app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>دۇنياغا نەزەر>

ئىستانبۇلدىكى بەخت

ۋاقتى:2014-02-05 14:10مەنبە: يوللىغۇچى:ئىكرام چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

شۈ شىن 

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   ئىستانبۇل ــــ قەدىمىي مەدەنىيەتكە قىزىقىدىغان ماڭا ئوخشاش ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلىدىكەن. ئىستانبۇلدا كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت بىلەن «ياۋروپالىشىش»، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئېسىل ئەنئەنە بىلەن زامانىۋى شەھەر قىياپىتى، تەقۋادارلىق بىلەن دەھرىيلىك، سېخىيلىق بىلەن بېخىللىق... تەڭلا مەۋجۇت ئىكەن.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


   ئىستانبۇل ھازىرمۇ ئىرقى ۋە دۆلەت تەۋەلىكى ئوخشىمايدىغان كىشىلەرنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ كەلگەن. بۇ يەردە ئېتىقادى، قىممەت قارىشى ئوخشىمىغان كىشىلەر چۈشىنىشكە، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالايدىكەن، پىكىر ئالماشتۇرالايدىكەن. ھازىرقى ئىستانبۇللۇقلار قەدىمكى ئۈچ چوڭ مەدەنىيەتنىڭ شانلىق نەتىجىلىرى ۋە مەسچىتلەر بىلەن بېزەلگەن شەھەر مەنزىرىسىگە ئېرەنسىز قارايدىغان بولۇپ قالغان. بۇنداق ئېرەنسىزلىك ئىستانبۇلنىڭ گۈزەل ئارقا كۆرۈنۈشى بولۇپ، خەلقئارالاشقان بۇ كاتتا شەھەرنى ئاجايىپ سىرلىق تۈسكە كىرگۈزگەن. ھازىرقى ئىستانبۇللۇقلار  ياكى تۈركىيەلىكلەر بۇ خىل سىرلىق تۈستىن ئىلگىرىكى شانۇشەۋكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پوسفور بوغۇزىدىن كۆتۈرۈلگەن تۇنجى قۇياش نۇرىدا ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


«is-tan-bul» )ئىستانبۇل( دېگەن سۆز تەلەپپۇز قىلىنغاندا، تىل چىشلارنى سىيپاپ ئۆتۈپ، ئۈستۈنكى تاڭلايغا تېگىشىدۇ، ئاندىن كالپۇك ئۆزئارا تېگىشىپ، تىل ئۈستۈنكى تاڭلايغا قايتا تېگىشىدۇ.
copyright by www.iz.la

   كۆرۈشكە تەشنا بولغان بۇ ماكاننىڭ ئىسمىنى ھەر قېتىم تىلغا ئالغىنىمدا، ئاجايىپ بىر خىل تۇيغۇ ئىچ - ئىچىمدىن ئۇرغۇپ چىقىپ، پۈتۈن بەدىنىمگە تاراپ، جىسمىم ھاياجانغا چۆمىدۇ. «ئىستانبۇل» سۆزىنىڭ ئاخىرقى بوغۇمى «بۇل» بۇ شەھەرنىڭ كىشىلەرگە قالدۇرۇپ كېلىۋاتقان تەسىرىگە ئوخشلاشلا لەۋلىرىمدە ئاجايىپ سىرلىق تۇيغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ. www.iz.la
   ئامېرىكا «دۆلەت جۇغراپىيەسى» ژۇرنىلى ئىستانبۇلنى «كىشىلەر ئۆمرىدە بېرىشقا ئەرزىيدىغان 50 جاي» تىزىملىكىدە 2 - ئورۇنغا قويغان.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

   ئىستانبۇل تىلغا ئېلىنغاندا، جۇڭگولۇقلارغا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىنىڭ بېشىدا ئاگاسا كىرىستىنىڭ قەلىمىدىكى رومان «شەرق پويىزىدىكى قاتىللىق دېلوسى» ئاساسىدا ئىشلەنگەن كىنو ئەڭ تونۇشلۇقتۇر. كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بۇ «شەرق پويىزى» ھازىر ئىستانبۇل ۋوگزالىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا.

ئىز تورى www.iz.la


   ئىستانبۇلغا بولغان قىزىقىشىم 2010 - يىلى تۈركىيەنىڭ باش ئەلچىسىنى زىيارەت قىلىدىغاندا خىزمەتداشلىرىمدىن بىيوگرافىيەلىك رومان ـــ «ئىستانبۇل ــــ بىر شەھەرنىڭ ئەسلىمىسى»نى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇشتىن باشلانغانىدى. بۇ روماننىڭ ئاپتورى، تۈركىيەلىك داڭلىق يازغۇچى ئورخان پامۇك «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» دېگەن ئەسىرى بىلەن جۇڭگولۇقلارغا تېخىمۇ تونۇشلۇق بولۇپ، ئۇ مۇشۇ ئەسىرى بىلەن 2006 - يىللىق «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەنىدى.

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]


   ئورخان پامۇكنىڭ «ئىستانبۇل ــــ بىر شەھەرنىڭ ئەسلىمىسى» بىلەن 2005 - يىللىق «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەنلىكى كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولمىسا كېرەك. ئورخان پامۇكنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى ئەسلىمىلىرى چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان بۇ ئەسەردە، ئىستانبۇل ئىمپېرىيە قالدۇقلىرىغا تولغان، زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنىۋىلىك تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، غەرب - شەرق مەدەنىيىتى قوشۇلغان ھالەتتە ئازابلىق كۆرۈنەتتى. ئىستانبۇلنىڭ بۇ ئازابلىرى تارىخقا قىزىقىدىغان، ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئەسلەشكە ھېرىسمەن مەندەك ئادەمنى جەلپ قىلاتتى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
   مېنىڭ تۈركىيەگە قىلغان تۇنجى سەپىرىمنىڭ بىردىنبىر، شۇنداقلا چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك مەنزىلىنىڭ ئىستانبۇل بولۇشى ئورخان پامۇكنىڭ بۇ رومانى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئىز تورى بەك ياخشى
   ئىستانبۇلنى بېيجىڭدىن مولدوۋاغا كېتىۋېتىپ، ئايروپىلان ئالمىشىدىغاندا تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە كۆردۈم. مەن ئىستانبۇل كامال ئاتاتۈرك ئايروپورتىدا مەززىلىك چۈشلۈك تاماق يېگەندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ  0200KT نۆۋەتلىك ئايروپىلانىغا ئالمىشىپ، مولدوۋا پايتەختى كىشىنېۋغا قاراپ ئۇچتۇم. مولدوۋادا سەككىز كۈن تۇرغاندىن كېيىن، ئىستانبۇلغا قايتىپ كېلىپ، غايەمنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىغان بۇ تۆت كېچە، بەش كۈندۈزلۈك ساياھىتىمنى باشلىدىم. www.iz.la
   مەن بۇ قېتىملىق سەپىرىمنى باشلاشتىن بۇرۇن، دوستۇم، تۈركىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسىنىڭ كاتىپى گۇ ۋېنجۈن خانقىزنىڭ ياردىمىدە تۈركىيە توغرىسىدا، بولۇپمۇ ئىستانبۇل توغرىسىدا خېلى كۆپ ماتېرىيال توپلىغانىدىم. ئىستانبۇلدا تۇنجى قېتىم ساياھەتتە بولماقچى بولغانلارنىڭ ئاساسىي بىلىم ماتېرىياللىرىنى توپلىشى ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ، ئادەم شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە ياكى ئىستانبۇلنىڭ تارىخىنى تېخىمۇ ياخشى بىلەلەيتتى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
   كۆپ ساندىكى جۇڭگولۇقلار تۈركىيەنىڭ زادى ئاسىيادىكى ياكى ياۋروپادىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ھەتتا تۈركىيە تىلغا ئېلىنسا ئۇنى قالاق، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، دۇنيا تارىخىدىن ئاز - تولا خەۋىرى بارلىكى ئادەم تۈركىيەنىڭ قالتىس دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. تۈركىيە جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپلا قالماي (ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا سوزۇلغان)، يەنە تارىختىكى كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ ئۇچرىشىش ئورنى بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە ئىسلام دۆلەتلىرى ئىچىدە ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىشنى ئىشقا ئاشۇرغان بىردىنبىر دۆلەت. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   «تۈركىيە» دېگەن بۇ ئىسىم قەدىمكى «تۈرك» سۆزىدىن كەلگەن. تۈركلەر ئىلگىرى ئالتاي تاغلىرى ئەتراپىدا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان چارۋىچى قوۋم بولۇپ، كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادىن تەدرىجىي غەربكە كۆچكەن. نەچچە يۈز يىللىق كۆچۈش جەريانىدا، بىر قىسىم تۈركلەر تاشقى كافكاز رايونى ۋە كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىغا بارغان. بۇلاردىن سەلجۇق تۈركلىرى   1071 - يىلى ئاز كۈچ بىلەن ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى (شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى)نىڭ زور قوشۇنىنى يېڭىپ، نۇرغۇن زېمىنغا ئىگە بولغان. تۈركلەر ئەھلىسەلىپ ۋە موڭغۇللارنىڭ قاتتىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، زېمىنىنى كېڭەيتىشنى زادىلا توختىتىپ قويمىغان. سەلجۇق تۈركلىرى زاۋاللىققا يۈزلەنگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئوسمان تۈركلىرى تېزدىن باش كۆتۈرگەن. ئوسمان تۈركلىرى 1453 - يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى كونستانتىنوپولنى ئىشغال قىلغان، شۇنىڭ بىلەن شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى مۇنقەرز بولغان. ئوسمان تۈركلىرى كۈچلۈك ئەسكەرلىرى ۋە پىشقان مېتاللورگىيە تېخنىكىسىغا تايىنىپ، كېيىنكى جەڭلەردە نۇرغۇن زېمىننى ئىگىلەپ، ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىغا سوزۇلغان زور ئىمپېرىيەنى قۇرغان ھەم بۇ ئىمپېرىيە  تارىختا 600  يىل ھۆكۈم سۈرگەن.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


   مەن تۈركىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسىنى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن، تۈركىيەنىڭ ئۇزاق ۋە پارلاق مەدەنىيەتنى ياراتقانلىقىنى راستلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە  ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى (شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى) بىلەن قۇدرەتلىك ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسى ھازىرقى ئىستانبۇلنى پايتەخت قىلغانىكەن.
ئىز تورى www.iz.la

   بۈگۈنكى تۈركىيە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى بولغان يۇنان، رىم مەدەنىيىتىدىن ئوسمان تۈركلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىسلام مەدەنىيىتىگىچە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى نۇرغۇن مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى يېڭىلىغان. شۇڭا، ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسى پارچىلانغاندىن كېيىن، تۈركىيەلىكلەرنىڭ خېلىغىچە ئىمپېرىيە زامانىسىدىكى شان - شەرەپلىرىنى ئېسىدىن چىقىرالماسلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

