ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ كوچا مېنى شۇنداق بىئارام قىلىدۇ. لىكىن ئۆيۈمگە قايتىدىغان يول مۇشۇ بىر تۇرسا، ماڭا نېمە ئامال بار دەيسىز؟ مانا يەنە بۇ سەسكىنىشكە تولغان بىرىنچى قەدىمىمنى بۇ كوچىغا قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇكام،-دىگىنىچە قولىنى ئۇزارتتى كوچىنىڭ بېشىدا مىۋە-چىۋە ساتىدىغان مەمەت قولىنى ئۇزارتىپ. ئۇنىڭ بىلەن شۇ قەدەر كۆرۈشكۈم بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ كونا ھۈنەرلىرىنى بىلگەچكە، يەنە مىنى كاپىرغا چىقارمىسۇن دەپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىشقا مەجبۇر بولدۇم.
www.iz.la
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.،-دەپ مۇنداقلا كۆرۈشۈپ قويۇپ ئۆيگە مېڭىۋېدىم، ئۇ يەنە بۇرۇنقىدەكلا مېنى توختىتىۋالدى.
-ھە ئۇكام، بۈگۈن يېڭى ئەنجۈر كەلدى، تېتىپ باقمامسىز؟ تېپىپ باققانغا پۇل ئالمايمەن.،- دىدى ئۇ تېخى تازا پىشىپ كەتمىگەن بىر ئەنجۈرنى ماڭا ئۇزارتىپ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-بولدى، ئاكا كۆڭلىڭىز تېگىل بولدى، ئەنجۈر دىگەننى ئاتۇشتا يىمىسە بىكار. ئالدىرايتتىم مەن ماڭاي.،-دىدىم ئەنجۈرگە مۇنداقلا قاراپ قويۇپ.
-ئۇكام...جەننەتتىن چىققان مىۋە جۇمۇ بۇ. بىكارغا بەرسىمۇ يېمەيمەن دەڭ تېخى. مۇنداق ھاكاۋۇرلۇق سىلىدەك بىلىملىك باللىغا ياراشمايدۇ جۇمۇ. ئېلىڭە...ھە.شاپىلاقلاپ، ئاغزىڭىزغا كوم سېلىڭ. ،-دىدى ئۇ ئەنجۈرنى ئۇزارتقان قولىنى چۈشۈرمەي سۆزلەپ. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئامالىسىز بولدى ساڭا يەنە تۇتۇلۇپتىمەن دىدىمدە، ئەنجۈرنى ئېلىپ ئىككىنى شاپىلاقلىۋىتىپ، ئىككى يالماپلا تۈگۈتتىمدە ‹‹ماقۇل ،مەمتىكا مەن ماڭاي››دىدىم دەرھال ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-ھە ئۇكام ئەنجۈرنىڭ تەمى قانداقكەن؟،- دەپ سورىدى مەمەت دەرھال ھۇجۇمغا ئۆتۈپ.
-ھە..بولىدىكەن.،-دىدىم ئامالسىز. نورمالكەن ياكى ياخشى ئەمەسكەن دەپلا سالسام، جەننەتتىن چىققان مىۋىگە گۇناھ ئارتقانلىق گۇناھىغا مۇپتىلا بولۇشۇم تۇرغانلا گەپ ئىدى.
www.iz.la
-ھە...يەپ بېقىڭ دىسەم ئۇنىمايسىز تېخى. ئانىڭىزغا گېلىڭىز سىقىلدى ھەرقاچان ھە. سىزگە ئون كويغا تۆتتىن بېرىمەن ئانىڭىزغا ئالغاچ كىتىڭ.،-دىدى ئۇ دەرھال ئىسىل سۈپەت چىرايىنى مەككار كۈلكىگە ئالماشتۇرۇپ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
-بولدى مەمتىكا. ئانامنىڭ شىكەر سىيىش كىسىلى بار. ئەنجۈر يىسە، زىيان قىلىدۇ. بولدى مەن ماڭاي. تىجارىتىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي.،- دىدىم ئۇنىڭ بىلەن خوشلىلىشىۋېلىش ئۈمىدىدە.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئويلىمىغان يەردىن ئۇ قاپىقىنى تۈرتكىنىچە، كەينىدىكى ئورۇندۇققا ئارتىپ قويغان چاپىنىنى كىيدىدە بىلىكىمدىن تۇتقىنىچە مىنى سۆرەپ ماڭدى.
