ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسى - «جۇڭگودىكى ئەڭ ئېسىل ئۇسسۇل»پىروگراممىسى 19-ئاپرېل كەچ جېجياڭ سۈنئىي ھەمراھ قانىلىدا قويۇلۇشقا باشلىدى. شىنجاڭ ئۈرۈمچىدىن كەلگەن توققۇز ياشلىق ئۆسمۈر سۈرئەت ئۆزىنىڭ يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇندىغان كوچا ئۇسسۇلى ۋە ئوماق سۆزلىرى بىلەن نەق مەيداندىكى باھالىغۇچىلار ۋە تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى، ھەمدە تولۇق نومۇرغا ئېرىشىپ، جۇڭگودىكى داڭلىق چولپان گو فېچىڭنىڭ شاگىرتى بولدى. بۇ پىروگرامما قويۇلغاندىن كېيىن ، رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىكى ھەر مىللەت تورداشلار ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىلىپ ، ھەممەيلەن بۇ كىچىك چولپاندىن سۆيۈندى. www.iz.la
copyright by www.iz.la
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
