ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

بەلكىم بۇ خەتتتىن قىزلارمۇ قانداقتۇر سوئاللىرىغا جاۋاپ تاپالىشى مۇمكىن،شۇڭا ئۇنى ئۆزگەرتمەيلا ئۆز پېتى سۇندۇم: (سالام)!...جىمجىت ياتاق ،ئازاپلىق سۈكۈت،قاچاندىن بېرى شۇنداق ئولتۇرۇپ كەتكىنىمنى بىلمەيمەن،كۆزلىرىم بىر نۇقتىغا تىكىلگەن بۇلۇپ ،ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاللىقاچان ئىسىمدىن چىقىپ كەتكەن. مانا شۇنداق ئولتۇرۇپ سىنى يەنە بىر قېتىم ئىسىمگە ئالدىم.ئاھ ! مۇھەببەت! ئادەمنى نىمە كويلارغا سالمايدۇ ؟ نىمە يوللاردا ماڭدۇرمايدۇ ھە-؟! ئويلاپ باقسام مەن سىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن بۇيان،ئىچىمدىن ئېچىلىپ بىر قېتىم كۈلۈپ باقماپتىمەن،ئېچىلىپ ئويناپ باقماپتىمەن،قەلبىم غېرىپلىققا، كۆڭلۈم غەمكىنلىككە تۇلۇپلا ياشاپ كەپتىمەن.شۇ تاپتا بۇنىڭ سەۋەپلىرىنى ئويلاپ ،كەچمىشلىرىم بىرمۇ-بىر كۆز ئالدىمغا كەلدى،بەلكىم سەن شۇ تاپتا مىنىڭ بۇ ئوي خىياالىرىمدىن بىخەۋەر،ئويۇن كۈلكىلىرىڭ بىلەن بەنىتتۇرسەن.كۆزۈم كور بۇلۇپ قالغاندەك ئەمەس ،لىكىن كۆپلىگەن ئىشلاردا ئەقلى خۇلاسە چىقىرالمىىغىنىم راس. نەچچە كۈن ئىلگىرى ،مەن سىنىڭ باشقا ئوغۇللار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشىۋاتقىنىڭنى كۆرۈپ قالدىم. راستىنى دىسەم بۇنى پەقەت كۆڭلۈمگە سىغدۇرالماي قالدىم.پەقەت مەن تۇتۇشۇم،مەن سىلىشىم لازىم بولغان قوللارنى باشقىلار تۇتۇپ ،سىيلاپ يۈرسە،بۇنىڭغا پەرۋاسىز قارايتتىممۇ؟ئۇنداق غۇرۇرسىزلىق مەندە يوق. يەنە بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى باشقىلارنىڭ تويىدا ،باشقىلار بىلەن قانغچە تانسا ئوينىغىنىڭنى ئېيتىۋىدىڭ،جېنىم سىرقىراپ كەتتى.يەنە شۇ مەنلا تۇتىدىغان قوللىرىڭنى تۇتۇپ،مەنلە قۇچاقلايدىغان بەللىرىڭنى باشقىلار ۇتۇتپ يۈرسە،مەنلا ئوتلۇق بېقىشىم كېرەك بولغان كۆزلىرىڭگە باشقىلار شەھۋانىي قاراپ يۈرسە،مەن يەنە ئۈندىمەسلىكىم ئۇنى (توغرا)چۈشىنىشىم كېرەكمۇ؟كەچۈرگىن ،مەن مەڭگۈ ئۇنداق قىلالمايمەن. كەلگۈسى ئايالىم ئۇنداق بولسا بولمايدۇ.ئاشۇ ئويلىرىمنى ئېيتسام سەن مىنى (ئىچى تار،شەھەرلىك بۇلۇشقا لايىق ئەمەس)دەپ ئەيىپلەپ كەتتىڭ.ھىچقانداق ئىشتا ئىچىم تار ئەمەس،بىراق ئۆزۈپ جۈپ بۇلدىغان قىزغا كەلگەندە ئۇنىڭ ھەممىگە بېقىپ خالىغانچە يايلاپ يۈرىشىگە يول قۇيالمايمەن. مەيلى،سەن مىنى نىمە دىسەڭ دەۋەرگىن ،ئەگەر بىر يىگىت بىر قىز بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتىمەن ،ئۇنى مەڭگۈ سۆيىمەن دىسە ،ئۇنىڭغا چىن مۇھەببەت باغلىسا ،ئۇنى ھەر قانداق ئەركەكتىن كۈنلەيدۇ،ئۇنىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ بۇلىشىنى ئىزدەيدۇ. مەن مانا شۇنداق ئەرلەردى ئىدىم،شۇڭا مەن ماڭا مەڭگۈلۈك ھەمرا بولغۇچى ،كەلگۈسى بالىللىرىنغا ئانا بولغۇچى بولغان سىنىڭ نىمىنى قىلىش، نىىنى قىلماسلىقنى ئوبدان بىلىۋېلىشىڭنى خالايتتىم.