      كېچىدە شەھەرگە كىرىش        

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   مەن بىلەن بىللە شەھەرگە ماڭغانلار تۆت ئادەم بولۇپ، ئۇلار «خوشە! مولدوۋا» دېگەن ئەسىرىمدە تىلغا ئېلىنغان CIFS شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جىن لەنجۇ، ئۇنىڭ ياردەمچىسى سەي چېڭجې، CIFS شىركىتى ئۈزۈم ھارىقى سېتىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى چېن شۆمېي ۋە بازار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى لاۋيىنلار ئىدى. بەشىمىز يۈك - تاقلىرىمىزنى ئېلىپ ئايروپورتتىن چىققاندا، كەچ سائەت 10:00 بولۇپ كەتكەنىدى. www.iz.la
   بىزنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان چاچلىرى ساپسېرىق ۋە بۈدۈر، كۆزلىرى كۆك بىر يىگىت يېقىنلا يەردە بىزگە قول پۇلاڭلىتىۋاتاتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
   خەنزۇچىسى ئانچە ئۆلچەملىك بولمىغان بۇ يىگىت بىزنىڭ ساياھەت يېتەكچىمىز بولۇپ، ئۇنىڭ خەنزۇچە ئىسمى ۋۇ سۇڭ ئىدى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   ــــ نېمىشقا ئۆزىڭىزگە «ۋۇ سۇڭ» دەپ ئىسىم قويۇۋالدىڭىز؟ ــــ سورىدىم مەن.
   ــــ مەشۇقۇم يولۋاس يىللىق، مىجەزى چۇس، شۇڭا ۋۇ سۇڭ دېگەن ئىسىمنى قويۇۋالدىم، ــــ دېدى ئۇ جاۋابەن. ئۇنىڭ تەلەپپۇزى غەلىتىرەك ئىدى، ئۇنىڭ چاڭچىلىكەشلەردەك سېرىق قالپاق كىيىۋالسا ۋە گىرىم قىلىۋالسا قانداق قىياپەتكە كىرىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىغىنىمدا، مېنى ئىختىيارىسىز كۈلكە قىستايتتى. www.iz.la
   ئايروپورتتىن چىقىپلا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىردۇق، ئەتراپ قاراڭغۇ ئىدى. ۋۇ سۇڭ ئارىمىزدىكى ئارىلىقنى تېزدىن قىسقارتىش ئۈچۈن، بىزگە زور ئىشتىياق بىلەن «تاماق تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش» دېگەن سۆز ئويۇنىنى ئويناپ بېرىۋاتاتتى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   ــــ قاراڭلار، دېڭىز! ــــ چېن شۆمېينىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ، كاللام سەگەكلىشىپ قالدى. كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام، قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئاپپاق دېڭىز دولقۇنلىرى كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى. مانا بۇ تۈركىيەدىكى ئىچكى دېڭىز − مەرمەر دېڭىزى ئىدى. www.iz.la
   مەرمەر دېڭىزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 71 كېلومېتىر، ئەڭ تار يېرى 1.3 كېلومتېىر، ئەڭ كەڭ يېرى 7.5 كېلومتىر، ئەڭ تېيىز يېرى 53 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 103  مېتىر ئىدى. ئۇ دېڭىز دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدىكى مىچىگان كۆلىچىلىك كەلمەيتتى، لېكىن ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم ئىدى: جەنۇب تەرىپى ھەربىي قوماندانلار تالىشىدىغان چاناق قەلئە بوغۇزى، شىمال تەرىپى ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئايرىپ تۇرىدىغان پوسفور بوغۇزى ئىدى؛ ئۇنىڭ بىر تەرىپى قارا دېڭىزغا، يەنە بىر تەرىپى ئېگېي دېڭىزىغا تۇتاشقان بولۇپ، قارا دېڭىزدىن ئوتتۇرا دېڭىزغا بېرىشتا چوقۇم ئۆتىدىغان يەر ئىدى. بۇ «مۇھىم يول»دا تۈركىيە، ياۋروپا، ئوتتۇرا دېڭىز ياكى يۇنان، شەرقىي رىم، ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسى، شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنياغا ئالاقىدار نۇرغۇن ۋەقە يۈز بەرگەنىدى. بۇ ۋەقەلەردە ئىمپېرىيە، ھوقۇق، شەرەپ، بايلىق، مۇھەببەت ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا تارىختىكى داڭلىق شەخسلەر چېتىلاتتى.
ئىز تورى بەك ياخشى

   «مېرسېدېس» ماركىلىق پىكاپ مەرمەر دېڭىزى ساھىلىنى بويلاپ ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتى. دېڭىز ساھىلى بويىدىكى ئۇزۇن كەتكەن يوللاردا چىراغلار چاقناپ، نۇرى دېڭىزنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى، قەدىمدىن ھازىرغىچە نۇرغۇن ئىشلار خۇددى دېڭىز بۇژغۇنلىرىدەك، يۈرەك تارىمنى چېكەتتى.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

   ــــ سول تەرەپكە قاراڭلار، ئۇ بىزنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ بۈيۈك سېپىلى، بىز ئۇنى «تېئودوسى سېپىلى» دەپ ئاتايمىز، ــــ دېدى ۋۇ سۇڭ چىراغ نۇرىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان سېپىلنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ پەخىرلەنگەن ھالدا.
ئىز تورى www.iz.la

   بۇ غايەت زور تەبىئىي گىرانىت تاشتا قوپۇرۇلغان سېپىل جۇڭگودىكى خىشتا ياسالغان سېپىللارغا ئوخشىمايتتى؛ بۇ سېپىل تاشلىرى سېمونتسىمان نەرسىلەر بىلەن چاپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى مايالار ۋە ئىنكالارنىڭ پۈتۈنلەي تاشنى جىپسىلاشتۇرۇپ قوپۇرغان سېپىللىرىغىمۇ ئوخشىمايتتى. تېئودوسى سېپىلى سەددىچىندەك ھەيۋەتلىك بولمىسىمۇ، ئىنتايىن مۇستەھكەم، ئەمەلىي ئۈنۈمى بەكلا ياخشى ئىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   بىز كېچىدە يول يۈرگەچكە، مەن سېپىلنىڭ قىياپىتىنى تولۇق كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىدىم.
   ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، بۇ سېپىلنىڭ 96 مۇنارى، 300 نەچچە راۋىقى ۋە قورغىنى بار ئىكەن، مۇنارلار سېپىلدىن بەش مېتىردەك بۆرتۈپ چىققان، مۇنارلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى 60 نەچچە مېتىر بولۇپ، ئوت ئېچىپ قوللاش جەھەتتە كۈچلۈك سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەنىكەن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   بۇ ھەقىقەتەن مۇستەھكەم سېپىل ئىدى. بۇ سېپىلنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغىنىغا مىڭ يىلدىن ئاشقان بولۇپ، كونستانتىنوپول قەلئەسىنى، يەنى شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ «يۈرەك»ىنى قوغداپ، مىڭ يىللىق ئىمپېرىيەنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانىدى. بۇ سېپىل بۇ مىڭ يىلدا نۇرغۇن ئىستېلاچىلارنى توسۇپ قالدى. ئەھلىسەلىپ قوشۇنلىرى 1204 - يىلى 4 - قېتىم شەرققە يۈرۈش قىلغاندا، بۇ سېپىلدىن بۆسۈپ ئۆتكەندىن باشقا، ئوسمان تۈركلىرى ھۇنلارنىڭ توپ ئوقلىرىدىن پايدىلىنىپ بۇ سېپىلنى بومباردىمان قىلماستا، ئۇنىڭدىن ھېچكىم بۆسۈپ ئۆتۈپ باقمىغانىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
   بىر ئىمپېرىيەنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بۇ سېپىل 5 - ئەسىردىكى تېئودوسىⅡنىڭ ئىجادىيىتى ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ بۇ پادىشاھى ئىنتايىن مۇلايىم بولۇپ، دۆلەتنى ئەلەمگە ئەمەس، مەدەنىيلىككە تايىنىپ باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەربىي ئىشلاردا مۇداپىئەنى تەشەببۇس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بۇ تەشەببۇسى شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى ئىزچىللىققا ئىگە ئۇسلۇبى بولۇپلا قالماي، يەنە مىڭ يىللىق تارىخىقا ئىگە مۆجىزە ــــ تېئودوسى سېپىلىنىمۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
   تېئودوسى سېپىلىنىڭ مىڭ يىل ئۆتۈپمۇ يەنە قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن ماتېرىيال ۋە بىناكارلىق ھۈنەر - سەنئىتىدىن باشقا، مۇھىمى ئۇنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە لايىھەسىدىن ئىبارەت. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
   كونستانتىنوپولنى ياۋروپا تارىخىدىكى مەشھۇر ئىمپېراتور كونستانتىن (مىلادىيە 306- يىلىدىن 337 - يىلىغىچە) ئورنىنى ئۆزى تاللاپ بىنا قىلدۇرغانىدى. يۇگوسلاۋىيە (سېربىيە) دىكى نىشتا تۇغۇلغان بۇ ئەسكەر  مىلادىيە 306 - يىلى بېرىتانىيە (ئەنگلىيە)دە ئاۋگۇست (Augustus، لاتىنچە «ئەل بېشى» ياكى «پادىشاھ» مەنىلىرىدە − قەدىمكى رىملىقلا ئۇنى پادىشاھ مەنىسىدە قوللانغان) لۇققا كۆرسىتىلگەن. ئاۋگۇست مىلادىيە 324 - يىلى تەخت تالىشىشتا بارلىق رەقىبلىرىنى يېڭىپ، رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى بولغان. ئۇ رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەسلىي پايتەختىنى ياقتۇرماي، پايتەختنى يېڭى ئورۇندا بىنا قىلىشنى قارار قىلىپ، ئوتتۇرا دېڭىزنى بىر ئايلىنىپ، ئاخىر يۇناندىكى نامى چىقمىغان ۋىزانتىيەنى يېڭى پايتەختنىڭ ئورنى قىلىپ تاللىغان.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


   ئىمپېراتور كونستانتىن مىلادىيە 324 - يىلى يېڭى پايتەخت قۇرۇشقا ھەم مەخسۇس مەكتەپ ئېچىپ بىناكارلارنى تەربىيەلەشكە پەرمان چۈشۈرگەن، ھەتتا يەرلەرنى ئۆزى ئاتلىق ئۆلچەپ، شەھەر پاسىلىنى بېكىتكەن. بەش يىل كۆڭۈل قويۇپ قۇرۇلۇش قىلىش بىلەن، پوسفور بوغۇزىدىكى ۋىزانتىيەنىڭ ئورنىدا ھەيۋەتلىك، كاتتا بىر شەھەر قەد كۆتۈرگەن. ئىمپېراتور كونستانتىن مىلادىيە 330 - يىلى 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى يېڭى پايتەختنى بېكىتكەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىغان ھەمدە ئۇنىڭغا «يېڭى رىم» Nova Roma)  ) دەپ نام بەرگەن. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
   بۇ يېڭى شەھەر پوسفور بوغۇزىنىڭ غەربىدىكى تۆپىلىكتە بولۇپ، جەنۇبى مەرمەر  دېڭىزى بىلەن، شىمالى ئالتۇن بوغۇز بىلەن، شەرقى چاناق قەلئە بوغۇزى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەرب تەرەپتە تىراكيا تۈزلەڭلىكى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، يەنە دۇنيادا تەڭدىشى يوق تېئودوسى سېپىلىمۇ بار. ئەسكەرلىكتىن كېلىپ چىققان بۇ ئىمپېراتورنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىسپاتلاندى. بۇ قورۇل مۇداپىئەلىنىشكە قولايلىق بولۇپ، ئۇنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىش تەس ئىدى. شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى مىلادىيە 330 - يىلى پايتەختنى كۆچۈردى، مىلادىيە 395 - يىلى شەرقىي، غەربىي رىم ئىمپېرىيەلىرى رەسمىي ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى؛ مىلادىيە 476 - يىلى غەربىي رىم ئىمپېرىيەسى مۇنقەرز بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى ۋىزانتىيەدىن ئىبارەت بۇ گۆھەر زېمىندا رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ «چىراغ»ىنى تاكى 1453 - يىلى ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسى ئۆچۈرگۈچە مىڭ يىلدىن ئارتۇق ياندۇردى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


   ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسىنىڭ توپ ئوقلىرى تېئودوسى سېپىلىنى تېشىپ ئۆتتى، شۇنىڭ بىلەن مىڭ يىللىق ئىمپېرىيەمۇ غۇلاپ چۈشتى. تارىخقا باھا بېرىش تارىخشۇناسلارنىڭ ئىشى، بىر شەھەردە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىمارەتنى كۆرۈش قانداقلا بولسۇن، ساياھەتچىنىڭ ئامىتىدۇر. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرقى كۈنى كېچىسى خان جەمەتىدىكىلەر كېمىگە ئولتۇرۇپ قېچىپ كەتكەنىكەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالتۇن، ئۈنچە - مەرۋايىت، قىممەتلىك يازما يادىكارلىقلار، تارىخىي ماتېرىياللار، سەنئەت بۇيۇملىرى ھەمدە يۇنان، رىمنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيەسىنىڭ، مەسىلەن، ئەپلاتون، ئارىستوتېللار ئىدىيەسىنىڭ جەۋھەرلىرى يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئېلىپ كەتكەنىكەن. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، يۇنان، رىملىقلارنىڭ بۇ شانلىق ئىدىيەسى ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپالىقلارنىڭ كاتولىك دىنى ھاكىمىيىتىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشىدىكى بىۋاسىتە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىپ، ئادىمىيلىك ئىلاھىيلاشتۇرۇشتىن غالىب كېلىپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش ۋە دىن ئىسلاھاتىنى قوزغىغان، شۇنىڭدىن كېيىن جۇغراپىيەلىك بايقاش ۋە سانائەت ئىنقىلابى ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىپ، ئىنسانلار ئاخىر زامانىۋى مەدەنىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلىگەنىكەن. ئىز تورى www.iz.la
   ئىنسانلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتى پۈتۈلگەن بىر شەھەرنىڭ ئىشغال قىلىنىشى ئوتتۇرا ئەسىر ياۋروپا مەدەنىيىتىگە پىلتە بولدى. بۇنى ئويلىساق، تارىخ بىزگە چاقچاق قىلىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ... ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
    پىكاپ سېپىلنى بويلاپ ئىلگىرىلىمەكتە، يولدا بارغانچە قىستاڭچىلىق بولماقتا ئىدى. يول بويىدا گۈل ساتقۇچىلار پىكاپنىڭ دېرىزىسىنى چېكىپ، بىزدىن گۈل ئالىدىغان - ئالمايدىغانلىقىمىزنى سورىدى. شەھەر ئىچىگە كىردۇق، سېپىلدا نەچچە ئون مېتىردا بىردىن رەسىم بار بولۇپ، چىراغ نۇرىدا ئىنتايىن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ۋۇ سۇڭ بۇ رەسىملەردىكى ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاتاتۈرك − مۇستاپا كامال ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   مۇستاپا كامالنىڭ تۈركىيەدىكى ئورنى سۇن جۇڭشەن  + ماۋ زېدۇڭنىڭ جۇڭگودىكى ئورنىغا ئوخشاپ قالىدىكەن. 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جۇڭگودا چىڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇۋەتكەن «شىنخەي ئىنقىلابى» پارتلاپ ئۇزاق ئۆتمەي، يىراق غەربىي ئاسىيادىمۇ خاراكتېرى ئوخشاش بىر قېتىملىق ئىنقىلاب بولغان. بۇ، مۇستاپا كامال قوزغىغان ھەم رەھبەرلىك قىلغان چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسىنىڭ فېئودال ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەش ئىدى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
   مۇستاپا كامال تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، شۇنداقلا تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 51 يىلدا تۈركىيەنى زامانىۋى دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرىدىغان دەھرىيلىشىش ئىنقىلابىنى قوزغىغان. ئۇ تۈركىيەنى زامانىۋى دۆلەتكە ئۆزگەرتىشنى نىيەت قىلغان ھەمدە ياۋروپالىقلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئەندىزىسى بويىچە تەلتۆكۈس ئۆزگەرتكەن:ئىلاھىي ھوقۇقلۇق مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئورنىغا دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ئورناتقان؛ ئىسلام ئەنئەنىسىنى دەھرىيلىككە ئالماشتۇرغان؛ تېرىقچىلىق ئىگىلىكى ئاساس قىلىنغان جەمئىيەتنى شەھەر ۋە سودا - سانائەت ئاساس قىلىنغان جەمئىيەتكە ئايلاندۇرغان؛ ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئېلىپبەنى لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى ئېلىپبەگە ئالماشتۇرغان ھەمدە كىشىلەرنى غەربلىكلەرنىڭ تۇرمۇش شەكلى ۋە كىيىنىش ئادىتىنى قوبۇل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
   مۇستاپا كامالنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئادەمنى ھەيران قالدۇراتتى. ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسى ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەركىزى بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن. بۇ ھەرىكەتلەر مۇقەررەر باشقا ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق كونا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. لېكىن، ئەسكەرلىكتىن كېلىپ چىققان، پولاتتەك ئىرادىلىك بۇ داھىي ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسى بىلەن چەك - چېگرانى قەتئىي ئايرىپ، ئۆزىنى غەرب دېموكراتىيەسىنىڭ قوينىغا ئاتقان. ئىز تورى www.iz.la
   مۇستاپا كامالنىڭ پۈتۈنلەي غەربلەشتۈرۈش سىياسىتى يېڭىدىن قۇرۇلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى زامانىۋى، مۇستەقىل دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇپ، ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنىڭ كىشىلەر تۇرمۇشىدىكى تەسىرىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاتقان. «ئىستانبۇل − بىر شەھەرنىڭ ئەسلىمىسى»دە ئورخان پامۇك مۇنداق يازىدۇ: «غەربلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولسىمۇ، زاۋال تاپقان ئىمپېرىيەنىڭ ئاچچىق ئەسلىمىسىدىن قۇتۇلۇشقا بەكرەك تەقەززا بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى، بۇ سۆيگىنىدىن ئايرىلغان كىشىنىڭ سۆيگىنىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى ۋە رەسىملىرىنى تاشلىۋەتكىنىگە بەكرەك ئوخشايتتى».
ئىز تورى www.iz.la

   جۇڭگولۇقلاردىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش تۇيغۇ بار. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدا ھازىر ئىلىم - پەن ساھەسىدىكىلەر «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى 10 يىلى (1988 - يىلى)نىڭ ئالدى - كەينى» دەپ ئېنىقلىما بەرگەن مەزگىللەردە، جۇڭگولۇقلار ئىسلاھاتنىڭ «تولغىقى» ۋە جەمئىيەتنىڭ بۇرىلىش دەۋرىدىكى ئۈمىدسىزلىكنى ھېس قىلغانىدى. كونا ئىدىيە، كونا مەدەنىيەت پۈتۈنلەي تەنقىد قىلىنغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار يېڭى قىممەت قارىشى بەرپا قىلىشقا تەقەززا بولدى، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا غەربنىڭ قىممەت قارىشى ۋە تۇرمۇش شەكلى ئېچىۋېتىلگەن ئىشىكتىن قىياندەك بېسىپ كىردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى مىسلىسىز يىمىرىلىش ۋە گۇماننى قوزغاش مەزگىلىگە قەدەم قويدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن ئۆسۈپ يېتىلگەن ياش بىر ئەۋلاد نىسبەتەن ئەركىن - ئازادە جەمئىيەتتە ياشاپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايلا قالماي، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»مۇ ئۇلاردا غۇۋا ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. ئۇلار ئەسلىدىلا تارىخنى بىلمەيدىغانلار بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن قىياندەك بېسىپ كىرگەن غەرب مەدەنىيىتى ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە مەنىۋى ئوزۇقىغا ئايلىنىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىكى سىياسىيلاشقان ئىدىيولوگىيە سىستېمىسى ئۈنۈمىنى يوقىتىپ، مەدەنىيەتتە زور بۇرىلىش بولدى. بۇ ۋاقىتتىكى يېتەكچى مەدەنىيەت ئەنئەنىدىن يۈز ئۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا بولسىمۇ، كۆڭۈلدىكىدەك يېڭى تەۋەلىك ۋە مەنىۋى ئاساسىنى تاپالمىغانىدى.

ئىز تورى بەك ياخشى


   ئورخان پامۇكنىڭ دەۋرداشلىرىمۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تەربىيەسى كەمتۈك بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن. پۈتۈنلەي غەربلىشىش ئۇلارنى ئۆتمۈشتىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالدۇرغان ياكى گاڭگىراتقان. كونا مەدەنىيەت ھەقىقەتەن ناچارمۇ؟ غەربلەشكەن تۈركىيە ياۋروپادا مىللىي غۇرۇر ۋە دىنىي ئاڭلىقلىقنى نېمىگە تايىنىپ تىكلەيدۇ؟... بۇ، ئورخان پامۇك ئىزچىل ئويلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئىدى. ئورخان پامۇك مۇشۇ مەسىلىلەر بىلەن تۈركىيەنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   بۈگۈنكى تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا پائال يېقىنلىشىۋاتىدۇ، لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەرمىنىيە مەسىلىسىدىكى ئىختىلابى تۈپەيلىدىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇنى ئىزچىل ئەزالىققا قوبۇل قىلماي كەلدى. ئاسىيادا بولۇشتەك سالاھىيەت تۈركىيە مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى بولسىمۇ، ھازىرقى تۈركىيەلىكلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى غەربلىشىش بۇ ئاساسىي مەدەنىيەتنى سۇسلاشتۇرۇۋەتكەن.
ئىز تورى www.iz.la

   ھەر خىل نەرسىلەرنى ئويلاۋاتقىنىمدا، پىكاپ مېھمانخانىغا كېلىپ قالدى، بىر كۈنلۈك سەپەر ئازابىدىن خالاس بولىدىغان يەرگە ئاخىر يېتىپ كەلدۇق. مەن ئەتىدىن باشلىنىدىغان، ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ساياھەتنى ئويلاپ، ئۇيان - بۇيان ئۆرۈلۈپ، ئاستا - ئاستا ئۇيقۇغا كەتتىم.

