ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
قىزلار گىرىمنى ئۆز لايىقىدا قىلىسا تېخىمۇ گۈزەل،تېخىمۇ سالاپەتلىك كۆرۈنىدۇ،بىراق گىرىمنى ۋاقىت بىلەن ئورۇنغا قاراپ مۇۋاپىق قىلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
1.كۈندۈزى قېنىق گىرىم قىلماسلىق كېرەك.كۈندۈزى ئاساسەن خىزمەت قىلىدىغان ۋاقىت بولغاچقا،شارائىت يار بەرگەن تەقدىردىمۇ بەك قېنىق گىرىم گىرىم قىلماسلىق كېرەك،چۈنكى كۈندۈزى يۈزىڭىزدىن ئاپئاق ئۇپا تۆكۈلۈپ تۇرسا،قېزىل-يېشىل بويىۋالسىڭىز،ئۆتكۈر ئەتىر پۇرىقى دىماققا گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇرسا،باشقىلارنى بىزار قىلىپ قويىسىز،كەچكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە،ئولتۇرۇشلارغا بارغاندا گىرىمنى مەيلى قېنىق ياكى سۇسراق قىلىڭ ئوخشاشلا بولىۋېرىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
2.ئاممىۋى سورۇنلاردا كەلسە-كەلمەس گىرىم قىلىپ يۈرمەسلىك كېرەك،بەزى قىزلار مەيلى خىزمەت ۋاقتىدا بولسۇن ياكى بېكەتتە ماشىنا كۈتۈپ تۇرغاندا بولسۇن،ئادەم بارمۇ،يوقمۇ دېمەي ئازراق پۇرسەت تاپسىلا ئەينىكىنى قولدىن چۈشۈرمەيدۇ،ئۇلار باشقىلار ئالدىدا گىرىم قىلىشنىڭ ئەدەپسىزلىك بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ،بۇ ھەم باشقىلارغا يامان تەسىر بېرىدۇ ھەم ئۆزىنى ئۆزى ھۆرمەتلىمىگەنلىك بولىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن گىرىمنى چوقۇم ئۆيدە قىلىپ ئاندىن سىرتقا چىقىش كېرەك.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
3.ئەرلەر ئالدىدا گىرىم قىلماسلىق كېرەك،بەزىلەر ئېرى ياكى يىگىتى ئالدىدا گىرىم قىلىۋېرىدۇ،بۇنداق قىلىش ئىنتايىن خاتا،ناۋادا ئەڭ يېقىن ئادىمىڭىز سىزنىڭ قانداق قىلىپ گۈزەل بولالىغىنىڭىزنى بىلىپ قالسا،ئۇ ھالدا سىز پۇشايمان قىلمامسىز؟شۇڭا گىرىمنى چوقۇم ئېرى ياكى يىگىتى يوق يەردە قىلىش كېرەك. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
4.باشقىلارنىڭ گىرىم بويۇملىرىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك.يېقىن دوستىڭىزنىڭ گىرىم بويۇمى سىزنىڭكىگە ئوخشىماي قالسا،بۇ چوقۇم سىزنىڭ قىزىقىشىڭىزنى قوزغايدۇ،سىز باشقىلارنىڭ گىرىم بويۇملىرىنى ھەگىز ئارىيەت ئېلىپ ئىشلەتمەڭ،چۈنكى بۇنداق قىلىش ھەم تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىك بولىدۇ ھەم ئەدەپسىزلىك بولىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى
مەنبە؛(گۈزەللىك سوۋغىسى)دېگەن كىتابتىن ئېلىندى ئىز تورى بەك ياخشى