ئەممە ،بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا پەرق بەك كۆپ ئىكەن.سەن ھازىرغىچە مەندىن سىرتلارغا ئەچىقىپ ئوينىتىشنى كۆپ تەلەپ قىلدىڭ-يۇ،ئەمما،بىرەر قېتىمۇ مىنىڭ نىمنى خالايدىغانلىقىم،نەگە بارغۇم بارلىقى ھەققىدە ئويلىنىپمۇ باقمىدىڭ.يېقىندا«مۇزىيلارنى ھەقسىز ئېچىۋىتىپتۇ » دەپ ئاڭلاپ،شۇنچە قىزغىنلىق بىلەن قېشىڭغا كىرىپ،ئەتىكى دەم ئېلىشتا مۇزىيغا بېرىپ كىلەيلى دىسەم،سەن شۇئان: ۋاي، بولدى قىلىڭە،ئۇ ئەسكى تۈسكىلەر،لاتا پۇتىلارنىڭ،ئىسكىلىت جەسەتلەرنىڭ كۆرگىدەك نىمىسى بار دەپ گىپىمنى رەت قىلۋەتتىڭ. شۇ ھامان كۆڭلۈمدىن مەن بۇ قىزنى شۇنچە ياخشى كۆرگۈدەك ساپاسى بارمۇ يوق دىگەنلەرنى ئۆتكۈزدۈم.دىمىسىمۇ سەن بىلەن ھازىرغىچە،رېستۇرانلارغا ،باغچىلارغا،كىيىم كېچەك دۇكانلىرىغا كۆپ قېتىم بىللە بېرىپتىمەنيۇ،لىكىن،كىتاپخانا،قىرائەتخانا،كۈتۈپخانا ،مۇزىيخانا قاتارلىق ئورۇنلارغا پەقەتلا بېرىپ باقماپتىمەن. سەن بىلەن ....ناخشا ئۇسۇلنىڭ،رېستۇران ئارامگاھلارنىڭ.....(دىبا،ۋاڭبا)لارنىڭ....پاراڭلىىنى كۆپ قىلىشىپتىمەن يۇ.....لېكىن...تارىخ مەدەنىيتىمىزنىڭ،ئادەت -ئېتىقاتلىرىمىزنىڭ،ئالىم ئۆلىمالىرىمىزنىڭ....پاراڭلىرنى قىلىشىپ باقماپتىمەن. مەن سىنى ياخشى كۆرگەچكە سەن خۇش بۇلدىغان يەرلەرگە بېرىپ ،سەن ياقتۇردىغان ئىشلارنى قىلىپ كەپتىمەن،ئەمدى ئويلاپ باقسام ئەمدى بۇنداق كىتىۋەرسەك بولمىغۇدەك.بىلەمسەن مەن شۇ كۈنلەردە كىلەچىكىمىزدىن ئەنسىرەيدىغان بوپ قالدىم. قارىغاندا ساڭا تۇرمۇش قۇرۇشقا ،ئانىلىق سالاھىيەتنى ھازىرلاشقا خېلى ۋاقىت باردەك قىلىدۇ.ئەگر شۇ سالاھىتىڭ بىلەن ماڭا ھەمرا بولساڭ ،بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ئۇزۇنغا قالماي چوقۇم ۋەيرانبۇلىدۇ.چۈنكى بۇ ھاياتنىڭ ھەممىسى سەن قىزىققان ئاشۇ نەرسىلەرلا ئاماس،مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن،ئۇنىڭدا ئىلىمگە ئىنتىلىش ،ئۆز ۋەتىننىڭ ،مىللىتىنىڭ غېمىنى يىيىش،كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ئىزدىنىش تۇيغۇسى بولمىسا ،ئۇ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ يارامسىز ئادەم بۇلۇپ ھىساپلىندۇ. وشۇرمايمەن، مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن،ئەمما ياخشى كۆرىمەن دەپلا ئالدىراقسانلىق قىلسام بولمايدۇ،مىنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشۇم ساپالىق جۈپ بىلەن ئۆتىشى،بولغۇسى باللىرىم قابىل ئانىنىڭ قۇلىدا تەربىيەلىنىشى لازىم. بىلىمەن سەن بىر نەچچە ئايدىن بېرى چاي ئويناۋاتىسەن.