-توختاڭ مەمتىكە. نەگە بارىسىز؟...مېنىڭ ئۆيۈم بۇ ياقتا ئەمەس،-دىدىم كەينىمگە دەسسىگىنىمچە ئۇنىڭ قىلىقىغا ھەيران بولۇپ.
-ئاشۇ ئەنجۈرنى قەنت سىيىش كىسىلىگە زىيان قىلىدۇ دىگەن دوختۇرنىڭ يېنىغا بارىمىز. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر مۇنازىرىلىشىپ باقاي.
-بولدى قىلىڭ ئاكا. دوختۇرلار ھازىر ئىشتىن چۈشۈپ كەتتى. مېنىڭمۇ ئۆيدە ئىشىم بار. مۇنازىرىلەشكىڭىز بولسا،باشقا كۈنى ئۆزىڭىز بېرىڭ. ،- دىدىم سەل ئاچچىقىم كېلىپ ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋېتىپ.
-ھە بۇ گەپمۇ بولىدۇ. ئۇنداقتا ئىسىمى نېمە، قايسى دوختۇرخانىنىڭ قايسى بۆلۈمىدە ئىشلەيدۇ. دەپ بېرىڭە بىر يېزىۋالاي دىدى ئۇ ئېرىنمەي ھېسابات دەپتىرىنىڭ كەينى ۋارىقىنى ئېچىپ، ئوڭ قولىغا قەلەمنى ئېلىپ.
ئەگەر ئۇنىڭغا ئاپامنى كۆرگەن دوختۇرنىڭ ئىسمىنى دەپ بەرسەم،ئۇ راستىنلا بېرىپ دختۇرخانىدا ئويۇن چىقىرىپ يۈرسە چاتاق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ:
-بولدى مەمتىكا، دوختۇرلارمۇ ھازىر ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىيدىغان بولۇپ كەتتى. بەلكىم تۆت تال يىگەنگە ھېچنىمە بولماس.،- دىدىمدە تەسلىم بولۇپ 10 يۈەن پۇلنى ئۇنىڭغا ئۇزارتتىم. ئۇ غالىبانە كۈلگىنىچە، پۇلغا قاراپمۇ قويماي، سەككىز تال ئەنجۈرنى خالتىغا سېلىپ ماڭا ئۇزارتتى.
-مەن تۆت تاللا ئالسام يېتىدۇ مەمتىكا،-دىدىم ئۇنىڭغا يېلىنىش تەلەپپۇزى بىلەن.
-ياق. ئۇكام 4نى ئانىڭىز يىسە. ئىككى بالىڭىز ۋە ئايالىڭىز قاراپ ئولتۇرامدۇ؟ ئەشۇ ئۆز جىسمىڭىزدىن ئاپىرىدە بولغان مەسۈم بالىلارنىڭ شۆلگىيىنى ئېقىتىپ، مومىسىنىڭ ئەنجۈر يىگەنلىكىگە ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ تۇرىشىغا رازىمۇسىز؟ پاي-پىتەك بولۇپ سىزنىڭ، ئانىڭىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قىلغان ئايالىڭىز، سىز ۋە ئانىڭىز تېتىغان ئەنجۈردىن بەھىرلەنمەمدۇ؟،- ئۇ سەككىز تال ئەنجۈر سېلىنغان خالتىنى تۇتقىنىچە يەنە دېكلاماتسىيە قىلىشقا باشلىدى. www.iz.la
راست گەپ قىلسام، دەسلەپ بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندە، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپ، ئازاپلانغان، ھاياجانلانغا چاغلىرىممۇ بولغان. لىكىن مىۋە-چىۋىنىڭ پۇلغا كىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەت مېنى دەرھاللا تەسىرات دۆۋىسىدىن يۇلۇپ چىقتى. لېكىن ھەر كۈنى ئۇنىڭدىن مېۋە ئالمىسام ئۆيۈمگە كېتەلمەيدىغان ھەقىقەت قەتئىي ئۆزگەرمىدى.
تەغدىر پىشانەمگە تەن بېرىپ، 20 يۈەن پۇلدىن ۋاقىتسىز جۇدالىشىپ، ئەنجۈرنى ئالدىمدە، مەمتىكامغا قايتا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، ئۆيۈمگە قاراپ ماڭدىم.
ئاپتۇرى؛ئاتتىلا سەمى
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