ئىز تورى بەك ياخشى


   
      ئاياسوفىيە مۇزېيىدىكى ئەسلىمە               بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

   بىر كېچە تىنچ ئۇخلىدىم. كۈن چىققاندا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، دېرىزە  پەردىسىنى ئېچىپ، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي: »ئەجەب ئوبدان كۈن بوپتۇ!« دەۋەتتىم. ئىز تورى بەك ياخشى
   مانا بۇ، ھەقىقىي ئوچۇق ئاسمان ئىدى، كۈن نۇرى قاراڭغۇلۇقنى قوغلىۋەتكەن، پۈتۈن شەھەر ئويغانغانىدى، پوسفور بوغۇزىدىكى پاراخوتلارنىڭ گۈدۈك ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئىستانبۇل كۆز ئالدىمدا ئىستېرېئولۇق ھالەتتە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بىز چۈشكەن مېھمانخانا تۈركىيەنىڭ ياۋروپا قىسمىدا بولۇپ، دېرىزىدىن «گالاتا كۆۋرۈكى»دە كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللار، كوچىلاردىكى يەرلىك ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەرنى كۆرگىلى بولاتتى، مەن بىردىنلا روھلىنىپ قالدىم.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   سائەت ئاران سەككىز بوپتۇ. 3 - قەۋەتتىكى ئوچۇقچىلىقتا ناشتا قىلدىم، يان تەرەپتە قامەتلىك بىر يىگىت سۇ ئۈزۈش كۆلىنى تازىلاۋاتاتتى. بەلكىم كىشىلەرنىڭ نازۇنېمەتلەرنى تېتىغاچ، ئەتراپتىكى مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، سۇ ئۈزۈش كۆلى بىلەن ئاشخانا بىر قەۋەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن. رەڭلىك كۆزئەينەك تاقىۋالغان بۇ قامەتلىك يىگىت ناشتىلىقىمدىكى تاماشا ئوبيېكتىم بولدى. ئۇزاق ئۆتمەي سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىۋالغان ساياھەتچىلەر كۆل ئەتراپىدا بەدەن قىزىتىشقا باشلىدى، يېنىمدىكى شىرەدىكى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ بۇرىلىپ قاراشلىرىدىن كاللامغا ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقى كېلىپ، كۈلگۈم كەلدى. جۇڭگولۇق ئاياللار ياۋروپالىقلارنىڭ سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىۋالغاندىكى قامىتىنى كۆرۈپ ھەسەت قىلىشىدۇ. بىزدەك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن تۇغۇلغانلارغا غەرب مەدەنىيىتى قىلچە غەلىتە تۇيۇلمىدى، سۇ ئۈزۈش كىيىمى، قىسقا يوپكىلار ئادەتتىكى نەرسىلەر ئىدى. www.iz.la
   دەل سائەت 10:00دا بىز ۋۇ سۇڭ بىلەن مېھمانخانىنىڭ دەرۋازىسىدا ئۇچراشتۇق. بىز «مېرسېدېس» ماركىلىق پىكاپتا بۈگۈنكى ساياھىتىمىزنىڭ 1 - بېكىتى، كونا شەھەر رايونىدىكى سۇلتان ئەھمەد مەيدانىدىكى توپقاپى سارىيىغا قاراپ يول ئالدۇق.

www.iz.la


   ساياھەت ئاپتوبۇسلىرى ئىستانبۇلغا تۇنجى كەلگەن كۆپ ساندىكى ساياھەتچىنى ئىستانبۇلنىڭ ياۋروپا قىسمىدىكى پوسفور بوغۇزىنىڭ جەنۇبىدىكى «سۇلتان ئەھمەد مەيدانى»غا ئېلىپ باراتتى. بۇ يەر رىم ئىمپېرىيەسى ۋە ۋىزانتىيە دەۋرىدىكى كونستانتىنوپولنىڭ مەركىزى بولۇپ، سۇلتان ئەھمەد مەسچىتى، ئاياسوفىيە مۇزېيى، توپقاپى سارىيى، يەر ئاستى سۇ ئوردىسى قاتارلىق ئىستانبۇلدىكى نامايەندە خاراكتېرلىك سەيلىگاھلار مەيداننىڭ ئەتراپىدا ئىدى. سۇلتان ئەھمەد مەيدانىنىڭ تۇتقان ئورنى پارىژدىكى كونكورد مەيدانى ۋە بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىغا ئوخشايتتى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   سۇلتان ئەھمەد مەيدانى رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە بەيگە مەيدانى بولۇپ، ئۇنى رىملىقلار كونستانتىنوپولنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئىمپېراتور سېپتىمۇس سېۋېرۇس مىلادىيە 293 - يىلى سالدۇرغانىدى. ئىمپېراتور كونستانتىن ۋىزانتىيە دەۋرىدە كېڭەيتىپ سالغان. ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسى باش كۆتۈرگەن مەزگىللەردە، بۇ يەر تەبىئىيلا ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسى خان جەمەتىنىڭ تۇرار جايىغا ئايلانغان... ئىز تورى www.iz.la
   مېھمانخانىدىن چىقىپ، شەھەرنىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرىدىن ئۆتۈپ، ناھايىتى تېزلا دېڭىز بويىغا باردۇق، كۆپكۆك مەرمەر دېڭىزى ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. ئاخشام كۆرگەن سېپىلنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ، سۇلتان ئەھمەد مەيدانىنىڭ يول كۆرسەتكۈچىنى كۆردۇق. ئوڭغا بۇرىلىپ ماڭدۇق، يول بارغانسېرى تارايماقتا ئىدى، يول بويىدىكى دۇكانلار ئىنتايىن چىرايلىق كۆرۈنەتتى. پىكاپ توختىماي دۆڭگە قاراپ مېڭىپ، ئاخىر بىر تۈزلەڭلىكتە توختىدى. ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىشىپ تۇرغان ساياھەتچىلەر ۋە يول بويىدا توختاپ كەتكەن ئاپتوبۇسلاردىن بىز مەنزىلگە يەتكەنلىكىمىزنى بىلدۇق.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   سۇلتان ئەھمەد مەيدانىدىن غەربكە قارىغاندا، ئارىلىقى100  مېتىرمۇ كەلمەيدىغان يەردە بىر قەدىمىي ئىمارەت كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ «ئاياسوفىيە مۇزېيى» بولۇپ، ئۇنىڭ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ھالىتىگە قاراپ، ئادەمنىڭ ھۆرمىتى قوزغىلاتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   كۆپ ساندىكى ساياھەتچى ئىستانبۇلغا ئاياسوفىيە مۇزېيىنى دەپ كېلىدۇ. بۇنىڭ مۇنداق ئىككى سەۋەبى بار: بىرسى، ئۇنىڭ تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن، ئۇ مىلادىيە 4 - ئەسىردىكى ۋىزانتىيە دەۋرىدە سېلىنغان بولۇپ، 1600 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، ئۇ ۋىزانتىيە دەۋرىدىكى نامايەندە خاراكتېرلىك داڭلىق ئىمارەتلەرنىڭ بىرسى؛ يەنە بىرسى، ئاياسوفىيە ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە مەسچىتكە، مۇستاپا كامال ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋرلەردە مۇزېيغا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ يەردە، خىرىستىيان مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتى كىرىشىپ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇراتتى. ئىز تورى بەك ياخشى
   ئاياسوفىيەنى ئىمپېراتور كونستانتىن ئەقىل - پاراسەت ئىلاھى سوفىيەگە ئاتاپ، مىلادىيە 325 - يىلى سالدۇرغانىدى. كونستانتىن − رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان تۇنجى ئىمپېراتور بولۇپ، ئۇ خىرىستىيان دىنىنىڭ ياۋروپادا تەرەققىي قىلىشىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەنىدى. يەكشەنبىنى ئىبادەت كۈنى قىلىشمۇ ئۇنىڭ «مىلان پەرمانى»دىكى بىر مەزمۇندىن بولغان. پەرمان بىلەن خىرىستىيان دىنى قانۇنلۇق، ئەركىن دىنغا ئايلانغان، ئاياسوفىيەمۇ شۇنىڭ مەھسۇلى ئىدى. ئاياسوفىيە كېيىن يەر تەۋرەش ۋە ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقلىرى تۈپەيلىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاچقا، كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغان، ئاخىرىدا ئىمپېراتور جۇستىنى تولۇق بىر قېتىم رېمونت قىلدۇرغان. ئىمپېراتور جۇستىنى مىلادىيە  523 - يىلى شۇ ۋاقىتلاردىكى داڭلىق ئىككى بىناكارنى لايىھەلەش ۋە قۇرۇلۇش قىلىشقا مەسئۇل قىلغان. ئۇ ھوقۇقى ئارقىلىق قۇرۇلۇش لازىمەتلىكلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە پۈتۈن ئىمپېرىيەدىكى ئۇستا تاشچىلار ۋە تامچىلارنى يىغقان ھەمدە ھەرقايسى جايدىن ئېسىل تاش ماتېرىياللىرىنى ئەكەلتۈرگەن. ئېفېستىكى دىياننا ئىبادەتخانىسىدىن قىزىل گىرانىت تۈۋرۈكنى، باشقا يەرلەردىن زور مىقداردا ھەر خىل رەڭدىكى مەرمەر تاشنى يۆتكەپ كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتا 100دىن ئارتۇق بىناكار ۋە 10 مىڭدىن ئارتۇق مەدىكار بەش يىل 11 ئاي 10 كۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەپ، مىلادىيە 537 - يىلى بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزگەن.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


   ئوسمان تۈركلىرىنىڭ سۇلتانى مۇھەممەد مىلادىيە 1453- - يىلى 6 - ئايدا كونستانتىنوپولغا بېسىپ كىرىپ، ئۇزاقتىن بېرى كۆرۈشكە تەشنا بولغان ئاياسوفىيەگە كىرگەن. ئۇ ئاياسوفىيەدىكى ۋىزانتىيە تام رەسىملىرىگە لاي سۇۋىتىۋەتكەن، خىرىستىيان دىنى ھەيكەللىرىنى چىقىرىۋەتكەن ھەمدە ئۇنى مەسچىتكە ئۆزگەرتىپ، ئەتراپىغا ئېگىز تۆت مۇنار سالدۇرغان... بۇ دەل بىز ھازىر كۆرۈپ تۇرغان ئاياسوفىيە مۇزېيىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى ئىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   مۇزېيغا كىرگىنىمىزدە، ئۇنىڭدىكى ئالتۇن رەڭ نۇرلار كۆزىمىزنى چاقنىتىۋەتتى. مۇزېينىڭ تەكشىلىكتىكى يۈزى يۇنانچە كىرېست شەكلىدە ئىدى، ئۇنىڭدىكى ھەقىقىي ئىجادىيەت غايەت زور قۇببىدە ئىپادىلەنگەن بولۇپ، بىرمۇ تۈۋرۈك ئىشلىتىلمەي، ئەگمە ئىشىك، غوجىتام، كىچىك قۇببىلەر ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى چاچقان ھەمدە بۇلار ئارقىلىق بوشلۇق تېخىمۇ چوڭايتىلغانىدى. 17 - ئەسىرگىچە (سان پېتىر چېركاۋى پۈتۈشتىن بۇرۇن) ئۇ ئىزچىل دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ چېركاۋ بولۇپ كەلدى. ئاياسوفىيەنىڭ قۇببىسىدىكى ئىلاھلار رەسىمىگە قارىغاندا، ئادەم ئۇنىڭدا شەكىللەنگەن بوشلۇقتىن ئۆزىنى كىچىكلەپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلەتتى.
ئىز تورى www.iz.la

