ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
7-يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە (31-يانۋاردىن 6-فېۋرالغىچە)، شىنجاڭدا 32 قېتىم قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 11 ئادەم قازا قىلغان، 37 ئادەم يارىلانغان، بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 70 مىڭ يۈەندىن ئاشقان. بىر قېتىمدا ئۈچتىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان قاتناش ھادىسىسىدىن بىرى يۈز بېرىپ، ئۈچ ئادەم قازا قىلغان. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
2013-يىللىق چاغان مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە بەش قېتىملىق قاتناش ھادىسىسى ئاز يۈز بېرىپ، يۈز بېرىش نىسبىتى %13.51 چۈشكەن. 28-يانۋاردىن 4-فېۋرالغىچە، شىمالىي شىنجاڭدا كەڭ كۆلەمدە قار ياغقان، بولۇپمۇ ئىلى ئوبلاستىدا قېلىن قار يېغىپ، كەڭساي يول بۆلىكىدە كۆپ قېتىم قار كۆچكەن، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مايتاس شامال رايونىدا كۈچلۈك بوران چىقىپ، كۆرۈش ئارىلىقى نۆل مېتىرغا چۈشۈپ قالغان. ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە قارنىڭ قېلىنلىقى بىر مېتىرغا يەتكەن. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ج خ قاتناش تارماقلىرى ئالدىنى ئېلىش لايىھەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، توسۇلۇپ قالغان ئاپتوموبىللارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، قاپسىلىپ قالغان 700 دىن ئارتۇق ئادەمنى قۇتقۇزغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ئىز تورى www.iz.la
