ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
سىز پەرىشتە ئەمەس ، لېكىن پەرىشتە بولۇشىنى ئويلامسىز . گۈزەللىكىنى سۆيۈش ئادەمىنىڭ تەبىئىتى . بەزىلەر گىرىم قىلىشىنى ، ياسىنىشىنى ئويلايدۇ ، لېكىن باشىقىلارنىڭ سۆز _چۆچەك قىلىشىدىن قورقىدۇ . كىشلەرنىڭ گۈزەللىكىنى سۆيۈش ھوقۇقى بار . سىز نېمە دېسڭىز مەيلى ، لېكىن مەن ئۆزۈمىنىڭ ئىشىنى قىلىۋېرىمەن . گۈزەللىك سېپىگە قوشۇلۇڭ ، گۈزەللىك سىزگە ئىشەنچ ، خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ ، گۈزەللىك سىزدە يۇقىرىغا ئۆرلەش ئىرادىسى تۇرغۇزىدۇ . بەدەن گۈزەللىكى تۇرمۇشىتىكى گۈزەللىكىلەر ئىچىدە كىشىنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان گۈزەللىك . قايسىبر ياش گۈزەللىكىنى سۆيمىسۇن ؟ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى ، گۈزەللىك پەقەت ئايرىم ساندىكى قىزلارغىلا نېسىپ بولىدۇ . تۇغما گۈزەللىك بارلىق مەۋجۇداتلارغا نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاي ، يىلىلار قىزلارنىڭ رۇخسارىغا نۇقسان يەتكۈزىدۇ . ئاياللارنىڭ يوشۇرۇن گۈزەللىكىنى قېزىپ ، ئۇلارنىڭ چىراي گۈزەللىكىنى ساقلاپ قېلىشىتا ، تېببىي ئۇسۇل بىلەن ھۆسىن تۈزەش ئاياللارنىڭ بارغانسېرى ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولدى . ھۆسىن تۈزەش ئوپېراتسىيسى ئارقىلىق سىزگە كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۆز ، قاڭشار ، زىناق ، ئاجايىپ سېھرىي كۈچگە ئىگە بىر جۈپ لەۋ ئاتا قىلىغىلى بولىدۇ . قورۇقىنى يوقىتىش ئارقىلىق ياشلىق باھارىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ . كۆكرەكنى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئەمچىكى سولشىپ قالغانلار ، يېڭىۋاشىتىن كۆكسى تولغان ھالەتكە قايتىدۇ . بۇنڭىدىن باشقا يۈز شەكلىنى ئۆزگەرتىش ، قورساقىنى كىچىكىلىتىپ ، بەلىنى زىلىۋالاشتۇرۇش ، ئاستىنىقى ئېڭەكىنى كۆتۈرۈش ، ياڭاق سۆڭەكىنى پەسەيتىش قاتارلىق ئوپېراتسىيلەر ھۆسىن تۈزەش ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مۇمىكىن بولدى . كومپىيۇتېر ھۆسىن تۈزەش لايىھىلەش ، توغرىلىق دەرىجىسى ۋە ئۈنۈمى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . ئۇنڭىدىن باشقا ، يۇقىرى پەن _تېخىنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يېڭىدىن ھۆسىن تۈزەش ، تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى ، گىرىم بۇيۇملىرى بارلىققا كېلىپ ، ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە بېيتىتى . گۈزەللىكىنى سۆيىدىغان خانىم _قىزلار دادىللىق بىلەن گۈزەللىك سېپىگە قوشۇلۇڭلار .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە............گۈزەللىك بۇلىقى تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
