ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ، تەنھەرىكەت ئايىغىنى ئۇزاق مەزگىل كىيىش يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ياش – ئۆسمۈرلەرگە ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەن .
www.iz.la
تەنھەرىكەت ئايىغى كىشىلەرنىڭ تەنھەرىكەت پائالىيىتىگە قاتنىشىش ، ساياھەت قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن لايىھىلەپ ياسىلىدۇ . بۇنداق ئاياغ كىيىملەر ماتېريالىنىڭ كۆپ قىسمى سۇلياۋ ، خەيمىيەن ، نىلون ، بېرزىنىت قاتارلىقلار بولغاچقا ، يېنىك سۈركىلىشكە چىداملىق ، ئاسانلىقچە سۇ ئۆتۈپ كەتمەيدۇ . بىراق كىشىلەر تەنھەرىكەت ئايىغىنى ئۇزاق مۇددەت كەيسە ، پۇتى ئاسان تەرلەيدۇ . بۇ خىل ئاياغنىڭ ئىسسىقلىقنى ، نەملىكنى تارقىتىشى ياخشى بولمىغاچقا ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەملىك بىلەن ئىسسىقلىق پۇت تېرىسىگە تەسىر قىلىپ ، پۇت تېرىسىنى قىزارتىۋېتىدۇ . ئىسسىتىۋېتىدۇ ۋە تېرىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ – دە ، پۇت تەمرەتكىسىگە ئوخشاش كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ . تەنھەرىكەت ئايىغىنىڭ ئىچىدىكى نەملىك بىلەن ئىسسىقلىق كۆپەيسە ، تاپان تارىمۇشلىرى بوشاپ پۇت پەنجىسى بارا – بارا كېڭىيىپ كېتىدۇ . copyright by www.iz.la
مەنبە : ساغلاملىق سوۋغىسى ئىز تورى www.iz.la
