ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ياپونىيە چىقىدىغان «دىپلوماتشۇناسلار» ژۇرنىلى تورى يېقىندا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ھەربىي ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى جامۇس. ھورمۇسنىڭ «ئابې شىنزۇنىڭ 1-دۇنيا ئۇرۇشى توغرىسىدىكى سېلىشتۇرمىسى پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: 2014-يىلى كىرىپ بىر ئاي ئۆتمەي، سىياسەت ۋە ئىلىم ساھەسىدە 1-دۇنيا ئۇرۇشى توغرىسىدىكى سېلىشتۇرما ھەممە جاينى بىر ئالدى.
بۇندىن بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن، پىروفېسسور يۈسۈپ نەي ماقالە ئېلان قىلىپ، كىشىلەرنى 1-دۇنيا ئۇرۇشى توغرىسىدا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. ئۇ كۆپچىلىكنى تارىخنى ئەينەك قىلىپ سېلىشتۇرۇپ، قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشتىن پەخەس بولۇشقا ئالاھىدە ئاگاھلاندۇردى. ئوبزورچى ئەربابلار نۆۋەتتىكى ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ رىقابىتى ۋە ئەينى يىللاردىكى ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ رىقابىتىگە باشقىچە قاراشتا بولۇپ، ھەمىشە تارىخنىڭ قايتا تەكرارلىنىدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەي قالمايدۇ.
www.iz.la
1-دۇنيا ئۇرۇشى توغرىسىدىكى سېلىشتۇرۇش مودا بولۇشتىن بۇرۇن، «دىپلوماتشۇناسلار» ژۇرنىلى بۇ خىل سېلىشتۇرۇشنى ئىشلىتىشكە باشلىدى. كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا، ياۋروپانىڭ تارىخى ئاسىيانىڭ كەلگۈسى بولماسلىقى مۇمكىن. يۈسۈپ نەي مۇنداق دەپ قارىدى: نۇرغۇن كۆرسەتكۈچلەردىن قارىغاندا، گېرمانىيە 1914-يىلى ئەنگلىيەدىن ئېشىپ كەتكەن، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئومۇمىي ھەربىي ئىشلار، ئىقتىساد ۋە يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىدىن قارىغاندا، يەنىلا جۇڭگودىن نەچچە ئون يىل بۇرۇن تۇرىدۇ.
ئىز تورى www.iz.la
بۇرۇن تۇرۇشىدا گەپ يوق، لېكىن نەچچە ئون يىل بۇرۇن تۇرامدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېيىش تەس. ئومۇمىي ھەربىي ئەمەلىي كۈچى مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى رىقابەت رەقىبىنىڭ مۇۋاپىق ۋاقىتتا كۆپ قىسىم ئەمەلىي كۈچىنى ئاچقۇچلۇق جايلارغا مەركەزلەشتۈرەلىگەنلىكى. بۇ جايلار ئامېرىكىغا ئەمەس، جۇڭگوغا يېقىن. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بېيجىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان جاي، ئالايلۇق: شەرقى ئاسىيا دېڭىز ساھىلىدە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئامېرىكا ئارمىيەسىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئۈستۈنلۈككە ئىگە. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
بىز 1-دۇنيا ئۇرۇشى تېمىسىدىكى باشقا ئۆزگىرىشلەرنى ئاڭلىدۇق. ئالايلۇق: ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزۇ ئۆتكەن ھەپتىدە 2014-يىلى بىلەن 1914-يىلىنى ئوخشاش ئورۇنغا قويۇپ مۇنازىرە قىلدى. لېكىن ئۇ ئامېرىكىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيەگە سېلىشتۇرمىدى، جۇڭگونى گېرمانىيەگە سېلىشتۇرمىدى، بۈگۈنكى ياپونىيە ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيەنىڭ رولىنى ئوينىماقتا دەپ قارىدى، بۇنداق دېيىشتىكى ئاساسى قەيەردە؟ ئۇ مۇنداق دېدى: شەرقى ئاسىيا مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە تۇرىۋاتقاندا، ئىقتىساد جەھەتتىكى ئۆز-ئارا تايىنىش يەرلىك سىياسەت جەھەتتىكى دۈشمەنلىشىش ۋەزىيىتىنى پەسەيتەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى بىلگىلى بولىدۇكى، مۇشۇنداق گەپ-سۆزلەرگە بېيجىڭ قانداق ئىنكاس بىلدۈرىدۇ؟ چۈنكى بېيجىڭ ئەزەلدىن گېرمانىيە بىلەن مادارىنىڭ يېتىشىچە ئارىلىق ساقلاپ كەلگەن. ئىز تورى بەك ياخشى
ئابې شىنزۇنىڭ رەدىيە بەرگىنى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىدا مودا بولغان نۇقتىئىنەزەر. يەنى ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئۆز-ئارا تايىنىش سىياسىي ساھەدىكى ئېغىر-بېسىق ئەربابلارنى ئۇرۇش قوزغاشتىن ساقلاپ قالغان. ئەنگلىيە ئالىمى نومان ئەنجىلنىڭ «چوڭ خىيالىي تۇيغۇ» ماۋزۇلۇق ئەسىرى بۇ خىل نۇقتىئىنەزەرنى شەكىللەندۈرگەن. ستانفورت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى داۋېي ستار جوردان ئامېرىكىدا ئەنجېلنىڭ نۇقتىئىنەزىرىگە تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئەگىشىپ كەتكەن. ئابې بىزنى شۇنىڭغا ئەسكەرتتىكى، مەيلى بۇ خىل خىيال 1914-يىلىدىن بۇرۇن قانچە ئاقىلانىلىك بولسۇن، ھەرقايسى دۆلەتلەر بەزى ۋاقىتتا سودا ۋە گۈللىنىشنىڭ سىرتىدىكى نەرسىلەرگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
ئابې شىنزۇ 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئارقىلىق بىر خىل چەكلىك نۇقتىئىنەزەرنى ئىپادىلىدى. 1914-يىلى ئەنگلىيە ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. ئامېرىكا ئۇرۇشقا قاتناشقۇچى دۆلەت ئەمەس ئىدى. ناۋادا ھازىرقى ئاسىيا بىلەن بولغان سېلشتۇرمىنى تېخىمۇ توغرا بولسۇن دەيدىكەنمىز، ئەنگلىيەنى ھازىرقى ياپونىيە بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا بىلەن بۇرۇنلا ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى بار، ۋاشىنگتون بولسا بۇنىڭ ئىچىدىكى ئورنى بىر قەدەر يۇقىرى تەرەپ. لېكىن، ئامېرىكا ئەينى چاغدا قەد كۆتۈرۈۋاتقان رايون چوڭ دۆلىتى ئىدى، ئەمما ئەنگلىيە بولسا دېڭىزدىكى زومىگەر ئىدى. بۇ «ئامېرىكا ياپونىيە بىخەتەرلىك قوغداش شەرتنامىسى» بىلەن ھەرگىزمۇ ئوخشاش ئىش ئەمەس. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇنىڭدىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، 2014-يىلىدىكى ياپونىيەنى 1914-يىلىدىكى ئەنگلىيە بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ خىل سېلىشتۇرۇش ناھايىتى تېزلا پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ، ئەگەر مۇشۇنداق سېلىشتۇرۇش مۇۋاپىق ئەمەس دېسەك، بىزنىڭ كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم چىقىرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، بىراق تارىخىي سېلىشتۇرۇش ھەمىشە چەكلىك بولىدۇ.
www.iz.la
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
