ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
تورىدىكى قارا مېھمان كومپىيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزىدىغانلارنى كۆرىستىدۇ . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى باشىقىلارنىڭ كومپىيۇتېر سېتىمىسغا كىرىپ ئاخىبارات ئىگىلەيدۇ ياكى پۇللىرىنى ئوغرىلىقىچە ئىشىلىتىۋالىدۇ ، بەزىلىرى توردا ۋىرۇس تارقىتىدۇ . ئۇلار ئىنىتايىن سىرلىق بولۇپ ، كومپىيۇتېر سىىتېىمىسدىكى دەرىجىدىن تاشىقىرى قاتىلىلاردۇر . ئامېرىكىدا ، قارا مېھىمانلار ئىلىگىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنسىترلىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە كومپىيۇتېر سىتېىمسى بىلەن ھاۋا ئارمىيە كومپىيۇتېر سىتېمسىغا تاجاۋۇز قىلىغان . مەركىزىي ئاخىبارات ئىدارىسنىڭ ئاساسىي بېتى قارا مېھمانلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىۋېتلىگەن . بىر بانكىنىڭ غايەت زور مەبلىغى قارا مېھمانلار تەرىپىدىن ئىنىتېرنېت تورىدا يۆتكەپ كېتلىگەن . مەمىلىكىتىمىزدىمۇ يېقنىقى يىلىلاردىن بۇيان قارا مېھمان ۋەقەلىرى كۆپ قېتىم يۈز بەردى . مەسىلەن ، 1998 _يىلى قارا مېھمان كۆپ قېتىم شاڭخەي شەھەرلىك ئاممىۋى ئۇچۇر تورغا كىرىپ ، بۇ تورىدىكى نۇرغۇن خىزمەتچى خادىم ۋە ئابۇنىچىلارنىڭ ھېسابات نومۇرى بىلەن مەخپىي نومۇرىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان . بىر جۈپ ئاكا _ئۇكا قارا مېھمانلار ئىچى -تېشىدىن ماسىلىشىپ ، سودا _سانائەت بانكىسنىڭ كومپىيۇتېر سېتىمسىدىن 260 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىنى ئوغرىلاپ كەتكەن . قارا مېھمانلارنىڭ جىنايەت قىلىمىشىلىرى ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە كارخانىلارغا ئېغىر زىيان سېلىپ ، غايەت زور زىيان پەيدا قىلىدۇ . كومپىيۇتېر تورىنى بىخەتەر مۇھىتىقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ، نۇرغۇن دۆلەتلەردە قارا مېھمانلارغا زەربە بېرىش تېخىنكىسى تەتقىق قىلىنىپ ، قارا مېھمانلارغا زەربە بېرىش يۇمشاق ماتېرىيالى ئۈزلۈكسز يېڭىلىنىۋاتىدۇ . بۇنداق يۇمشاق ماتېرىياللارنىڭ ئىقىتىدارى كۈچلۈك بولۇپ ، قارا مېھمانلار يولسزلىق بىلەن كىرگەن ۋاقىتىتا ، ئۇلارنى دەرھال توسۇپ قالالايدۇ ھەمدە جىنايى قىلىمىشىلار يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ .
مەنبە.............يۈز مېڭلىغان نېمە ئۈچۈن بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