   چېركاۋ بىناكارلىقى غەرب بىناكارلىق تارىخىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. مەن ئەنگلىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە، ۋېستمىنستېر چېركاۋىنى، كېيىن پارىژدا سان تىرىنىتى چېركاۋى، كانادانىڭ ئوتتاۋادىكى بۈۋى مەريەم كاتولىك دىنى چېركاۋى ۋە مولدوۋادىكى دۆلەتلىك چېركاۋنى كۆرگەنىدىم. چېركاۋ قۇرۇلۇشلىرىدا بوشلۇق تۇيغۇسىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلەتتى، ئۇنىڭدا ئىلاھىي دۇنيا تەقلىد قىلىنىپ، ئادەم ئازادە قۇرۇلمىدا ئىلاھ ۋە گۈزەللىكنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، غايەت زور بوشلۇقتىكى خاتىرجەملىكنى ھېس قىلاتتى. ئەلۋەتتە، بۇنداق ئۈنۈمنى بوشلۇق تۇيغۇسى بىلەنلا شەكىللەندۈرگىلى بولمايدىغان بولۇپ، يورۇقلۇقمۇ كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىل ئىدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   ئاياسوفىيەنى ئالساق، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يورۇقلۇق مەنبەسى ئىنتايىن ئاز، شۇنداقلا ئىنتايىن يۇقىرىغا ئورنىتىلغان دېرىزىلەر ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئورۇندا ئېچىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىچى غۇۋا كۆرۈنەتتى، پەقەت قۇببىدىكى بۈۋى مەريەم ئەيسا پەيغەمبەرنى كۆتۈرۈۋالغان رەسىم ۋە ئەرەبچە خەتلەر ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   ئاياسوفىيەنىڭ ئىچىدىكى ئەرەبچە خەتلەر مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ناملىرى ئىدى. رىم مەدەنىيىتى ۋە ئوسمان تۈركلىرى مەدەنىيىتى ئارقا - ئارقىدىن بويسۇندۇرغان بۇ ئىمارەتتە بۈۋى مەريەم، ئەيسا پەيغەمبەر ۋە مۇھەممەد پەيغەمبەرلەر تىنچ «بىللە تۇرۇۋاتاتتى»، بۇ ئاياسوفىيەنىڭ ئادەمگە ئەڭ تەسىر قىلىدىغان يېرى بولۇپ، كىشىلەرگە ئوخشىمىغان دىن، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلىنى نامايان قىلىپ بېرەتتى. بۇنداق تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كەڭ قورساقلىقنى ئىپادىلەپ، دىننىڭ ئوخشىماسلىقىدىن كېلىپ چىققان قانلىق جەڭ پۇرىقىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئوخشىمىغان ئېتىقادتىكى كىشىلەرنى يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ھاياجانغا سالاتتى، ئاياسوفىيەنى يۈكسەكلىككە ئىگە قىلاتتى.
ئىز تورى www.iz.la

   ئاتاتۈرك مۇستاپا كامال 1932 - يىلى ئاياسوفىيە چىركاۋىدىن ئۆزگەرتىلگەن ئاياسوفىيە مەسچىتىنى مۇزېيغا ئۆزگەرتكەن. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى بىلەن بېسىلىپ قالغىنىغا 500 يىلدەك بولغان ۋىزانتىيەنىڭ ئەينەك بىلەن چىقىرىلغان موزايكىلىرى يورۇقلۇققا ئېرىشكەن، قۇببىدىكى بۈۋى مەريەم ئەيسا پەيغەمبەرنى كۆتۈرۈۋالغان رەسىممۇ ئەينەك بىلەن چىقىرىلغان موزايكىلارنىڭ بىرسى ئىدى. يېرىم شارسىمان قۇببىدە بۈۋى مەريەم ئالدىغا سەل ئېڭىشكەن بولۇپ، ھەر ۋاقىت پانىي دۇنياغا چۈشىدىغاندەك ئىنتايىن جانلىق كۆرۈنەتتى. بۇ، 10 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىشلەنگەن ئەسەر ئىدى. بۇ رەسىمنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكىسى ئىمپېراتور كونستانتىننىڭ بۈۋى مەريەمگە كونستانتىنوپولنى تەقدىم قىلىۋاتقان رەسىمى، سول تەرىپىدىكىسى ئىمپېراتور جۇستىنىنىڭ بۈۋى مەريەمگە ئاياسوفىيەنى تەقدىم قىلىۋاتقان رەسىمى ئىدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   ئاياسوفىيەنىڭ ئىچىدە ئىككى تەرەپتىكى پەلەمپەيلەردىن ئۈستىگە چىققاندا، ئەينەك بىلەن چىقىرىلغان نۇرغۇن موزايكىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەسلىي ئەسەر، بەزىلىرى تەقلىدىي ئەسەرلەر ئىدى. بۇ موزايكىلارنىڭ ئەتراپىغا ئالتۇن رەڭدە ھەل بېرىلگەن ئەرەبچە خەتلەر ئېسىلغان بولۇپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. ساياھەتچىلەر ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىشىپ، ئالدىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، لېكىن ئۇلار مەندىكى تىنچ كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتەلمىدى. ۋاقىت بۇ يەردە توختاپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى، پەقەت تارىخنىڭ چاقىلا غىچىرلىغاندەك ئاۋاز چىقىراتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   ئوسمان تۈركلىرى ئىمپېرىيەسى رىم مەدەنىيىتىنى بويسۇندۇرۇش بىلەن بىللە، بۇ مەدەنىيەتكە مەپتۇن بولدى. مەدەنىيەت ئەزەلدىن يەككە ئامىلدىن تەركىب تاپقان ئەمەس، ئۇ رەڭدار بولىدۇ. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
   1 - قەۋەتتىكى چوڭ زالدىكى غايەت زور مەرمەرتاش تۈۋرۈك ئالدىدا كىشىلەر ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتكەنىدى. ۋۇ سۇڭ بىزگە ئۇلارنىڭ «يىغلايدىغان تاش تۈۋرۈك» ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، باشمالتاقنى تۈۋرۈكتىكى نەم كامارغا تىقىپ، پۇتنى مىدىرلاتماي ئالىقاننى تەكشىلىكتە 360 گىرادۇس ئايلاندۇرالىغان ئادەمنىڭ تىلىكى ئەمەلگە ئاشىدىكەن. ئىز تورى www.iz.la
   مەنمۇ بۇ مۇقەددەس نەرسىگە بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۆچىرەتتە تۇردۇم. نۆۋەت ماڭا كەلگەندە، مەن ۋۇ سۇڭنىڭ سۈرەت تارتىشى ئۈچۈن ھەر خىل قىياپەتتە تۇرۇپ بېرىش بىلەن بولۇپ، تىلەك تىلەشنى ئۇنتۇپلا كېتىپتىمەن. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
   بىز دائىم ساياھەتنىڭ دەسلەپكى مەقسىتىنى ئۇنتۇپ قالىمىز، بۇ، يول بويىدىكى مەنزىرىلەرنىڭ بەك گۈزەل بولغىنىدىنلا ئەمەس، بەزىدە كەچۈرمىشنىڭ ئۆزىنىڭمۇ بىر خىل مەقسەت بولغانلىقىدىن بولىدۇ.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 ئىستانبۇلغا كېلىپ 3 - كۈنى پوسفور بوغۇزىغا بېرىشقا ئاندىن مۇۋەپپەق بولدۇم. بۇ يەردە دېڭىز بوغۇزى ھەر ۋاقىت سىزنى قورشاپ تۇراتتى. ھەر كۈنى ئەتىگىنى پىكاپ بىلەن سۇلتان ئەھمەد مەيدانىغا ماڭغىنىمدا، پوسفور بوغۇزى، كۆپكۆك دېڭىز سۈيىگە تەكشى چۈشكەن قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرلىرى، ئىستانبۇللۇقلارنىڭ قىرغاقتا خاتىرجەم كېتىۋاتقان مەنزىرىسى مېنى جەلپ قىلاتتى. پوسفور بوغۇزى ئىستانبۇللۇقلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ھەر ۋاقىت كۆزگە چېلىقىدىغان دېكراتسىيەلىك كۆرۈنۈشنىڭ بىرسىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن ماڭا ئوخشاش ساياھەتچىلەرلا ھەيران قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
 پوسفور بوغۇزى قارا دېڭىزنىڭ بىردىنبىر ئېغىزى، شۇنداقلا قارا دېڭىز بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزنى تۇتاشتۇرىدىغان بىردىنبىر دېڭىز يولى بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئەزەلدىن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ كەلگەن. تارىختا رۇسىيە بىلەن تۈركىيە پوسفور بوغۇزىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى تالىشىپ كۆپ قېتىم ئۇرۇشقان. ئىز تورى بەك ياخشى
1936 - يىلى ئىمزالانغان «مونتېللو كېلىشىمى»دە، پوسفور  بوغۇزى تۈركىيە ھۆكۈمىتى باشقۇرىدىغان خەلقئارا دېڭىز قاتنىشى لىنىيەسى قىلىپ بېكىتىلگەن. ھازىر پوسفور بوغۇزىدىن يىلىغا 50 مىڭدەك يۈك پاراخوتى ۋە پوچتا پاراخوتى ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. ئۇ، دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئالدىراش ۋە ئەڭ خەتەرلىك دېڭىز يولى لىنىيەسىنىڭ بىرسى. ئەمما، ساياھەتچىلەرنىڭ نەزىرىدە بولسا بىباھا سۇ يولى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
 بىز ئولتۇرغان يولۇچىلار ساياھەت كېمىسى چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئون يېرىمدا پىرىستاننىڭ 3 - رايونىدىن قوزغالدى. كېمە پوسفور بوغۇزىنى جەنۇبتىن شىمالغا كېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرقى مەنزىل قارا دېڭىزغا باراتتى. دېڭىزدا شامال كۈچلۈك بولۇپ، ئاپتاپ ئادەمنى كۆيدۈرەتتى، شۇڭا مەن شىلەپەمنى كىيىۋالغانىدىم.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 كېمە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى، چايكىلار ئۇچۇشۇپ تۇراتتى. ئىستانبۇلدىن يىراقلاشقانسېرى، ئۇنىڭ ئومۇمىي كارتىنىسى كۆز ئالدىمدا روشەنلىشىشكە باشلىدى، كۆپكۆك دېڭىز سۈيى ئادەمنىڭ خىيال كەپتەرلىرىنى يىراق - يىراقلارغا پەرۋاز قىلدۇراتتى. دۆلىتى، ئىرقى ئوخشىمايدىغان ئەتراپىمدىكى ساياھەتچىلەر فوتو ئاپپاراتلىرىنى چىقىرىشىپ، سۈرەتكە چۈشمەكتە ئىدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


