ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئادەتتە ئەتىگەنلىك تاماق%30،چۈشلۈك تاماق%40،كەچلىك تاماق%30نى ئىگىلىشى كېرەك،نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماقنى ئەتىگەندە ئاز،چۈشتە ئادەتتىكىدەك،كەچتە ياخشى ئورۇنلاشتۇرىدۇ،بۇ بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ،چۈنكى مەيلى چوڭلار ياكى كىچىكلەر بولسۇن،ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى كۈندۈزدە كۆپرەك بولۇشى كېرەك،كۈندۈزى ئوزۇقلۇقنىڭ ھەزىم بولۇشى،سىڭىشى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.ياخشى تاماقلارنىڭ ھەممىسى كەچتە بولسا،تاماق يەپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇخلاشقا توغرا كېلىدۇ-دە،تاماق تولۇق ھەزىم بولۇپ كەتمەيدۇ،بەزىدە مەيدىدە تۇرۇپ قالىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شۇڭا بىز(ئەتىگەندە ياخشى،چۈشتە تويغۇچە،كەچتە ئاز يېيىش)پرىنسىپىنى تەشەببۇس قىلىمىز،ئەتىگەنلىك تاماقتىن ياخشى يېيىش مىقىدارى يېتەرلىك بولۇشتىن سىرت،يەنە تەركىبىدە ئاقسىل،ۋىتامىن ماددىلىرى كۆپ يېمەكلىكلەر بولۇشنى كۆرسىتىدۇ،تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا،ئەتىگەنلىك تاماقنى ياخشى يەيدىغانالرنىڭ شۇ كۈنلۈك روھىي ھالىتى جۇشقۇن بولغاچقا،كەچلىك تاماق ئاز بولۇش دېگەنلىك تاماقنى ياخشى يېيىش ئۈچۈندۇر،چۈنكى كەچتە تاماق كۆپ يېيىلسە،ئەتىسى قورسىقى ئاچماي،تاماق ياخشى يېيىلمەيدۇ،يۇقىرىقى نىسبەتەن چوڭلارغىمۇ ماس كېلىدۇ،بالا ئېمىتىۋاتقان ياكى ئەمچەكتىن يېڭى ئايرىغان بالىلارغا قارىتا كۈندە ئۈچ ۋاخ تاماق يېيىش تەلپىنى قويغىلى بولمايدۇ.
مەنبە؛(ئىلمي ئوزۇقلىنىش)دېگەن كىتابتىن ئېلىنىدى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