ھەر قېتىم چېيىم بار دىسەڭ،ئېسىمگە ئەمەلىي يۈز بەرگەن بىر ئىش يادىمغا كىلۋالىدۇ.بۇ ۋەقەنى مەن ساڭا سۆزلەپ بەرگەن ،شۇنداقتىمۇ يەنە ئېسىڭگە سېپ قويغۇم كىلۋاتىدۇ.: بىر جۈپ ئاتا-ئانابىرى يەتتا ياشلىق،بىرى تۆت ياشلىق ئىككى بالىسىنى تۆتىنجى قەۋەتتىكى ئۆيگە سولاپ قۇيۇپ،ئاتالمىش چايغا كىتىپرۇ،ئەممە ئۇلار ئۇ كېچىسى كەلمەپتۇ،چېيى باشقا يەرگە يۆتكىلىپ ئەتىسىمۇ كەلمەپتۇ.ئۆيدە يىگۈدەك بر نەرسە قالمىغاچقا،بالىلرنىڭ قورسىقى ئېچىپ،زادىلا چىدىيالماپتۇ.ئاخىرى يەتتا ياشلىق ئوغۇل ئۆيدىن بىر پارچە لاتىنى تېپىپ چىقىپ ،ئۇنى يىرتىپ ئۇلاپ،ئۇنى بېلىگە باغلاپتۇ ۋە ئۇنىڭ بىر ئۇچىنى دېرىزىگە باغلاپ،پەسكە ۈشۈپ سىڭلىسىغا نان ئاچىقىپ بەرمەكچى بوپتۇ.بىراق ئويلىمىغان ئىش يۈز بېرىپتۇ........بالا سىيرىلىپ بىرە مىتىر چۈشە-چۈشمەيلا،ھېلقى لاتا ئۈزۈلۈپ كىتىپ،بالا يەرگە ئۇچۇپ چۈشۈپ كىتىپتۇ.ۋە بەل ئاستىنىڭ سۆڭەكلىرى چۇل چۇل بۇلۇپ كىتىپتۇ.بۇ ۋقەنىڭ راستلىقىنى سەن ئوبدان بىلىسەن.ئۇ بالا ھازىرمۇ دوختۇرخانىدا ئىكەن....ئاڭلاشارغا قارىغاندا شۇنداق چىرايلىقكەنمىش ئۇ...بىراق ئەمدى ئۇ ھايات قالغان تەقدىردىمۇ بىلىنىڭ ئاستى ھەرىكەت قىلالمايدىكەن...مۇشۇ ئىشنى ھەر قېتىم ئويلىسام كۆزۈمگە ياش كېلىدۇ.ئاتالمىش «چاي»چىلارنىڭ قۇلىقىنىڭ تۈۋىگە كىلىپ بولدى قىلىڭلار دەپ ۋاقىرىغۇم كىلىدۇ.بىراق بۇنداق قىلىش قۇلۇمدىن كەلمەيدۇ.مانا ئەمدى بۇنداق «چاي»چىلارنىڭ قاتارىدىن سەندەك قىزلارمۇ ئورۇن ئېلۋاتىدۇ. كېچە-كېچىلەپ ئۆيگە كىرمەي،دىبا،رېستۇرانلارنى بېشىغا كىيىپ،چىمە تاغنىڭ مايمۇنلىرىدەك چىرقىرىشىپ،ساراڭدەك توۋلىشىپ،مەي ئىچىپ چاپلىشىپ(ئايرىم ساندىكىلەر).....دىگەندەك سورۇنلىرىنى داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ.ئائىلىسىدە ھەر خىل پاجىئەلەر كۆپكيۋاتىدۇ.مەن ساڭا يەنە نىمىلەرنى دەي؟نىمىلەرنى ئېيتاي؟...ئۆزۈمنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە دۆڭگەپ،تۇرمۇشنىڭ قانۇنىيتىنى ،تەلىپىنى چەتكە قاقسام بولمايدۇ.مەندىن رەنجىمە،مەن بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ يۈرىۋېرىشنى خالىمىدىم.ئاخىرىدا سەمىڭگە سېلىپ قۇياي:بۇ ھايات ھەر قانداق ئادەمگە بىرلا قېتىم كىلىدۇ،ئۇنى قانداق ئۆتكۈزۈش شۇ ئادەمنىڭ ساپاسىغا باغلىق.بولسا سەنمۇ ئارتۇقچە ھاۋايى -ھەۋەس، ئۇيۇن كۈلكىلەردىن ۋاز كەچكىن،ئۆزۈڭنىڭ بۇ دۇنيا ئۈچۈنلا ياشاۋاتمىغانلىقىڭنى چۈشەنگىن.مەن ساڭا ئەقلىي تەپەككۈرنىڭ توغرا نىشان بەلگىلەپ بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.شۇ چاغدىلا بىراۋغا ھاقىقىي جۈپ بۇلۇش،ئانا بۇلۇش سالاھىيتىگە ئېرىشىسەن!...........» مەنبە : شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىل