ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئىتالىيىلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە ، كۆپ يۇيۇنسا بەدەننىڭ تەبىئىي ئاسراش قەۋىتى يوقىلىپ كېتىپ ، ئادەم بەدىنى كېسەللىك باكتېرىيىلىرى ئىچىدە تۇرىدىكەن . تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، بەدەندىكى تەبىئىي پۇراق ئادەتتىكى زۇكامنىڭ ۋە سوزۇلما خارەكتېرلىك زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن . تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر يەتتە يىل جەريانىدا ئۇدا ئىككى گۇرۇپپىدىكى جەمئىي 300 ئادەمنى كۆزەتكەن . بىر گۇرۇپپىدىكىلەر ھەر كۈنى بەدىنىنى تازىلاش سۇيۇقلۇغى بىلەن يۇيغان ، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر ھەپتىدە بىر قېتىملا يۇيۇنغان .
ئىز تورى بەك ياخشى
‹‹ پاكىز گۇرۇپپىدىكىلەر ›› 167 قېتىم يۇقۇملۇق زۇكام ، 49 قېتىم بوغۇز ياللۇغى ، 27 قېتىم كاناي ياللۇغى ۋە بەش قېتىم تېرە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان . ھالبۇكى ‹‹ مەينەت گۇرۇپپىدىكىلەر ›› يەتتە يىلدا 29 قېتىم سوغۇق ئۆتۈپ قالغان ، ئۈچ قېتىم يېنىك زۇكامدىغان ۋە بىر قېتىم بوغۇز ياللۇغىغا مۇپتىلا بولغان . نەتىجىدە ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يۇيۇنۇپ كېتىشى كېسەلگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئاساسىدۇر . تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە ، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم سوپۇن ئىشلەتمەي يۇيۇنسا چوڭلارغا نىسبەتەن يېتەرلىك بولىدىكەن . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە : ساغلاملىق سوۋغىسى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