 «ئىستانبۇل − بىر شەھەرنىڭ ئەسلىمىسى»دە، ئورخان پامۇك ئۆزىنىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىكى پوسفور بوغۇزىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەنىدى: «كۈچلۈك دېڭىز دولقۇنى ساياھەتچىلەرنى ئالغا ئىتتىرەتتى، ئادەمنىڭ روھىنى كۆتۈرىدىغان دېڭىز ئاسمىنىنىڭ ھاۋاسى شەھەردىكى ئىس - تۈتەك ۋە ۋاراڭ - چۇرۇڭدىن خالىي ئىدى. كۈچلۈك دولقۇن پوسفور بوغۇزىدىن ئۆتۈپ تۇراتتى. دېڭىز بورىنى ۋە دېڭىز دولقۇنى دېڭىز يۈزىدە قەدەمدە بىر دولقۇن پەيدا قىلىپ تۇراتتى، بۇ دولقۇن دېڭىز سۈيىنى تەگسىز ھەم قاراڭغۇ قىلىپ كۆرسىتەتتى. مۇبادا سىز كېچىك كېمىسىدە بەلگىلەنگەن يۆنىلىش بويىچە ماڭسىڭىز، بىنا، داچىلارنى، بالكوندا سىزگە قاراپ چاي ئىچپ تۇرغان مومايلارنى؛ قىرغاقتىكى قەھۋەخانىلارنى، ئىچ كىيىم بىلەن سۇ ئۈزۈۋاتقان، ئاپتاپسىنىۋاتقان بالىلارنى، بېلىق تۇتۇۋاتقانلارنى، شەخسىي كېمىلىرىدە ۋاقىت ئۆتكۈزۈۋاتقانلارنى؛ دەرستىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتقان بالىلارنى، قاتناش قىستاڭچىلىقىدىن تۇرۇپ قالغان ئاپتوبۇسلاردىن دېڭىزغا قاراۋاتقان ساياھەتچىلەرنى، بېلىقچىلارنى ساقلاپ تۇرغان مۈشۈكلەرنى؛ ئىلگىرى ھېس قىلىپ باقمىغان ئېگىز دەرەخلەرنى، ئەزەلدىن بىلمەيدىغان سىرلىق داچىلار، تاملار ۋە گۈللۈكلەرنى، تاغقا ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتكەن تار يوللارنى، يىراقتا نامايان بولغان ئىستانبۇلنى − ئۇنىڭ مەسچىتلىرىنى، نامراتلار رايونلىرىنى، كۆۋرۈكلىرىنى، مۇنارلىرىنى، گۈللۈكلىرىنى ھەمدە ئېگىز بىنالىرىنى كۆرەلەيتتىڭىز.»

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


 بۈگۈن مەن يىراقتىن كېلىپ، ئورخان پامۇكنىڭ قەدەم ئىزلىرىنى بويلاپ مېڭىۋاتاتتىم. شۇ تاپتا ۋاقىت بىردىنلا كەينىگە يېنىپ، گويا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىنىڭ  مەلۇم  بىر دەقىقىلىرىدىكى ياز ئاپتىپىدا غەمكىن كېتىۋاتقان ئۆسمۈر ئورخان پامۇكنى كۆرگەندەك بولدۇم. ۋاقىت قاينىمىدا غايىب بولغان مەنزىرىلەر ۋە كىشىلەر خۇددى ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى كونا ھەم رەڭسىز سۈرەتلەرگە جان كىرگەندەك قايتىدىن ئويغىنىپ، ھەقىقىي ھاۋا ئېقىمى تەركىبىدىكى تۇزلۇق دېڭىز ھاۋاسى تۇيغۇسى بىلەن بىللە  كىشىگە ناخشىدەك بىر خىل گۈزەل تۇيغۇنى بەخش ئېتەتتى. 

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!


 بۈگۈنكى ئىستانبۇلدا ئەينى چاغلاردىكى ۋەيرانە ھالەتتىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ، ئوسمان تۈركلىرىنىڭ خارابىلىرى يېڭىلانغان، ئېگىز بىنالار ۋە داچىلار رەت - رەت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانىدى. تارىختا چاڭ - توزان ئاستىدا قالغان بۇ شەھەر ھازىر يېپيېڭى تۈسكە كىرىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى، شەھەر ئىمارەتلىرى كۆپكۆك ئاسمان، ئاپپاق بۇلۇت ئاستىدا ناھايىتى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل كۆرۈنەتتى، زامانىۋىلىق ۋە شەھەرلىشىش نەچچە مىڭ يىللىق بۇ قەدىمىي شەھەرگە تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىدى. دېڭىز قىرغىقىدا قىزلار ياز پەسلىدىكى مودا نۇسخىدىكى رەڭگارەڭ كوپتا - يوپكىلىرىنى كىيىشكىنىچە ئۇياق - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، ئىلگىرىكى پاشا سارايلىرىنى شەھەر بايلىرى سېتىۋېلىپ، يېڭى قىياپەتكە كىرگۈزگەنىدى، شەخسىي ساياھەت كېمىلىرىدە سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىۋالغان قىزلار بەدىنىگە ماي سۈرتكەچ، يېنىدىكى يىگىتى بىلەن چاقچاقلىشاتتى... بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
 ساياھەت كېمىسىدە ئىستانبۇلغا نەزەر سېلىۋېتىپ، ئىختىيارسىز ھالدا «ئالتۇندەك چاقناپ تۇرغان شەھەر» دېگەن بىر سۆز خىيالىمدىن كەچتى. ئورخان پامۇكنىڭ قەلبىدە بۇ گۈزەل شەھەرگە مۇناسىپ بولغان زامانىۋى تۇرمۇش شەكلى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ماسلىشىشچانلىق يوق ئىدى. بۈگۈنكى ئىستانبۇلدا بولسا ئۇنداق ئازاب ۋە زىددىيەتلەردىن ئاللىبۇرۇن ئىزنا قالمىغانىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 كېمىدە بىر ئىستاكان ئاپېلسىن شەربىتى ئالدىم، مۇزدەك شەربەت جانغا ھۇزۇر بېغىشلايتتى. كېمىدىكى ساياھەتچىلەرگە نەزەر سالدىم: ئۇلارنىڭ دۆلىتى، ئىرقى، مىللىتى ئوخشىمايتتى. ئامېرىكا، ياۋروپادىن كەلگەن ئاق تەنلىك، ئالتۇن چاچلىق  ساھىبجامال قىزلار ئىككى - ئۈچتىن بولۇپ يۇقىرى ئاۋازدا چاقچاقلىشىۋاتاتتى؛ ئاسىيالىق بىر يىگىت قىز دوستىنى قۇچاقلىۋالغانىدى؛ ئوتتۇرا شەرقتىن كەلگەن، ياغلىق چىگىۋالغان بىر مۇسۇلمان ئايال ئوماق بالىسىنى قۇچىقىغا ئېلىۋالغانىدى. مەن فوتو ئاپپاراتىمنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا توغرىلىشىم بىلەن، بۇ ئايال خىجىل بولغىنىچە بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، كۈلۈپ قويدى. ئىز تورى www.iz.la
 دېڭىز شامىلى پات - پات يۈزۈمگە ئۇرۇلاتتى، بىزدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە دۇنياغا مەشھۇر پوسفور بوغۇزى كۆۋرۈكى كۆرۈندى. بۇ كۆۋرۈك 1970 - يىلى سېلىنىشقا باشلاپ، 1973 - يىلى پۈتۈپ  قاتناش باشلانغان. ئۇ ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان، دېڭىز ئۈستىدىن ھالقىغان دۇنيادىكى بىردىنبىر كۆۋرۈك ئىدى. چىڭقىچۈشتە كۆۋرۈك ئۈستىدە تولىمۇ قايناق مەنزىرە پەيدا بولاتتى، يەنى كۆۋرۈكتە ھەر خىل ئاپتوموبىللار  ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. كېمىمىزنىڭ بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن ئالتۇن رەڭلىك قۇياش نۇرى كۆۋرۈك گەۋدىسىنى كۆز ئالدىمىزدا باشقىدىن نامايان قىلىشقا باشلىدى. ئىز تورى www.iz.la
  − قاراڭلار، دېلفىن!
 بۇ گۈزەل مەنزىرىنى كىم ئەڭ بالدۇر بايقىدىكىن، ھەممىمىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كەتتۇق. مەنمۇ باشقىلار قارىغان تەرەپكە قارىدىم، دەرۋەقە بىرنەچچە دېلفىن بىز بىلەن مۆكۈشمەك ئويناۋاتقاندەك پات - پات دېڭىز يۈزىگە ئېتىلىپ چىقىپ، بىر - بىرى بىلەن ئوينىشىۋاتاتتى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 كۈن نۇرى، كۆپكۆك ئاسمان، ھەيۋەتلىك كۆۋرۈك، ئوماق دېلفىنلار ھەمدە يىراقتىكى ئىستانبۇلنىڭ مەنزىرىسى كۆز ئالدىمدا تېزدىن ئۆتمەكتە ئىدى. بۇنداق گۈزەل مەنزىرە، بۇنداق ئازادە كەيپىياتقا ئادەم ئۆمرىدە نەچچە قېتىم ئېرىشەلەيدۇ؟ كۆزلىرىمنى يۇمۇۋالدىم، دېڭىز شامىلى چاچلىرىمنى، كۆڭلىكىمنى ئۇچۇرماقتا، دىمىقىمغا دېڭىزنىڭ نەمخۇش ھىدى ئۇرۇلماقتا. ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتمەكتە ئىدى، لېكىن پوسفور بوغۇزىدىكى بۇ مەنزىرە قەلبىمدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانىدى. مەن خۇشال ئىدىم، كاللامدا باشقا خىياللار يوق ئىدى، پەقەت گۈزەل مەنزىرىلا مېنى جەلپ قىلاتتى. بەلكىم ئورخان پامۇكلا مېنىڭ مۇشۇ دەقىقىلەردىكى كەيپىياتىمىنى چۈشىنەلىشى مۇمكىن ئىدى.

copyright by www.iz.la


 «تۇرمۇشتىن قايغۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، − دەيدۇ ئورخان پامۇك، − قانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، مەن پوسفور بوغۇزى قىرغىقىدا ھەر ۋاقىت سەيلە قىلىپ يۈرەلەيمەن.» copyright by www.iz.la
   
