمۇ يىغا تۇتىدۇ. ھاجىتى بولمىغان ئىشلار ئادەمنى بەكلا سېغىندۇرىدىكەن، تەقەززا قىلىدىكەن ئانا. ئەمدى سىز يوق، كۆرەي دېسەممۇ يوق، سۆيەي دېسەممۇ يوق، پۇراي دېسەممۇ، قېيداي دېسەممۇ يوق... يۈرىكىم ئېچىشىپ كەتتى. سىزنى بەك سېغىنىپ كەتتىم ئانا، مەن قانداق قىلىمەن، يىغلىغۇم كەلدى جېنىم ئانا، سىزنى قۇچاقلاپ بىردەم يىغلىۋالغۇم بار ئىدى. ئانا، مېنىڭ پەرىشتە ئانام.. ئەختەرنىسا يازمىسى