كاپالى چارشى بازىرىدىكى ھېسسىياتچان ئەرلەر
  ساياھەت جەريانىدا بازار ئايلىنىشنى ياقتۇرمايدىغان قىزلار بولمىسا كېرەك. ئىستانبۇلدا كاپالى چارشى بازىرى (Kapalicarsi Grand Bazar – )غا بارمىغان قىزلاردىن باشقىلار: بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
   − سىز قىز بالىمۇ؟ − دەپ سورايدۇ.
 «كاپالى چارشى» دېگەن سۆز ـــ «ئۈستى يېپىلغان بازار» دېگەن مەنىدە بولۇپ، «بازار» دېگەن سۆز شىنجاڭغا بارغان دوستلارغا ناتونۇش بولمىسا كېرەك. خەنزۇ تىلىدا ئېيتىلىدىغان بازار ھەقىقىي مەنىدىكى تۈرلۈك ماللار شىركىتى بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى بۇ بازاردا يايما ئېچىپ سېتىشقا بولىدىغان ھەرقانداق بۇيۇملار يىغىلغانىكەن. «بازار» − ھازىرقى زاماندىكى تۈرلۈك ماللار شىركىتىنىڭ «بوۋىسى» بولۇپ، ئۇ غايىۋىلەشكەن، ساپلاشقان، كوللېكتىپلاشقان، بىرلىككە كەلگەن تەپەككۇر شەكلى بىلەن تاۋار ئىگىلىكى بىرلەشتۈرۈلۈپ ھەم ئوخشاشلىقلار قوشۇلۇپ، پەيدىنپەي شەكىللەنگەن بىر خىل سودا ئەندىزىسى ئىدى. ئىز تورى بەك ياخشى
 «كاپالى چارشى» ئىستانبۇلدىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئاۋات بازار ئىدى: كۆلىمى ئۈچ كىۋادرات كىلومېتىر كېلەتتى، بازاردا 18 دەرۋازا، 65 كوچا، 4400دىن ئارتۇق دۇكان بار بولۇپ، ئادەم سەللا دىققەت قىلمىسا، ئېزىپ قالاتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
 مەن چېڭ شۆمېي بىلەن 1 - نومۇرلۇق دەرۋازا يېنىدا ئامېرىكا دوللىرىنى تۈركىيە لىراسىغا ئالماشتۇردۇم. بازارغا كىرىشىمىز بىلەن بىر - بىرىدىن ھەشەمەتلىك دۇكانلار كۆزىمىزگە  چېلىقىشقا  باشلىدى.
www.iz.la

 دانىيەلىك بالىلار يازغۇچىسى ئاندېرسېنمۇ 1841 - يىلى 4 - ئايدا بۇ بازارغا كەلگەنىكەن. ئاندېرسېننىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، بۇ بازارنىڭ ئەينى چاغلاردىكى ئومۇمىي مۇھىتى ھازىرقى بىلەن ماھىيەتلىك پەرقلەنمىسىمۇ، مەنزىرىسى ھازىرقىدىن رەڭگارەڭ ئىدى، ئۇ سودىگەرلەرنىڭ مىللىتىنى توغرا ئېيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە پەرقىگە باھا بەرگەن.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بازار ئۆزگەرمىگەنىدى، ئوخشاشلىقلارنى بىرلەشتۈرىدىغان بۇ مەدەنىيەت يەنىلا ساقلىنىپ قالغانىدى، لېكىن كۈچلۈك مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كىيىم - كېچەكلەرنى «غەرب شامىلى» ئۇچۇرتۇپ، ئاز بىر قىسىم ئاياللار ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەكلىرى ساقلاپ قېلىنغاندىن باشقا، ئەرلەرنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى تامامەن دېگۈدەك «ئاسسىمىلياتسىيە» بولۇپ كەتكەنىدى. مەن ئۇلارنىڭ تەق - تۇرقىغا قاراپ قايسىلىرىنىڭ تۈرك، قايسىلىرىنىڭ گىرېك، قايسىلىرىنىڭ پارس، قايسىلىرىنىڭ بۇلغار، قايسىلىرىنىڭ سىگانلىقىنى پەرقلەندۈرەلمىدىم. مەن ئاندېرسېن كۆرگەن بازارنىڭ ھازىرقىدىن رەڭدار، مىللىي پۇراقنىڭ ھازىرقىدىن قويۇق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ۋاقىت مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنى پۇختىلىماي ئاجىزلاشتۇرغان، بۇنىڭ بىلەن مىللىي خاسلىق سۇسلاشقانىدى. بۇ بەلكىم «زامانىۋىلىشىش»نىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
 كاپالى چارشى بازىرىنىڭ جەلپكارلىقى مال سېتىۋېلىشقا ئالاھىدە ھەۋىسى بار مەندەك ساياھەتچى قىزلار ئۈچۈن، ئىستانبۇلنىڭ باشقا مەنزىرىلىرىنىڭ جەلپكارلىقىدىن قېلىشمايتتى. بۇ يەردە سېتىۋالمىسا بولمايدىغان بىرنەچچە نەرسە بار ئىدى: ئىز تورى بەك ياخشى
 بىرىنچى، «كۆز» بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇملار ۋە زىبۇ - زىننەتلەر. «كۆز» تۈركىيەلىكلەر ئۈچۈن شەيتاننى قوغلىۋېتىدىغان مۇقەددەس بۇيۇم. ئۇنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى كۆك رەڭلىك بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا بىر كۆز بار ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئادەم «كۆز» تاقىۋالسا، «يامان كۆز»دىن نېرى بولىدىكەن. مەن تۈركىيەگە كېلىشتىن بۇرۇن، تەيۋەنلىك قىز جاڭ پېييۈ يازغان «تۈركىيەدە ساياھەت» دېگەن كىتابنى ئوقۇغانىدىم، ئۇنىڭدا كاپالى چارشى بازىرىدا «كۆز» بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن زىبۇ - زىننەتنى ئېھتىياتسىزلىقتىن چېقىۋەتسىمۇ، دۇكاندارنىڭ تۆلەتمەيدىغانلىقى يېزىلغانىدى. چۈنكى، تۈركىيەلىكلەرنىڭ نەزىرىدە «كۆز» بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن بۇيۇملارنىڭ چېقىلىپ كېتىشى شۇملۇقنىڭ يىراقلاشقانلىقىدىن، ياخشىلىقتىن دېرەك بېرەتتى.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

 مەن كاپالى چارشى بازىرىدا «كۆز» چۈشۈرۈلگەن ئىككى جۈپ ئالتۇن يالىتىلغان ھالقا، «كۆز» بەلگىسى ئويۇلغان ئون تال ياقۇت كۆزلۈك بىلەزۈك، ئالتە تىزىق مارجان، يەنە ئۆزۈم تاقاشقا ئىنتايىن چىرايلىق بىر تال ئۈزۈك سېتىۋالدىم. ئۈزۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا «كۆز» بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن كۆك ياقۇت، ئەتراپىدا ئىنتايىن كىچىك سۈنئىي ياقۇت بار ئىدى، بۇ ئۈزۈك كۈن نۇرىدا ۋال - ۋۇل چاقناپ، بەكمۇ چىرايلىق كۆرۈنەتتى. ئىز تورى بەك ياخشى
 ئىككىنچى، تۈركىيە مېيى، خۇش پۇراق ماتېرىياللىرى ۋە يۇيۇنۇش بۇيۇملىرى، مەسىلەن، بۇلۇت، تۇز قاتارلىقلار. تۈركىيە ھاممامى دۇنياغا داڭلىق بولۇپ، تۈركىيەلىكلەرنىڭ پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىشى يۇيۇنۇشقا ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تۈرتكە بولغانىدى. تۈركىيە مېيى ساپ ئۆسۈملۈكتىن ياسىلاتتى، خۇش پۇراق ماتېرىياللىرىنىڭ تۈرىمۇ كۆپ ئىدى. مەن بازاردىن بىر قۇتا تۈركىيە مېيىنى سېتىۋالدىم، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ تېرە قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالاھىدە ئۈنۈمى بار ئىكەن. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى بىر قېتىم ئىشلىتىپلا تاشلاپ قويدۇم، ئۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ قانداقلىقىنى بىلەلمىدىم، لېكىن پۇرىقى بەكلا كۈچلۈك ئىدى.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

 ئۈچىنچى، تۈركىيە چايلىرى ۋە ھەسەل كەمپۈتلىرى. تۈركىيەلىكلەر چاي ئىچىشكە بەكلا ئەھمىيەت بېرىدىكەن، لېكىن جۇڭگولۇقلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى، ئۇلار پەمىل چاي ۋە گۈل چايلارغا ئامراق ئىكەن. مەن ئىستانبۇلدىكى ۋاقىتتا دائىم قەھۋەخانا، چايخانىلاردا چاي ئىچتىم. تۈركىيە چايلىرىنىڭ رەڭگى قېنىق قىزىل رەڭدە بولۇپ، پۇراقلىق ئىكەن. ئۇنىڭغا بىر پارچە لىمون، ئىككى تال قەنت سېلىپ ئىچسە، بەكلا ئىچىشلىك بولىدىكەن، بۇنىڭغا يەنە كۈنجۈت سېلىنغان بىر تال بولكا بولسا، ئادەم كوچا مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاچ يېرىم كۈننىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالىدىكەن.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

   ھەسەل كەمپۈت تۈركىيەنىڭ داڭلىق يەرلىك مەھسۇلاتى. ئۇ ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرگە ھەسەل ئارىلاشتۇرۇلۇپ ياسالغان قاتتىق كەمپۈت بولۇپ، كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا يېگەن ئارپا ئۈندۈرمىسىدە ياسالغان كەمپۈتتەك ئىنتايىن ئۇزۇن سوزۇلاتتى. ئۇنىڭ ئېنېرگىيەسى ئادەتتىكى كەمپۈتلەردىن تۆۋەن بولغاچقا، يېگەن ئادەمنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتمەيدىكەن، شۇڭا كىشىلەر ئۇنىڭغا بەكلا ئامراق ئىكەن.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!


   تۆتىنچى، تۈركىيە گىلىمى. تۈركىيەلىكلەر گىلەم توقۇشقىمۇ ماھىر ئىكەن. تۈركىيەگە ساياھەتكە كەلگەنلەر تۈركىيەنى گىلەمنىڭ «بۆشۈكى» دەپ، قولدا توقۇلغان بىرەر پارچە گىلەم سېتىۋالىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، قولدا توقۇلغان گىلەمنىڭ باھاسى ماشىنىدا توقۇلغان گىلەمنىڭ باھاسىدىن نەچچە ھەسسە قىممەت بولىدۇ؛ يەنە بەزىلەر قېلىن توقۇلغان گىلەمنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمەلىيەتتە، يىپەك ئارىلاشتۇرۇلغان نېپىز گىلەملەر تېخىمۇ قىممەت بولىدۇ. مەن كۆپچىلىككە تۈركىيەدە گىلەم سېتىۋالغاندا كۆزنى يوغان ئېچىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى ئىستانبۇلدىكى بازاردا بىر تۈركىيەلىك ئەر ماڭا: «سېتىلىۋاتقان گىلەملەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ جۇڭگودا ماشىنىدا توقۇلغان گىلەملەر» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىلگىرى فىرانسىيەلىك ئەرلەرنى رومانتىك، ئىتالىيەلىك ئەرلەرنى ھېسسىياتچان، دەپ ئويلايتتىم. ئىستانبۇلدا تۇرغان بىر ھەپتىدە تۈركىيەلىك ئەرلەرنىڭ قىزلارنى قوغلىشىشقا بەكلا ئۇستىلىقىنى بايقىدىم. كاپالى چارشى بازىرىدا مەن بۇنداق ئەرلەرنى كۆپ ئۇچراتتىم.

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]


   ئەرلەرنىڭ بۇ ئىشى دەسلەپتە بىر زىبۇ - زىننەت دۇكىنىدا دوستۇمغا ھالقا تاللاۋاتقاندا يۈز بەردى. دۇكاندار 30 ياشتىن ئاشقان تۈركىيەلىك ئەر ئىدى. ئۇ مېنىڭ ھالقىلارغا ئەستايىدىل قاراۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، تۇيۇقسىزلا: تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
− بۇ ھالقىنى ئېلىڭ، ئەرزان بېرەي، سىزگە يەنە سوۋغا بېرىمەن، − دېدى.
   باھا تالىشىش ھۈنىرىم ئەسقېتىپتۇ، دەپ ئىچىمدە خۇش بولدۇم. بۇ دۇكاندار ھالقىنى ماڭا ھەقىقەتەن ئەرزان بەردى، لېكىن سوۋغا بەرگەندىكى قىلىقلىرى مېنى ھەيران قالدۇردى: ئۇ ماڭا «كۆز»لۈك ئىنتايىن چىرايلىق بىر تال ئالتۇن رەڭ زەنجىر بېرىپ، ئۆزى تاقاپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مەن دوستلۇق يۈزىسىدىن ماقۇل بولدۇم، لېكىن ئۇنىڭ زەنجىرنى بوينۇمغا تاقاۋاتقاندىكى بەزى بىنورمال ھەرىكەت ۋە قىلىقلىرى مېنى بەكلا بىئارام قىلىپ قويدى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
   مەن چېڭ شۆمېي بىلەن بىر گىلەم دۇكىنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، دۇكاندار ياپونچە، كورېيانچە، خەنزۇچە: «ياخشىمۇ سىلەر؟» دەپ سالام بەردى، بىز ئۇنىڭغا خەنزۇچە جاۋاب قايتۇردۇق، ئۇ خۇشاللىقىدا كېلىپ مېنى تارتىشقا باشلىدى. مەن گىلەم ئالمايدىغانلىقىمنى ئېيتسام، ئۇ ئىنگلىزچە: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
− سىز مەن ئۇچراتقان ئەڭ گۈزەل جۇڭگولۇق قىز، مەن دائىم جۇڭگوغا سىلەر توقۇغان گىلەملەرنى ئالىغىلى بارىمەن. مەن بىلەن ئارىلىشىشنى خالامسىز؟ تېلېفون نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ، جۇڭگوغا بارغاندا مەن سىزگە تېلېفون بېرىمەن... − دەپ كەتتى.
ئىز تورى بەك ياخشى

قىزلار، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەڭلار! بۇ «بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇش»مۇ؟ ئۇلارنىڭ ئوخشاش بىر گەپنى كورېيەلىك، ياپونىيەلىك، ئامېرىكىلىق، فىرانسىيەلىك، جۈملىدىن بىزدەك ئوماق جۇڭگولۇق قىزلارغا كۈندە قانچە قېتىم دەيدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ؟ ئىز تورى بەك ياخشى
تۈركىيەلىك ئەرلەر ھەقىقەتەن ھېسسىياتچان كېلىدىكەن.
   
تۈركىيە نازۇنېمەتلىرى
   
   تۈركىيەدىكى نەچچە كۈندە بىزنىڭ تاماقلىرىمىز خەنزۇچە ياكى كورېيانچىلا بولدى، چۈنكى ئارىمىزدىكى ئۈچ ئەر چاۋشيەن مىللىتىدىن ئىدى. بىر كۈنى كەچتە چېڭ شۆمېي تۇيۇقسىز:

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


تۈركىيە نازۇنېمەتلىرىنى تېتىپ باقمايمىزمۇ، − دەپ قالدى.
− شۇنداق قىلايلى! − دېدى جىن لەنجۇ كاللىسىغا تۇيۇقسىز بىر نەرسە كەلگەندەك بولۇپ، − كورېيانچە تاماقلار ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، يەنجىدە كۈندە يەۋالىغىلى بولىدۇ، لېكىن ھەقىقىي تۈركىيە نازۇنېمەتلىرىنى پەقەت تۈركىيەدىلا يېگىلى بولىدۇ - دە. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىز سۇلتان ئەھمەد مەيدانىنىڭ يېنىدا باشقىلار داڭلىق دەپ تونۇشتۇرغان بىر كاۋاپخانىغا كىردۇق. دۇكاننىڭ بېزىلىشى ئادەتتىكىچە ئىدى، دۇكان چوڭ بولمىسىمۇ، ئادەمگە ئائىلىدەك ئىللىقلىق ئاتا قىلاتتى. تامغا بۇ دۇكانغا كەلگەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ سۈرەتلىرى چاپلاقلىق بولۇپ، جۇڭگودىكى ئاشخانىلارغا ئوخشايتتى. مەن سۈرەتلەرگە زەن سېلىپ قارىسام، كۆپىنچىسى غەربلىكلەر ئىكەن. ئەمما، ئۇلارنىڭ بىرسىنىمۇ تونۇيالمىدىم، ئۇلار بەلكىم تۈركىيەلىك داڭلىق شەخسلەردۇ، دەپمۇ ئويلاپ قالدىم. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
 ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئىككى ئەر مۇلازىم تىزىملىكنى كۆتۈرۈپ كەلدى. تۈركىيە تاماقلىرىمۇ غەربچە تاماقلاردەك ئىشتىھا ئاچىدىغان تاماق، باش تاماق، ئاساسىي تاماق، تاتلىق - تۇرۇم قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدىكەن. مەن ئىشتىھا ئاچىدىغان تاماققا شوخلا، مۇچ، بېلىجان ۋە تۈزلۇق زەيتۇن بۇيرۇتتۇم، بۇلار ئىشتىھايىمنى ھەقىقەتەن ئاچتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
 ئىشتىھا ئاچىدىغان تاماقتىن كېيىن، مۇلازىم نەچچە پارچە نان كەلتۈردى. غەربچە تاماقتا ئادەتتە ھەر خىل بولكىلارنى توختىماي ئەكېلىپ تۇراتتى، لېكىن تۈركىيەدە ئىككى قات پېتىر خېمىردا تەييارلانغان «پىدە» دەيدىغان نانلا كەلتۈرۈلەتتى. پىدە قاتتىقمۇ ئەمەس، يۇمشاقمۇ ئەمەس بولۇپ، سوزۇلاتتى، نېپىز ئىدى. مۇلازىم پىدىگە قوشۇپ ئەكەلگەن پىشلاق تالقىنى ھەم چۈچۈك، ھەم تۇزلۇق ئىدى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
 ئاساسلىق تاماققا كاۋاپ − قوي گۆشى، توخۇ گۆشى كاۋاپلىرىنى بۇيرۇتتۇق، مۇلازىم كاۋاپقا قوشۇپ «دۇرۇم» دەيدىغان ناننى چىقاردى. دۇرۇم يۇمشاق بولۇپ، پىدىگە ئوخشىمايتتى. بىز ئۇنىڭدا گۆش، شوخلا، پىيازلارنى يۆگەپ يېدۇق.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


 تۈركىيەلىكلەرنىڭ «ئايران» دەيدىغان ئىچىملىكىنى مەن مولدوۋادىمۇ ئىچكەنىدىم، ئۇ ئەمەلىيەتتە تۇز سېلىنغان قېتىق ئىدى. بىز دۆلىتىمىزدە قېتىقنى ئەسلىي تەمى بىلەن ياكى شېكەر سېلىپ ئىچىمىز، مولدوۋا بىلەن تۈركىيەدىلا بۇنداق تۇزلۇق قېتىقنى ئىچكىلى بولاتتى. ئايران ـــ سۇيۇق بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى قېتىقلاردەك قويۇق، سۈت تەملىك ئەمەس ئىدى. تۈركىيەلىكلەر كاۋاپ يېگەچ، ئايران ئىچىشكە ئامراق ئىكەن. بۇ بەلكىم مايلىق كاۋاپ بىلەن ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قېتىقنىڭ ماسلاشتۇرۇلغانلىقى بولسا كېرەك.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 غەربچە تاماق يېگەنلەر ئاخىرىدا چىقىدىغان تاتلىق - تۇرۇمغا بەكلا ئامراق كېلىدۇ. مەن تۇنجى قېتىم ھەقىقىي غەربچە تاماقنى بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقاندا دوستۇم مېنى «پىسا خات»قا پىسا يېيىشكە تەكلىپ قىلغاندا يېگەنىدىم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
 «پىسا خات»تا يەنە تۇنجى قېتىم «تىرامىسۇ» يېگەن. ئۇ ئىتالىيانچە قويۇق قەھۋە، تۇخۇم، شېكەر، مېۋە ھارىقى، شاكىلات، پىرەنىك، ماسكارپون ئىرىمچىكى،  قايماقلارنىڭ تەمى ئارىلاشقان، ئۈستىگە يەنە دارچىن تالقىنى قېلىن سېپىلگەن ئىتالىيانچە تاتلىق - تۇرۇم ئىدى. ئۇنىڭدا تاتلىق، ئاچچىق تەملەر ئارىلىشىپ كەتكەنىدى. مەن ئەنگلىيەدە ئوقۇۋاتقاندا، يۇرتۇمدىكى بىر دوستۇم ماڭا يازغان خەتتە تىرامىسۇغا ئامراقلىقىنى ئېيتىپتۇ، چۈنكى ئىتالىيانچە بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «مېنى ئېلىپ كەت»، «مېنى ئۇنتۇما» ئىدى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
 بۈگۈن يەۋاتقىنىم تۈركىيەچە تاماق بولسىمۇ، ماڭا ئىلگىرىكى ئاشۇ ئىشلارنى ئېسىمگە كەلتۈردى. ئايراننى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئىشارەت قىلىۋىدىم، مۇلازىم گۈرۈچتە تەييارلانغان «سۇتلېگ» دەيدىغان ئاخىرقى تاماقنى كەلتۈردى. سۇتلېگنىڭ ئۈستىگە نېپىز بىر قەۋەت دارچىن تالقىنى سېپىلگەن، ئىچى قايماق، تۇخۇم، خېمىردا تەييارلانغانىدى. ئۇ ئىنتايىن لەززەتلىك ئىدى. تىرامىسۇدا تاتلىق تەم ئىچىدە سۇس ئاچچىق تەم بولسا، سۇتلېگنىڭ خۇش پۇرىقى ماڭا بەختنى ھېس قىلدۇردى. www.iz.la
  بۇ ۋاقىتتىكى بەخت تىلىمنىڭ ئۇچىدىكى بىردەملىك گۈزەل تۇيغۇ ئىدى.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

 
(خەنزۇچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-    يىللىق 9 - سانىدىن پولات ئېزىز تەرجىمە قىلغان)

ئىز تورى بەك ياخشى

 مەنبە ............... جوڭگو مىللەتلىرى ژورنىلى www.iz.la

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس